خىتاي ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قايتا پارتلىغان يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇم مەركىزى بولغان غۇلجىدا يولغا قويغان قامال خاراكتېرلىك قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ غۇلجا خەلقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئاچارچىلىق گىردابىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەھدىت ئاستىدا قويغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا. يەرلىك دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ھەر خىل قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، بىراق غۇلجا خەلقىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان، ئەمما رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنمىگەن ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرىدە قامالنىڭ بولۇپمۇ غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ۋە رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ مەھەللە ۋە رايونلاردا ئاچارچىلىق ۋە تېببىي لاۋازىمات يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
غۇلجىنىڭ دۆلەتباغ ئاھالىلەر باشقارمىسىغا قاراشلىق ھەرقايسى مەھەللە ۋە ئىجتىمائىي رايونلار ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان كونا رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ، غۇلجىدا كارانتىن ئەڭ قاتتىق يولغا قويۇلغان، ئاھالىلەر ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرىدۇر. دۆلەتباغ ئاھالىلەر باشقارمىسى تەۋەسىدىكى بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئايال رادىيومىزغا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «كارانتىن» نامىدا ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىنى سىرتتىن قۇلۇپلاپ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئۆيىدە سولاپ قويغىنىغا 35 كۈن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار قاراشلىق ئىجتىمائىي رايوندىكى كارانتىن ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار ۋە ئاتالمىش «پىدائىيلار» ئۆتكەن ھەپتە كېلىپ ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت 12-سېنتەبىر كۈنى يەنە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ كۈنى سائەت 6 دىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى 9 مەھەللىدە «تۇراقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا «تۇراقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» بىكار قىلىنغان مەھەللىلەرنىڭ 88 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بىراق «تۇراقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» بىكار قىلىنغان مەھەللىلەرنىڭ خەرىتىدىكى ئورۇنلىشىشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-سېنتەبىر كۈنى «تۇراقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» بىكار قىلىنغان مەھەللىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي نوپۇسى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان رايونلار ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.
غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، كارانتىن تەدبىرى تېخى بىكار قىلىنمىغان بولۇپ، غۇلجىدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي رايونلارنىڭ كارانتىن ئەھۋالى پەرقلىق ئىكەن.
غۇلجىنىڭ دەريا بويى يولىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خىتاي ئايال 12-سېنتەبىر رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «مەن ئىلى دەرياسى يولىدا، يەنى غۇلجىنىڭ ئىلى دەرياسى يولىدا ئولتۇرىمەن. ھازىر كارانتىن بىكار قىلىنغىنى يوق. سىز كىم بولىسىز؟ مۇنداق دەڭ، يۇقۇم ئەھۋالىغا كەلسەك بۇ ئەمەلىيەتتە بۇنى توردىن كۆرەلەيسىز. بىزنىڭ بۇ رايوننى ئەھۋالى بىر ئاز ئوخشىمايدۇ. ھەر قايسى رايونلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى پەرقلىنىدۇ.»
غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تارقالغان قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم چاقىرىقلىرىغا ئائىت ۋىدىيولىرىدىن كارانتىن سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق، ئوزۇقلۇق ۋە دورا يېتىشمەسلىك نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاچارچىلىقتىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا توردا يۇقۇمغا دائىر ئاتالمىش «ئۆسەك سۆز» تارقاتقانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق غۇلجىنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلىرىدىكى بەزى ئاھالىلەر قامال تەدبىرلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كوچىغا چىققان ۋە ئىجتىمائىي رايون خادىملىرىغا ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش يۇقۇم «پىدائىيلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
رايوندىن كەلگەن، ئەمما تېخى بىز دەلىللىمىگەن ئەڭ يېڭى ۋىدىيولارنىڭ بىرىدىن غۇلجىنىڭ قارادۆڭ يېزىسىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان بىر مەھەللە ئاھالىسىنىڭ قامال تەدبىرلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كوچىغا چىققان ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى.
غۇلجىدىكى ۋەزىيەت ئوخشاش بىر ۋاقىتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا، بولۇپمۇ غۇلجالىق ئۇيغۇرلاردا ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئاۋسترىيەدە ياشاۋاتقان كامران، ئاتا-ئانىسى غۇلجىدىكى بۇ قېتىمقى قامالدا كارانتىنغا ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ 12-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى 3 ھەپتە ئىلگىرى كارانتىنغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ئانىسى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قورغاستىكى بىر كارانتىن مەركىزىگە ئېلىپ كېتىلگەن دادىسىدىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىكەن.
خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا غۇلجىنى كەڭ كۆلەملىك قامال قىلىپ، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە روھىي بېسىم ۋە ئاچارچىلىق پەيدا قىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى پارتلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشقا چاقىرغان.