خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتكەنىدى. بۇ تەدبىرلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايلارچە ئەركىنلىكىدىن ئايرىلىشقا، ئاچ قېلىشقا، بارلىق مال-بىساتى، ئىشلەپ تېرىغان ھوسۇللىرىدىن ۋاز كېچىشكە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىنكاس قىلىنغانىدى.
ھالبۇكى ئىشىكلىرى سىرتتىن قۇلۇپلانغان ئاھالىلەر داۋاملىق ھالدا ئۆي بېسىپ يۇقۇملانغاندىن باشقا، ۋاقتىدا داۋالىنالماسلىق، ئاچ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا دائىر ئېچىنىشلىق ئۇچۇرلارمۇ رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللىنىپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى ئاممىنى ئۆز ئۆيلىرىگە قاماش ۋە ئايرىپ كۆزىتىش مەركەزلىرى، كارانتىن نۇقتىلىرىغا ئايرىپ تەقىب قىلىش داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك يۇقۇم كونترول مەزگىلىدە، ئۇيغۇر دىيارى قىش پەسلىگە كىرىشى بىلەن بۇ خىل ئۈنۈمسىز، ئەمما ئاشقۇن تەدبىرلەرنىڭ ئەمدىلىكتە رايوندا ئاممىنىڭ سوغۇقتىن ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش، ھەتتا توڭلاشتىن كېسەل بولۇش، ھەتتا ئۆلۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىمۇ پەرەز قىلىنماقتا.
دائىرىلەر 16-ئۆكتەبىر، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمدارلارنىڭ سانى نۆل بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەمما ئىككى ئۆتۈپ ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 19-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا يۇقۇمنىڭ قايتىدىن كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى كارانتىن ۋە قامال ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ چارىسىز ئەھۋالغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ جەرياندا، تىك-توكتىكى ۋىدىيولاردا ۋە باشقا ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا خىتاينىڭ يالغۇز غۇلجا، ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس كورلا، سانجى ۋە باشقا جايلاردىمۇ ۋاقىتلىق كارانتىن دوختۇرخانىسى، ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرىنى يەنە داۋاملىق قۇرۇپ كېڭەيتىۋاتقانلىقى، كارانتىن ئورۇنلىرىغا ئاپتوبۇسلاردا توشۇلۇۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا كىچىك بالىلاردىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە ھەر خىل ياشتىكى ئىنسانلارنىڭ بارلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
بۇ خىل جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان كارانتىن مەركەزلىرىنىڭ ئەخلەتلەرگە تولۇپ كەتكەن ناچار تازىلىق شارائىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى تېببىي تەدبىر ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىغا گۇمان پەيدا قىلسا، دائىرىلەرنىڭ ھاۋانىڭ سوۋۇپ قالغىنىغا قارىماي، كىشىلەرنى لاتىلىق ياكى سۇلياۋلىق كارانتىن كەپىلىرىگە داۋاملىق سولاۋاتقانلىقىغا دائىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى كۆرۈنۈشلەر، بۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى ھەم ھاياتى بىخەتەرلىكىگە قارىتا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇدىرى سوفىي رېچاردسون(Sophie Richardson) مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى كوۋىد يۇقۇمى مەزگىلىدىكى قامال تەدبىرىگە دائىر ۋىدىيولۇق ئىنكاسلار ھەممە كىشىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدەك ئۇچۇر ئېغىر دەرىجىدە قامال قىلىنغان بىر جايدا، بۇ خىل كارانتىن ئورۇنلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش تېخىمۇ تەس، دائىرىلەرنىڭ قوللىنىۋاتقان تەدبىرلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن مۈشكۈل. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىكى يۇقۇم كونتروللۇقى، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ئىنتايىن زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا».
