نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇم ۋەزىيىتى بارغانچە ئېغىرلاشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يولغا قويغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا نارازىلىقلار كۈچەيگەن. ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە تارقالغان سىن فىلىملىرىدە، بەزى جايلاردا 80 كۈندىن ئارتۇق داۋام قىلغان قاتتىق قامال تۈپەيلىدىن، ئاھالىلەردە ئاچ قېلىش، داۋالىنالماسلىق، ھەتتا ئۆلۈم پاجىئەلىرى كۆپەيگەنلىكى، كىشىلەردە ئەنسىزلىك كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
27-ئۆكتەبىر خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئۈرۈمچى پاراڭلىرى» نامىدىكى خىتايچە يازما ئۇچۇر تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدا يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان، رايون بويىچە پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان 8 شەھەرنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە غۇلجا 87 كۈن، شىخەنزە 83 كۈن، تۇرپان 82 كۈن، ئۈرۈمچى 81 كۈن، كورلا 76 كۈن، سانجى 67 كۈن قامال ھالىتىدە تۇرماقتا، دېيىلگەن. تىزىملىكتە ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قامال قىلىنغان شەھەرلەردىن ۋۇخەن 76 كۈن، شاڭخەي 66 كۈن قامال قىلىنغان، دېيىلگەن.
ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم، بۇ خىلدىكى سىن فىلىملىرىنى خىتاي مەنبەلىرىدىن ئېلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقۇم ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاشكارىلانغان سىن فىلىملىرىدە يەنە «ۋىرۇس يۇقۇمى بايقالدى» دەپ ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاي دالاغا سېلىنغان لاگېر شەكلىدىكى ۋاقىتلىق سېلىنغان ئۆيلەرگە، چېدىرلارغا، مەكتەپ، رېستوران ياكى چېنىقىش زاللىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن كارانتىن نۇقتىلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلمەكتىكەن. يېقىنقى مەزگىللەردە كېسەل تېگىپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئاق خالاتلىق ساقچىلار ۋە مەھەللە كومىتېتى خادىملىرى تەرىپىدىن ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە نام-نىشانسىز كۆمۈۋېتىلگەنلىكىدەك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپلەپ تارقالماقتىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە ئاشكارىلانغان بۇ خىل ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئوخشاش خەلقئارا تاراتقۇلاردا دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قاتتىق قامال قىلىشى تۈپەيلىدىن يەنە نۇرغۇن ئەھۋاللار ئېنىقسىز تۇرماقتا.
يېقىندا تارقالغان سىن فىلىملىرىدە يەنە يۇقۇم قامالىغا بولغان نارازىلىقلار بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاياقلىشىشى بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن قامالنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئۈمىد ۋە تەلەپلەرمۇ ئىپادىلەنمەكتىكەن.
ھالبۇكى، مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى ۋە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتىگە بولغان گۇمان ھەم ئەندىشىلەرنى بارغانچە كۈچەيتمەكتە.
20-ئۆكتەبىردىكى بىر سىن فىلىمىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما جىجۈن ئىىسملىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ يۇقۇم خىزمىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچىدە يۇقۇمنىڭ شىددەت بىلەن تارقاۋاتقانلىقى، شۇڭا سۇ، توك، ئىسسىنىش ئەسلەھەلىرى بولغانلىقىكى جايلارنىڭ ھەممىسىنى «كارانتىن مەركەزلىرى» گە ئايلاندۇرۇش چاقىرىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىقا قاتنىشىپ، قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ما شىڭرۇيمۇ ئوخشاش سۆزلەرنى تەكرارلىغان. ئۇ 26-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئاچقان «20-قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈش يىغىنى» دا، شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال سىياسىتىنى داۋاملىق ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، رايوندىكى توك، سۇ، ئىسسىنىش قۇرۇلمىسى بولغان بارلىق جايلارنى كارانتىن نۇقتىلىرىغا ئايلاندۇرۇش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ۋەزىپە قىلىش دېگەنلەرنى قايتا-قايتا تىلغا ئالغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال تەدبىرلىرى ۋە ما شىنڭرۇي باشچىلىقىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قامال تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئاشقۇن ۋاستىلارنى قوللىنىپ ئىجرا قىلىشنى تەكلىتلىشى، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەندىشە ۋە گۇمانىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈدى. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزگەن ما شىڭرۇينىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئالىي رەھبىرى شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتايدىكى ھەر دەرىجۆىلىك ئەمەلدارلار شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال تەدبىرىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەمدە شى جىنپىڭغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنماقتىكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇيمۇ باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاشلا خىزمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز ساداقىتىنى ئىپادىلەش، تېخىمۇ يۇقۇرى ئورۇنغا ئۆرلەشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆز ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ، دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ما شىڭرۇينىڭ نۆۋەتتە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قاتتىق قامال سىياسىتىنى، شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن «رايونننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاستىلىق قۇرالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىگە قارىتا دۇنيانىڭ دىققىتىنىڭ يەنىلا يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن باشقا يەنە ھەر بىر ئۇيغۇرمۇ ۋەتەندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە رايولاردا ئاڭلىتىشى تولىمۇ زۆزۈر ھەم تەخىرسىز ئىكەن.