خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسنى شالاڭلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ئاخىرىقى مەقسەدلەر

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئ‍اسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسى مەسىلىسى ھەققىدە بىر قىسىم خىتاي ئالىملىرىنىڭ كۆپلىگەن دوكلاتلارنى تەييارلاپ چىققانلىقى ئوخشىمىغان يوللاردىن مەلۇم بولغان ئىدى. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىگە خاتىمە بېرىش» تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن تەپسىلاتلار ئاشكارا بولدى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى 20 يىلنى كۆزلىگەن بۇ نىشانى ئەمەلگە ئاشسا، ئاز دېگەندىمۇ تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ غايىپ بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. دەل مۇشۇ مەسىلە لوندون شەھرىدە داۋام قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنداقلا مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سامنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا مەركەزلەشكەن بىر قىسىم سوئاللار سوت ئەھلىگە بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللارنى سۈرەتلەپ بەردى.

سوتچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلىۋاتقان نوپۇسنى «ئەلالاشتۇرۇش» نامىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەمدە بۇنىڭدىكى مەقسەدلەر بولدى. دوكتۇر رايان سامنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ «چاتاق چىقىرىۋاتقانلىقىنىڭ مەنبەسى» دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بەكمۇ تەپسىلى بايان قىلىنغان. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە بارلىق ئالىملار ۋە مۇتەخەسسلەر پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغان بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشتىكى ئاساسلىق نىشانى «ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق» نى كۆزلەش ئىكەن. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلۈكىنى بۇزۇپ تاشلاش ھەمدە خىتاي نوپۇسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشتا خىتاينىڭ بىڭتۇەن سىستېمىسى بەكمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا ئىكەن. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى پۈتۈنلەي شى جىنپىڭنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 2014-يىلىدىن بۇيان راۋرۇس ئۇتۇقلۇق بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تەشۋىقاتلىرىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاسسىمىلاتسىيە تەدبىرلىرى بىردەك «مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «دۆلەت تىلى» نى قوللىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمۇ «جۇڭخۇا ئۇسلۇبى» نى ئېلشقا يۈزلەندۈرۈلگەن. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆزگەرتىلىپ، خىتايچە ئۆي جابدۇقلىرى بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق شەيئىلەر خىتايچە ئۇسلۇبتىكى شەيئىلەرگە ئالماشتۇرۇلغان. ئەمما «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان بۇ ئىجتىمائىي ھەركەتلەردە خىتايلارغا ئۇيغۇرچە تىل ئۆگىتىلمىگەن، خىتايلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتلىرى قوشۇلمىغان. «مەدەنىيەت» پەقەت بىر يۆنىلىش بويىچە ئۆزگەرتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا ھالدا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ «جوڭخۇا مىللىتى» گە ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پروفېسسور رايان سامنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆسمۈرلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىن باشلانغان ئاسسىمىلاتسىيە تەدبىرلىرى ھازىر بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» گە ئايلاندۇرۇشقا خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. بۇ سەبىيلەر مەكتەپلەردە خىتايچە تىلنى ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە خىتايچە ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈرىدىكەن، كوڭزى دەۋرىدىكى خىتايچە كىيىملەرنى كىيىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى جانلىق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر (سۆسۈن) ۋە خىتاي (سېرىق) نوپۇسىنىڭ نىسبىتى رەڭلىك چېكىتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن خەرىتىنى يىغىن ئەھلىگە كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ بولغان خىتاي نوپۇسىنىڭ نۆۋەتتىكى كېڭىيىشى تارىم ۋادىسىنى نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى نىشان بۇ جاينىمۇ شىمالغا ئوخشاش پۈتۈنلەي خىتايلار ئىگىلىگەن بىر ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن.

پروفېسسور رايان سامنڭ پىكرىچە، ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، دېگەن ئۈمدتە خىتايچە مەكتەپلەرگە بەرگەن. كېيىنچە يەنە شۇ ئۈمىدتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يولغا سالغان. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىنى ياخشى ئ‍ۆگىنىپ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ چىققان بولسىمۇ، يەنىلا خىتايلارنىڭ يەكلىشى ۋە كەمسىتىشىدىن خالىي بولالمىغان. ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن رېئاللىق ئۇيغۇرلار بۇ خىل كەمسىتىشتىن ئەبەدىي خالىي بولالمايدىغانلىقىنى جانلىق كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئۇ گۇۋاھلىق سۆزلىرىنىڭ ئاخرىدا ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق يەر-زېمىنلارنى تارتىۋېلىش قىلمىشىنىڭ نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر زېمىندارلار ۋە پۇلدارلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىۋاتقان قىسمەتلەر ئىكەنلىكىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك مەيلى نوپۇسنى شالاڭلىتىش تەدبىرلىرى بولسۇن ياكى ئاسسىمىلاتسىيە چارىلىرى بولسۇن، بۇ ھەقتىكى بارلىق بۇيرۇقلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئەمەس، بەلكى بېيجىڭدىن كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە شەرھىلەپ ئۆتتى.