بۇ خىل، ئىنساننى ئەندىشىگە سالىدىغان تەدبىرلەر داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 20-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىلغان. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى يوليورۇقلىرىنى قەتئىي ۋە تولۇق ئىجرا قىلىش» تەكىتلىنىپ «بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئۆزى غەلىبە» ئىكەنلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
تىۋىتتېردا فاڭ شىمىن ئىسىملىك بىر ئابونتنىڭ تارقاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدە 20-ئۆكتەبىر كەچتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم تىزگىنلەش تەدبىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرغانلىقى توغرىلىق ئاشكارىلانغان بىر ۋىدىيو كۆرۈنۈشى زور ئىنكاس قوزغىماقتا.
بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاھىدە زور ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ مۇھىم يول-يورۇقى بىلەن شەھەرلىك پارتكوممۇ كېچىچە جىددىي ۋە مۇھىم قارار ئالدۇق.
بۈگۈنكى يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسەت، ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەر ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىلارنى دەرھال ئايرىپ تاشلاش، توك، سۇ، پار ماڭىدىغان ھەر قانداق سورۇننى ئايرىپ قامال قىلىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇش، ئايرىپ كۆزىتىش ئورۇنلىرى ئاھالىلەردىن يىراق بولۇش دېگەندەك ئىلگىرىكى باشقا شەرتلەرنى بىكار قىلىپ، بۈگۈن كەچتىن باشلاپ سۇ توك پار بولسىلا دەرھال ھەممىنى كارانتىن ئورنىغا ئايلاندۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا ياخشىلىنىش ھاسىل قىلىشتەك بۇ ۋەزىپىنى جىددىي ئورۇنلاش كېرەك!».
مەزكۇر جىددىي يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يۇقۇم كونترول تەدبىرى ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى يەتكۈزۈۋاتقان كىشىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى ما جىجۈن ئىكەنلىكى مەلۇم.
ئۇنىڭ يىغىندىكى جىددىي تۈس ئالغان بايانلىرىدىن يەنە ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىۋاتقان يۇقۇم ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن. ئۇ ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىدە، 5مىڭ ئادەم مۇسبەت چىققانلىقىنى مىسال ئالغان. ئۇ يەنە يۇقىرىقىدەك قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىش بولسا بۇ خىل تېز كۆپىيىش سۈرئىتىنى دەرھال تىزگىنلەش ھەم بۇنىڭ ھۆكۈمەت نۆۋەتتە تاپشۇرغان ئەڭ جىددىي سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىۋاتقاندىنمۇ جىددىي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بۇ يىغىن ۋىدىيوسىنىڭ كىم تەرىپىدىن قاچان تارتىلغانلىقى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇنى سىياسىي مەسىلە سۈپىتىدە جىددىي تۈردە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە خىتاي دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ جىلې ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلارغا يىغىن چاقىرىپ، ۋابانى كونترول قىلىشنىڭ سىياسىي ۋەزىپە ئىكەنلىكى، يۇقۇم كونترول خىزمىتىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن «پۈتۈن شىنجاڭدىكى ماددىي شارائىتنى تولۇق ئىشقا سېلىش لازىملىقى» تەكىتلىگەنىدى.
يۇقۇم ۋەزىيىتى بىر قەدەر ئېغىر غۇلجا، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قامال قىلىش ۋە كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆچمە داۋالاش سۇپىسى ۋە كارانتىن مەركىزى بىرلەشتۈرۈلگەن كابىنكىلىق بىر يۈرۈش ۋاقىتلىق دوختۇرخانا قۇرۇشنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقى رايوندىكى ھەقىقىي يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قارىتا گۇمان قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىشقا مەسئۇل بۇ خىتاي كادىرنىڭ بايانلىرى، ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەقىقىي يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا تېخىمۇ زور ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق كۈچەيتىپ يولغا قويۇۋاتقان چېكىدىن ئاشقان ۋە مېدىتسىنا ئۆلچەملىرىگىمۇ خىلاپ كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئاشكارىلايدىكەن.
مەمتىمىن ئەپەندى يەنە خىتاي ھەر خىل تەنقىدلىرىگە قارىماي بۇ تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىر سىياسىي تەدبىر ئىكەنلىكىنى، يەنى مۇستەبىت شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ غەربكە ئۆزىنىڭ قاتتىق سىياسەت ئارقىلىق يۇقۇمنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قۇربانلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.