خىتاي ھۆكۈمىتى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىردە يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى يۈرگەزگەن ئومۇمىييۈزلۈك قامالنى بىر قىسىم جايلاردا بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۇقۇمنىڭ قايتا يامرىغانلىقى، رايوندىكى شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول، ئاپتوبۇس قاتنىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتقا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، شەھەرلەر ئارا ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاتنايدىغان بارلىق قۇرۇقلۇق قاتنىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق جايلىرىدىن ئايرىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تەدبىرلەر يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى توسۇپ، «پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتايىنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلىشىگە ياخشى مۇھىت ھازىرلاش» نى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابى 4-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغا ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ تەدبىرلەر خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن «ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ سىرتقا تارقىلىش خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن» ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ زۆرۈر بولمىسا غۇلجادىن، شۇنداقلا شىنجاڭدىن ئايرىلماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قايتىدىن قامال يۈرگۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىشىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، ئۇنىڭ يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ ئىلمىيلىكىگە گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەردە تېخىمۇ كۆپ سۇئال پەيدا قىلدى. ئامېرىكا ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنىستىتىتىنىڭ گېن پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مايسەم مۇتەلىپوۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى يۈرگۈزگەن كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق ئىكەن. ئۇ، ھازىرقى يېڭى تىپلىق تاجىسىمان ۋىرۇسى ۋارىيانتلىرىنىڭ ھېچبىرى ئادەم ئۆلتۈرمەيدىغانلىقى، ئىنسانلاردا يۇقۇمغا قارشى ئىممۇنت كۈچى پەيدا بولۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ 5-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى بولمىغان «مۇتلەق باھانە» ئىكەن.
يېقىنقى 60 نەچچە كۈندىن بېرى غۇلجانى مەركەز قىلىپ تۇرپان، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا يۈرگۈزۈلگەن قاتتىق كارانتىن، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلاردا ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، ئادەم ئۈلۈش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي سالامەتلىكى، ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشىغا قاتتىق ۋەيرانچىلىق ئىلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان بىر پەيتتە يولغا قويۇلۇشى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا تېخىمۇ قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان.
كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ دېرىكتورى مەمەت توختى 5-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قامالنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىنسان بولۇش سۈپىتىدە «ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلارغا ئېرىشىش ھوقۇقىدىن يەنە مەھرۇم قويۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈردى. مەمەت توختىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنسانلارنى ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ ئەقەللىي ئېھتىياجلاردىن مەقسەتلىك مەھرۇم قىلىش، خەلقارا ئەھدىنامىلاردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەشكىل قىلىدىكەن.
رادىيومىز غۇلجادىكى كارانتىندا ئاز دېگەندە 22 كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكى، گۇما ناھىيەسىدە يۇقۇمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان دېزىنفىكسىيەلەشتە 13 كىشىنىڭ زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزگەن يۇقۇمغا قارشى كارانتىن تەدبىرى ئۇنىڭ يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ 5-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: «كېلەر ھەپتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى ئاچىدۇ. بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئەمەلىيەتتە خىتتاينىڭ يۇقۇم مەسىلىسى ۋە يۇقۇمغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرى يۈقىرى دەرىجىدە سىياسىيلاشقان. ئۇ پۈتۈنلەي سىياسەتكە خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا يۇقۇم تەدبىرلىرى سىياسىي ئېھتىياجغا قاراپ قاتتىق ياكى يۇمشاق بولۇپ كەلدى.»
شيا مىڭنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدەا كارانتىن تەدبىرلىرىنى بۇنداق قاتتىق يۈرگۈزۈشىدىكى سەۋەب، «شىنجاڭ مەسىلىسى» نىڭ 20-قۇرۇلتاي مەزگىلىدە چوڭ بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتىكى چوڭ ۋەزىيەتتە، بولۇپمۇ شىنجاڭ مەسىلىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ خەلقىگە بولغان كونتروللۇق جازا لاگېرلىرى ۋە قاتتىق باستۇرۇش، مەدەنىيەت، دىنىي جەھەتتىكى ھەر خىل بۇزغۇنچىلىقلار ئارقىلىق ساقلىنىپ كەلدى. شۇڭا كومپارتىيە بۇنىڭدىن چوڭ چاتاق چىقىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىتى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلى بۇ رايوننى قاتتىق قامال قىلىشتا بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشلىتىپ، 20-قۇتۇلياي جەريانىدا شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ بىر قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنماقتا.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى، كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەيىبنى ئاساسىي قاتلامدىكى كارانتىن خادىملىرىنىڭ يېتەرلىك كەسپ ئەھلى بولمىغانلىقىغا ئارتقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رائىسى ليۇ سۇشې، 4-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش توغرىسىدىكى ئاخبارات يىغىنىدا، ئىككى ئايدىن بېرى يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» نى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقى، يۇقۇمنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە ئىككى يېتەرسىزلىك كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىرىنچىدىن، بىر قىسىم جايلاردا خەۋپلىك رايونلارنى تۈرلەرگە ئايرىش ئىلمىي بولمىغان. «مۇقۇملاشتۇرۇپ باشقۇرۇش» زۆرۈر بولغان مەھەللە ۋە ئولتۇراق رايونلاردا ئاھالىلەرنى سىرتقا چىقارماسلىق قاتتىق ئىجرا قىلىمىغان. ئىككىنچىدىن، يادرو كىسلاتالىق تەكشۈرۈشتە مەسىلە كۆرۈلگەن. تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بەزى خادىملار كەسپ ئەھلى ئەمەس بولۇپ، بۇ مەشغۇلات قائىدىسىگە، تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزگەن ئىكەن.