ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي «ئامېرىكا دۆلەتلىك گۈزەللەر مۇسابىقىسى» گە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

0:00 / 0:00

ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق ئادالەت سابىت خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاسپورتنى يىغىۋېلىش سىياسىتىنىڭ قۇربانلىرىدىن بولۇۋاتقان يولدىشى ئابلىمىت ئابلىز بىلەن جەم بولالماي، يىللاردىن بۇيان ئائىلە جۇدالىقىنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل بەش ياشقا كىرگەن قىزى ئەردەنئاي تۇغۇلغاندىن بۇيان دادىسى بىلەن زادىلا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان.

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئەردەنئاي «ئامېرىكا دۆلەتلىك گۈزەللەر مۇسابىقىسى» نىڭ ۋىرجىنىيە شتاتلىق بالىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. مۇسابىقە ئوخشىمىغان تۈرلەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ دادا-بالا بىللە ماڭىدىغان بۆلىكىدە كېچىككىنە ئەردەنئاي باشقا ماھىرلارنىڭ دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىغا بوغۇلغان.

ئەردەنئاي مۇسابىقىدە
ئەردەنئاي مۇسابىقىدە (ئادالەت سابىت)

ئادالەت خانىم بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ھەققىدە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، مەزكۇر مۇسابىقە ۋە قىزى ئەردەنئاينىڭ سەھنىدە كۆرسەتكەن ماھارەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئەردەنئايمۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردەنئاي «ماھارەت كۆرسىتىش» بۆلىكىدە ئەتلەس كۆڭلەك ۋە چىمەن دوپپا بىلەن سەھنىگە چېقىپ «چىمەن دوپپا» ناملىق ئۇيغۇر بالىلار ناخشىسىغا ئۇسۇل ئوينىغان. پائالىيەت ئارىلىقىدا ئەردەنئاي ئۇچىسىدىكى ئەتلەس كۆڭلەك، بېشىدىكى چىمەن دوپپىسى ۋە ئوينىغان ئۇسسۇلىغا قىزىقىپ توختىماي ھەر خىل سوئاللارنى سوراشقان ماھىرلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن.

ئادالەت خانىم ئەردەنئاينىڭ نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈنگەن بولسىمۇ، مۇشۇنداق خۇشال مىنۇتلارنى دادا-بالىنىڭ بىرگە ئۆتكۈزەلمىگەنلىكى، ئەردەنئاينىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش سەھنىدىن چۈشكەندە دادىسىنى بىر قۇچاقلىۋېلىش پۇرسىتىنىڭمۇ بولمىغانلىقىدىن كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا ئامېرىكا گۈزەللىرىنى تاللاش باش كومىتېتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ مەيىس ئەپەندى ئادالەت خانىم ۋە قىزى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، قىزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئالاھىدە تەبرىكلىگەن. شۇنداقلا ئەردەنئاينىڭ دادىسى بىلەن تېزرەك جەم بولۇشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەردەنئاي مۇسابىقىدە
ئەردەنئاي مۇسابىقىدە (ئادالەت سابىت)

ستېۋ مەيىس ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەردەن ئۇيغۇر بۈگۈن ‹2023-يىللىق ئامېرىكا ۋىرجىنىيە گۈزەللەر مەلىكىسىنى تاللاش مۇسابىقىسى› گە قاتناشتى. ئۇ ئۆز ماھارەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسى بىزگە ناھايىتى چوڭ ئىلھام بولدى. بۇ كىچىك قىزدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ بارلىق باھالىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئىقتىدارىمۇ كۈچلۈك ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ شۇنچە كىچىك تۇرۇپ ئائىلىسىنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىشتىكى قىزغىنلىقى ھەممىمىزنى قايىل قىلدى. بىز بۇ ئۇيغۇر ئائىلىسىنى قوللايمىز ۋە خىتاينىڭ مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى باستۇرۇشىغا ۋە ئۇلارغا قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە قارشى تۇرىمىز. بۇ قورقۇنچلۇق ۋە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان بىر ئەھۋال. بىز ئەردەننىڭ دادىسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى قوللايمىز. ئۇنىڭ بىر كۈنى دادىسى بىلەن جەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئادالەت سابىت خانىم ۋە قىزى ئەردەنئاي مۇسابىقە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ مەيس ئەپەندى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى
ئادالەت سابىت خانىم ۋە قىزى ئەردەنئاي مۇسابىقە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېۋ مەيس ئەپەندى بىلەن بىللە چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى (ئادالەت سابىت)

ئادالەت خانىم زىيارەت ئارىلىقىدا يولدىشى بىلەن بولغان بۇ ئايرىلىشنىڭ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقلا يولدىشى بىلەن جەم بولالمىغان ھەر بىر كۈننىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلە بولۇپ ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالدى. ئۇ بىر تەرەپتىن يولدىشىنىڭ ئامېرىكىغا كېلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن پائالىيەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ ئەردەنئاينى دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياخشى چوڭ قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلىدە مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئۇسسۇلچىسى بولۇپ، ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتىكەن.

«ئامېرىكا دۆلەتلىك گۈزەللەر مۇسابىقىسى» يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە بولۇپ، 2003-يىلى تەسىس قىلىنغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە شوئارىنىڭ «ئىشەنچنى ئاشۇرۇش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.