ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادا قامال 40 كۈندىن ئېشىشى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر دۇچ كەلگەن ئاچارچىلىق كرىزىسى يەنە بىر بالداق يوقۇرى ئۆرلىگەن. نەتىجىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ قارادۆڭ قاتارلىق يېزا ۋە كوچا باشقارمىلىرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر قامالنى بۆسۈپ كوچىلارغا چىققان. مۇخبىرىمىزنىڭ مانا بۇ ۋەزىيەت ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېڭىھايات ساقچىخانىسى 11-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كوچىغا چىققانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. قارادۆڭ يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، قارادۆڭ بويىچە 617 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ئىنكاسلاردىن پاش بولۇشىچە، لاگېر ۋە تۈرمىلەر سەۋەبلىك ئاساسلىق ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان غۇلجادىكى يەرلىك ئاھالىلەر، بۇ قېتىمقى قامال كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق كرىزىسىگە بەرداشلىق بېرىشكە ئاجىزلىق قىلغان. نەتىجىدە بىر قىسىم جايلاردا ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كېلىپ چىققان. بىر قىسىم ئاھالىلەر ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن بۇ ھاياتىي تەھدىتكە قارىتا نارازىلىق ھېسسىياتىنى ۋە پىكىرلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىغان، بولۇپمۇ ئۇششاق تىجارەتكە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، ئۆيلىرىدە يېتىپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشنى ئەمەس، بەلكى قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىقىش ۋە جانلىرىنى ساقلاپ قېلىش يولىنى تاللىغان.
ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىز غۇلجادىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەر يېڭىھايات ساقچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى، 11-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى كوچىغا چىققانلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە چوقۇم تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن يېڭىھايات يېزىسىدىن تۇتۇلغانلارنىڭ سانىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئېنىق ساننى دېلو بىجىرگىچىلەرنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ كىملىكىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەھۋالنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا قارادۆڭ مەھەللىسىدىن باشقا يەنە قاراۋاي مەھەللىسىدكى ئاھالىلەرنىڭمۇ كوچىلارغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان، ئەمما يېڭىھايات يېزىسىدىن كوچىغا چىققانلار ھەققىدە ئۇچۇر يوق ئىدى. مەزكۇر خادىمنىڭ دەلىللىشى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئاچلىق كرىزىسىگە دۇچ كەلگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن كوچىغا چىققانلارنىڭ پەقەتلا ئاز بىر قىسمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.
بىز ئارقىدىن غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، 11-سېنتەبىر (يەكشەنبە) كۈنى قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىققانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. نۆۋەتچى، كوچىغا چىققانلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن كوچىغا چىققانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ، بۇ ھەقتە ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىدا مەلۇمات بارلىقىنى، شۇنداقلا بۇ توغرىلىق توردىمۇ ئۇچۇر بارلىقىنى بايان قىلدى.
ھالبۇكى، 11-سېنتەبىر، يەنى تۆنۈگۈن ساقچى دائىرىلىرى تارقاتقان بىر ئۇچۇردا، غۇلجا شەھىرىدە قامالنى بۇزغان پەقەت ئىككى كىشىنىڭ 5 كۈنلۈكتىن توختىتىپ قويۇش جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى، بۇلارنىڭ بىرى خىتاي، يەنە بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يازغان ئىنكاسلىرىدا، بۇ ئۇچۇرنىڭ پەقەت تەشۋىقات مەقسىتى ئۈچۈن تارقىتىلغانلىقى ۋە رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن؛ جازالانغۇچىلارنىڭ چوقۇم بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، دېلو تۇرغۇزۇش ئىشىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچىخانىلارنىڭ قىلىدىغانلىقىنى ۋە شۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا باشتىن-ئاخىر غۇلجا شەھىرىدە قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىققانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.
بىز ئاخىرىدا ئاھالىلىرى كوچىغا چىققانلىقىنى ئېنىق بولغان قارادۆڭدىكى بىر كەنت ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى دەسلەپتە ئاھالىلەرنىڭ قامال مەزگىلىدە ھېچقانداق قېيىنچلىققا يولۇقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئارقىدىن سوئالىمىزغا جاۋابەن كوچىغا چىققانلارنىڭ كۆپىچىسىنىڭ ئازدۇرۇلغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سوراق داۋامىدا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ قارادۆڭ يېزىسى بويىچە جەمئىي 617 نەپەر كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ماتېرىيللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قارىدۆڭ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 18 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 270 مىڭ ئەتراپىدا دەپ خاتىرىلەنگەن غۇلجا شەھىرىدە، جەمئىي قانچى كىشىنىڭ قامالنى بۆسۈپ چىققانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
يوقۇرىدا غۇلجادا ئاچلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي قامالنى بۆسۈپ كوچىغا چىققان ئاھالىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، نۆۋەتتە قارىدۆڭ يېزىسىدىنلا 617 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.