«كوۋىد» مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانىلاردا دورا يېتىشمەسلىك كېلىپ چىققان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ بېسىمىدا، 7-دېكابىردىن باشلاپ ئۆزلىرىنىڭ «كوۋىد» چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيانقى كۈنلەردە خىتايدا غايەت زور كۆلەملىك ۋىرۇس ۋاباسى قايتا يامراپ، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشكەن.

خىتايدىن تارقىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، نۇرغۇن جايلاردا ئىلگىرى دۇكانلاردا يېمەك-ئىچمەك قۇرۇتۇلۇش كۆرۈنگەندەك بۇ نۆۋەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دورىخانىلاردا بولسا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، يۆتەل ۋە باشقا زۇكام دورىلار قۇرۇتۇلغان. ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىدا ماسكا ۋە دورىلارنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپلا قالماستىن بەلكى بۇلارنىڭ پۈتكۈل خىتايدىكى دورىخانىلاردا قىسلىقى كېلىپ چىققانلىقى، ھەتتا «قۇرۇپ كەتكەن» لىكى خەۋەر قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئومرىكون ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن تۇنجى كىشى ھەققىدىكى خەۋەرنى 19-دېكابىر ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن بەكلا كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا يۇقۇمنىڭ نۆلنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا خەۋەر ئېلان قىلماي كەلمەكتە. ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن دوختۇرخانىلارنىڭ بىمارلارغا تولۇپ، كارىۋات يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

خىتايدىكى ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل خىتاينى قاپلايدىغانلىقى، بۇنىڭدا ئاز دېگەندىمۇ خىتاي نوپۇسىنىڭ 60 پىرسەنتى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر مىليونچە كىشىنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ باش تېما خەۋىرىگە ئايلانغانىدى.

بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى تورى بولسا 14-دېكابىردىكى خەۋىرىدە، خىتايدا ھەر بىر مىليون ئادەمدىن 684 كىشىنىڭ يۇقۇمدىن ئۈلۈشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭ بىر مىليارد 410 مىليون نوپۇسى بولغان خىتايدا، 964 مىڭ 400 ئادەمنىڭ ئۈلۈشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغانىدى.

بۇ ۋابانىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەنسىزلىكى خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا يەنە بىر ئىجتىمائىي ئاپەتكە سەۋەب بولغان يەنى، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى مىليونلىغان كىشىلەر زۇكام دورىسىدىن تارتىپ قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىغىچە بولغان دورىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «يېڭى ۋىرۇس ۋاباسىنى كونترول قىلىش قىيىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى ئاشكارا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ خىل قورقۇنچ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، كىشىلەر دورىلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىشقا باشلىغان. بۇ بازار ئېھتىياجىنى كۆرگەن دورا سودىگەرلىرى پايدا ئېلىش مەقسىتىدە، دورىلارنىڭ باھانى ھەسسىلەپ ئۆرلەتكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە بۇنىڭ بىلەن ھازىر خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى خىتايلار بەس-بەستە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردىن بۇ خىلدىكى دورىلارنى سېتىۋېلىپ خىتايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە دوستلىرىغا ئەۋەتىشكە باشلىغان.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار تارقاتقان، ئەمما بىز تېخى دەلىللىمىگەن بەزى قىسقا ۋىدىيولاردىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭمۇ بىمارلار بىلەن توشۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ ئاغرىۋاتقان كىچىك بالىلار، قېرى-ياش ھەممىنىڭ سائەتلەپ داۋالىنىشنى كۈتۈۋاتقانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

كېچىچە قىزىپ ئاغرىۋاتقان 3 ياشلاردىكى بالىسىنىڭ نالىسىغا چىدىمىغان بىر ئۇيغۇر ئاتىنىڭ تارقاتقان شۇنداق بىر ۋىدىيوسىدا، ئۇ بالىسىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ سائەتلەرچە ساقلاپمۇ داۋالاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى، دوختۇرلارنىڭ بالىسىغا «قىزىتما چۈشۈرىدىغان ئوكۇلنى تەڭشەۋاتىمىز» دەپ قويۇپ سائەتلەپ ساقلىتىۋاتقانلىقى، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقان خىتايلارنىڭ بولسا ئارقا-ئارقىدىن ئاسانلا داۋالاشقا ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقىدەك، ئۇيغۇر بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىدىمۇ ئايرىمىچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.

ئاشكارىلانغان بۇ ۋىدىيولار ئەجەبا ئۇيغۇر دىيارىدىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ دورا يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىۋاتامدۇ؟ دېگەن سوئال پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئامما ۋە دوختۇرخانىلاردىن

تېلېفون ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى بىر خىتاي ئائىلىسىگە تېلېفون ئۇلاندى. ئۇ ئۈرۈمچىدىمۇ دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈپ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭمۇ ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى مۇنداق سۆزلەپ بەردى: «دوختۇرغا بارالمايمىز، ھازىر 39،40 گرادۇس ئەتراپىدا قىزىۋاتلىقى ئىككى كۈن بولدى، كېچىدە دوختۇرخانىغا بېرىپ 6 سائەت ساقلاپمۇ كۈرۈنەلمەي قايتىپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالاھىدە ئەھۋال بولۇۋاتقان بۇ مەزگىلدە دوختۇرغا بارالمىغاننى ئاز دەپ دورىمۇ تاپقىلى بولمىغاندىن ئۆيدە بار دورىلارنىڭ ھەممىنى يىغىپ ئامال قىلىۋاتىمىز. بۇ قېتىمقىنىڭ كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئۇنچە ئېنىق مەلۇم بولمايدىكەن، شۇڭا بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتىمەن».

