ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.11.04
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 7-قېتىملىق نوپۇس تىزىملاش 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى2020-يىللىق نوپۇس تىزىملاشنىڭ ئائىلىمۇ-ئائىلە، ئادەممۇ-ئادەم تەكشۈرۈپ تىزىملاش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، جايلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى ئەينەن مەلۇم قىلىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە يەنە 2021-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشكە زور كۆلەمدە ئادەم كۈچى ئاجرىتىلغان. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 7 مىليوندىن ئارتۇق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچى ئائىلىمۇ-ئائىلە كىرىپ نوپۇس تىزىملاشقا باشلىغان. ئۇيغۇر رايونىدا بولسا 7-قېتىملىق نوپۇس تىزىملاش خىزمىتىگە 137 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى ئاجرىتىلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ قاتارلىق خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلارنىڭ 2020-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشنى ئائىلىمۇ-ئائىلە، ئادەممۇ-ئادەم ئىنچىكە تەكشۈرۈش، نوپۇس سانىنى ئەينەن مەلۇم قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىگەنلىكى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 7-قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈشنىڭ بۇ قەدەر داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلىنىشى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي تەدبىرلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلگەن ۋە بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھۆججەت ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى خەلقئاراغا ئاشكارىلاشتا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى.

ئاسىيە خانىم 4-نويابىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتلىك ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى 6 قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتايدا 1953-يىلى 1-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش باشلانغان. ئىلگىرىكى 6 قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش 1953-يىلى، 1964-يىلى، 1982-يىلى، 1990-يىلى، 2000-يىلى ۋە 2010-يىلىدا ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەت مىقياسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغان. 1966-يىلدىن 1980-يىلغىچە بولغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلى دەپ ئاتالغان يىللاردا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىسكىسى ئېلان قىلىنمىغان.

ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتالغان بۇ بېسىۋېلىنغان زېمىننى ئىدارە قىلىش سىياسىتىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشى 2020-يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇس يۇقۇمى پۈتكۈل خىتاي ۋە دۇنيادا ئېغىر يۇقۇم ئاپىتىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرگەن، يۇقۇم ئاپىتىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقى كۈچەيگەن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە جازالاش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتكە توغرا كېلىشى جىددىي دىققەت قوزغايدىكەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2017-يىلىدىن بۇيانقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان، لاگېردىن چىققان ئۇيغۇرلار مەجبۇرى ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇلغان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇشى مەجبۇرى چەكلىنىپ، رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا ئازىيىپ كەتكەنلىكى خەلقئارادا مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشى ھەم يېڭىدىن بەزى سىياسىي تەدبىرلەرنى ئېلىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار خەلقئارادا ئاشكارىلىق دەرىجىسى تۆۋەن، بىر تەرەپلىمە، ئىشەنچسىز مەلۇماتلار دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىنىڭ قانداق شارائىتتا، نېمە مەقسەتتە ۋە قانداق نەتىجىنى كۆزلەپ ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ خەلقئارادا مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بايانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەر خىل ناملاردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىشى، رايوندا مەجبۇرى يۈرگۈزۈۋاتقان تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بارغانچە ئازلاپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە 2017-يىلدىن بۇيانقى رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا نوپۇسنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئازايتىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بىراقلا ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.