غۇلجادا بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئاچلىق كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىغا سەۋەپ بولغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىزچىل ھالدا خەۋەر قىلىنماقتا.
مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، غۇلجانىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىدا ئىككى كىشىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق قامال مەزگىلىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى.
بىز غۇلجادىكى ئاھالىلەرنىڭ قامال مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزغا ئېھتىيات بىلەن جاۋاپ بەرگەن ئاھالىلەر ئۆز تۇرمۇشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ھالبۇكى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاھالىلەرنىڭ ئاچلىق كرىزىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى ۋە بۇ كرىزىسىنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىغا يول ئېچىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالماقتا.

ئاھالىلەردىن بىرى، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئارائۆستەڭ يېزىسىدا ئىككى كىشىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق قامال مەزگىلىدە ئوزۇق-تۆلۈك ۋە دورا يېتىشمەسلىكتىن جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر يېزا گۈركىرەتمە كەنتىنىڭ قوغداش خادىمى، بۇ يېزىدا ئىككى كىشىنىڭ قامال مەزگىلىدە جان ئۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، ئەمما ئۇ بۇ ئىككى كىشىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، بۇ يېزىدا 12 كەنت بارلىقى، ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تونۇمايدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئالاقىدار مەسئۇل خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ئىككى كىشىنىڭ كونكىرېت ئۆلۈم سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدىمۇ، ئۇ بۇ ھەقتە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملاردىن مەلۇمات ئالماي تۇرۇپ جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈركىرەتمە كەنتىنىڭ بىر خادىمىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭى ئىكەنلىكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كەنت ئاياللار مۇدىرى، يېزىدا ئاچلىق كرىزىسىدىن ئۆلگەن ئىككى كىشىنىڭ بىرى ئەر، بىرى ئايال ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ئۆلگەن ئەر كىشىنىڭ ساۋۇت تۇرسۇن ئىسىملىك بىرسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئوزۇق-تۆلۈك ۋە دورا قېيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىپ، 10 كۈندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە بۇ مەھەللىدە يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئۆلگەن يەنە بىر كىشىنىڭ گۈلبەھرەم ئىسىملىك بىر دېھقان ئايال ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇر ئىككى ئۆلۈم ھەققىدە دەسلەپتە يىپ ئۇچى بەرگەن ئاھالە، ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ دورسى يېتىشمەسلىك، يەنە بىرسىنىڭ بولسا قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خاپىلىقلار سەۋەبلىك جان ئۈزگەنلىكىنى، بۇ خاپىلىقتىن ئۆلگۈچىنىڭ ئەسلىدە يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. مەزكۇر ئاياللار مۇدىرى، ساۋۇت تۇرسۇننىڭ يۈرەك كېسلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما گۈلبەھرەمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
يەنە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا بىر كەنت خادىمى ئارائۆستەڭدىكى مەزكۇر ئىككى كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىدى.
سوئال: تەۋەلىكىڭىزدىكى گۈلبەھرەم دېگەن ئايالدىن ھال سوراپ بارغان ۋاقتىڭىز بارمۇ؟
جاۋاپ: ئۇ بەك ئاز گەپ قىلىدىغان ئايال، پەقەت دەرت ئېيتمايدۇ؟
سوئا: ئۇنداقتا، ئۇياقنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى راست ئوخشىمامدۇ؟
جاۋاپ: چوقۇم شۇنداق دەپ بىلىمەن.
سوئال: ئۇنداقتا، ساۋۇت تۇرسۇنچۇ ؟
جاۋاپ: ئۇ ئاكىمىزمۇ ئوزۇق-تۆلۈك يېتىشمەي ئاچلىقتىن ئۆلگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۆنۈگۈن تورغا چىققان ئۇچۇردا بىر ئائىلىدىن 4 ئۆسمۈر بالىنىڭ ئېغىر ئاغرىپ ھاياتى خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقى شىكايەت قىلىنغان ئىدى. بۈگۈنكى بىر ئۇچۇردا بىر ئۆسمۈر قىزنىڭ ئۆيىدە يالغۇز جان ئۈزگەنلىكى ئىنكاس قىلىنغان.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى مەۋلان سىدىق دېگەن كىشىنىڭ قامال مەزگىلىدە دورىسى ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، غۇلجا ناھىيەسىدە ئاز دېگەندە 12 كىشىنىڭ قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلاردىن جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.