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسلىق دوختۇرخانىلاردىن بىرىنىڭ بالىلار بۆلۈمىگە تېلېفونىمىز ئۇلاندى. بىر پراكتىكانت دوختۇر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ دوختۇرخانىدىمۇ بىمارلارنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىپ كەتكىنىنى، ئەمما كارىۋات ۋە دورىلارنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۇيۇقسىز پارتلىغان ۋاباغا ئاممىنىڭ تەييارلىقى بولمىغاچقا، جىددىيلىشىپ ئاساسلىقى «布洛芬或对乙酰氨基酚»، يەنى «ئىبۇپروفەن» غا ئوخشاش قىزىتما چۈشۈرۈش ۋە يۆتەل، زۇكام دورىلىرىنى ئېھتىياجدىنمۇ كۆپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك دوختۇرخانىلاردىمۇ دورا يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقماقتىكەن.

يەنە بىر خىتاي سېسترانىڭ قارشى تەرەپتىن گەپ سورىشى بىلەن بۇ تېلېفونىمىز ئۈزۈپ قويۇلدى.

بىز خىتاي نوپۇسى 75 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۈرۈمچىدە كۆرۈلگەن دورا قەھەتچىلىكىنىڭ تەسىرى، خىتاي نوپۇسى ئازراق باشقا جايلاردىمۇ بولۇۋاتامدۇ-يوق بۇنى بىلىش ئۈچۈن غۇلجىنىڭ مەلۇم ناھىيەلىك ئامبۇلاتورىيەسىگە قىلغان تېلېفونىمىزغا بىر ياش سېسترا جاۋاب بەردى. ئۇمۇ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا خىتايلار دورىلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ ئىچكىرىگە ئەۋەتىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك دوختۇرخانىلاردىمۇ دورا تۈگەپتۇ دەپ ئاڭلىغانلىقى ۋە شۇڭا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جىددىي ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى كۈنلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان دورا قەھەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلارنىمۇ ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىدا دورا يېتىشمەسلىككە ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدە دورىلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ تاپقىلى بولماسلىق كېلىپ چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا دورىلارنىڭ خىتاي ئاھالىلىرى تەرىپىدىن ئىچكىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش بىلىشلىرىغا كۆپلەپ يوللىنىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

خىتايدىكى خاۋكەن قىسقا ۋىدىيو ھەمبەھىرلەپ سۇپىسىدا، 18-دېكابىر بىر خىتاي ئايال «كۆپچىلىك شىنجاڭدىن دورىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتمەڭلار!» ناملىق مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى كوۋىد چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن تۇيۇقسىز ۋاباغا قارشى خىتايدا ئامما بىراقلا ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئىلگىرى يېمەك-ئىچمەكنى بۇلىغانغا ئوخشاش دورىخانىلاردىكى دورىلارنى تالىشىپ ئېلىپ تۈگەتكەن. بۇنىڭ بىلەن قىزىتما چۈشۈرۈش دورىلىرى، ماسكىلارنىڭ باھاسىمۇ ھەسسىلەپ ئۆرلىگەن. ئەمدىلا 100 كۈندىن ئارتۇق قامالدىن قۇتۇلغان ئۈرۈمچىدىكى ئاممىغا نىسبەتەن، تېخى ئەركىنلىكتىن ھۇزۇر ئېلىشقىمۇ ئۈلگىرەلمەي قايتىدىن يۇقۇملىنىشقا باشلىغان. ئەمما دورىخانىلاردا دورىلارنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشكەن.

ئۇنىڭ دېيىشىچە يەنە، ئۇزۇن مەزگىل ئۆيلەرگە سولانغان ھالەتتە ئەسلى ئۈرۈمچىدە دورا قالماسلىق ئىنتايىن ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېنىقلىشىچە، ئەسلىدە ئۈرۈمچىگە ئاساسەن دورىلار ئىچكىرىدىكى دورا زاۋۇتى ۋە شىركەتلىرىدىن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، ھازىر، ئىچكىرىدىن كەلگەن دورىلار كىشىلەر تەرىپىدىن يەنە ئىچكىرى خىتايغا جىددىي پوچتا ئارقىلىق قايتۇرۇلۇۋاتقانىكەن. ئۇ، بۇ ۋىدىيولۇق مۇراجىئىتىنىڭ ئاخىرىدا بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى داۋالىنىش ۋە دورىغا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، دورا قىممەتلىگەن پەيتتە پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ ۋە ياكى ساراسىمىدىن دورىلارنى قۇرۇتۇۋاتقان كىشىلەرنى ئەمدى دورىلارنى ئۇيغۇر رايونىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتمەسلىكنى جىددىي چاقىرغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە گەرچە دۇنيا بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى، زۇكام دورىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۈچتىن بىرى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولسىمۇ ئېھتىياجنىڭ بىردىنلا غايەت زور دەرىجىدە ئېشىشى تۈپەيلىدىن بۇ دورىلارنى پۇل خەجلەپمۇ تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتكەن. لېكىن، ئۇيغۇر دىيارىدىن دورىلارنىڭ خىتايغا توشۇلۇپ جىددىيلىك كۆرۈلگەنلىكى ۋە خىتايدا دورا يېتىشمەسلىكى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى كەڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي خەۋەرلەر تورى 21-دېكابىر كۈنى «قەشقەردە دورىلار تولۇق، باھاسى مۇقىم» دەپ، قەشقەردە دورا جىددىيلىكى، يېتىشمەسلىكى ھەتتا قىممەتلىشىپ كەتكەنلىكى مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلىپ تارقاتتى.