ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاي ئاچ قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى ۋە مىللىي روھىنى سۇندۇرالمىدى»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسىدا غۇلجانى پۈتۈنلەي قامال قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئۇزۇق-تۈلۈكسىز ۋە ياردەمسىز قۇيۇۋاتقىلى 40 كۈندىن ئېشىپ كەتتى. خىتاينىڭ ئۇچۇرنى شۇنچە قاتتىق قامال قىلىشىغا قارىماستىن ئۇيغۇرلار خىتايدا ئىشلىتىش ئىمكانى بولغانلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئاۋازىنى چىقىرىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان قىسقا ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرى، غۇلجادىكى ئاچ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ نالە-زارلىرى ۋە ئىلتىجالىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قاتتىق قامالىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئېيتقاندەك، «ئاچ قويۇپ قىرغىنچىلىق قىلىش» قىلمىشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردە تارقالغان سىن فىلىملىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرى-ياش ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى غۇلجا خەلقىگە ياردەم قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇلاردىن ئۆيىدە قەپ قالغان بىر خالتا ئۇنىنى ئاچلىقتا قىينىلىپ قالغانلارغا قانداق يەتكۈزۈش غېمىدە يول بويىدا ئولتۇرغان تۇرپانلىق بىر موماينىڭ كۆرۈنۈشى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. قولىدا قالغان 100 سوم پۇلدىن 50 سومنى مەھەللە كومىتېتىدىكى كادىر قىزغا سۇنۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈنىۋاتقان يەنە بىر يالغۇز موماينىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنچىلىك تەسىرلىك. قول ئىلكىدە بارىنى غۇلجا خەلقىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتىغان ۋە باشقىلارنىمۇ ئاۋاز قېتىشقا چاقىرغان قەشقەرلىك بىر سودىگەرنىڭ چاقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىغان. . . ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس خەيرى-ساخاۋەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، يىغىلغان ياردەم بۇيۇملىرىنى غۇلجاغا ئاپىرىپ بېرىشكە ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ تەييار بولغان ئۈچ يىگىتنىڭ ۋىدىيو كۆرۈنۈشىمۇ مەۋجۇت.

غۇلجادا ئاچارچىلىق مەسىلىسى ئوتتۇرغا چىققاندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشى ۋە ھېچ قانداق خەيرى-ساخاۋەت ياردەملىرىنىڭ قامالدا ئاچ قالغان ئۇيغۇرلارغا يېتىپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى جان تالىشىۋاتقان قېرنداشلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقىمۇ ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك ۋىجدانىي ۋە روھي ئازابلارغا مۇپتىلا قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل توسالغۇلارغا قارىماي ئاچلىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ھەر تەرەپتىن تۇشمۇ-تۇشتىن ئاتلانغانلىقى، قول-ئىلكىدە بار ساخاۋەتچى بايلارلا ئەمەس، بەلكى كۈنىنى ئاران ئېلىۋاتقانلارنىڭمۇ قولىدا نېمىسى بولسا شۇنى ئاتاۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەختە-لەختە قىلىپ، كۆزلىرىنى نەملەتمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان بۇ تەسىرلىك سىن كۆرۈنۈشلىرى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، باشقىلارنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقى، قولىدا بارىنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئېسىل ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى نامايەن قىلماقتا. بۇ كۆرۈنۈشلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىككە تولغان مىللىي ئەخلاقىنىڭ ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ ئۆزگەرمەي داۋاملىشوىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئۇمىدىنى ھېچنىمىنىڭ يىمىرەلمەيدىغانلىقى ئىپادىلەپ بەرمەكتە.

بۇ ۋېدىيولار ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى ھەقىقدە رادىيومىزغا ئۆز ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن، گېرمانىيەدىكى تۈركولوگ، دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندى، بۇ كۆرۈنۈشلەر ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ۋىجدانىي خىسلىتى ۋە مىللىي روھىنى ئىپادە قىلىپ بېرىدۇ، دېدى.

خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تىن ئىبارەت قاتتىق قامالى نەتىجىسىدە غۇلجا خەلقىدە ئېغىر ئاۋارچىلىق كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىكىدىن ھەرىكەتلىنىپ، غۇلجادىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىشقا تىرىشقان. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ غۇلجاغا ئەۋەتكەن شۇنچە كۆپ ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ بىر بۇردا نانغا زار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈلمىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

نۆۋەتتە قاتتىق قامال قىلىشنىڭ يالغۇز غۇلجادىلا ئەمەس بەلكى ئۈرۈمچى، تۇرپان، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلارغىمۇ كېڭىيىۋاتقانلىقى، بۇ خىل قامال تەدبىرى ئۇزارغانسىرى، باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ غۇلجا خەلقىگە ئوخشاشلا ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشى مۇمكىنلىكىنىڭ شەپىسى كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇم ئېغىر بولۇۋاتقان رايونلاردا خىتايلارغا بىكارلىق ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن ئاشۇرۇپ تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق تەمىنلەشتىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقى، ھەتتا قەستەن ئاچ قالدۇرۇلىۋاتقانلىقى، ھەتتا ئاممىنىڭ ئۆزلىكىدىن بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقىغا دائىر سىن كۈرۈنۈشلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلانماقتا.

11-سېنتەبىر تارقالغان بىر ۋېدىيودا، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ 2 مىڭ دانە نان ۋە گۈشلۈك يېمەكلىكلەرنى قىيىنچىلىقتا قالغان مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغاندا، مەھەللە كومېتىتىدىكى خىتاي كادىر تەرىپىدىن ئېغىر تىل-ئاھانەتلەر بىلەن توسۇپ قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ ھوشيارلىقىنى يوقاتمىغان غۇلجا خەلقى ئىجتىماىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزللىرىگە ياردەمنىڭ يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ رەھىمسىزلىكلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان «يۇقۇم مەزگىلىدە ئېغۋا تارقىتىپ جەمئىيەتتە يامان تەسر پەيدا قىلدى»، «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزدى» دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن قاتتىق تەقىپلەرگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭى بىر شەكلى بولغان «ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش» تەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە دۇنيادىكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان، ئاچارچىلىق يۈز بېرىۋاتقان رايونلارغا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىن ياردەم ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئاچلىقتىن ئۆلۈشتەك يەنە بىر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ئەگەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىنسانىي ھەقلىرىدىن سۆز ئېچىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق ھەق-ھوقۇقلارغا ئېرىشىشكە ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاچلىقتا قىينىۋاتقان ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن «نېمە قىلالايمىز؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە كەسكىن ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنى ئاچارچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز نامايىش پائالىيەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى، بەلكى ھۆكۈمەتلەرگە، تارتقۇلار ۋە مەتبۇئاتلارغا گۇۋاھلىق بېرىش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە دائىر ئىسپاتلارنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا ئوخشاشا ئەمەلىي ئىشلارغا ئالاھىدە ئاھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.