چېلىشچى قاستەر پولات قازاقسىتانلىق ناخشىچىنىڭ ناخشىسىنى «تىك-توك» قا چىقارغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

ئىنكاس قىلىنىشىچە، چۆچەك ۋىلايىتىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى ياش چېلىشچى قاستەر پولات قازاقىستانلىق ناخشىچى دىدار قامىيېۋنىڭ بىر ناخشىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «تىك-توك» قا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ناخشىنىڭ مەزمۇنىدىكى ئۆرپ-ئادەتكە ۋارىسلىق قىلىش تەشەببۇسى «دىنىي رادىكاللىقنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ قارىلىپ، 20 ياشلىق چېلىشچى قەستەر پولات 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى باقىتئالىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، قەستەر پولات قازاقىستاندىكى سەنئەتكار دىدار قامىيېۋنىڭ ناخشىسىنى «تىك-توك» قا چىقىرىپ دوستلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ‏8-ئايدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇنىڭغا يەنە 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن قەستەر پولاتچاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارىغاي يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن 3 يىلدا چۆچەك بويىچە چېلىشىش مۇسابىقىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. باقىتئالى تەمىنلىگەن قاستەر پولاتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن ئائىلىسىگە بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تەشۋىق قىلىش گۇمانى بىلەن چاغانتوقاي قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

تارباغاتايدىكى ئالاقىدار خادىملار قاستەر پولات دېلوسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. بىر سوت خادىمى قاستەر پولات دېلوسى ھەققىدە دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنى ئىزدىشىمىزنى تەۋسىيە قىلسا، دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرى بۇ دېلو ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. باقىتئالىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 20 ياشلارغا كىرگەن قاستەر پولاتنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق جىنايەت تارىخى ۋە ياكى گۇمانلىق ئىش-ھەركەتلىرى بولۇپ باققان ئەمەسكەن. باقىتئالى قاستەر پولاتنىڭ چاغانتوقاينىڭ قارىغاي يېزىسىدىكى ئازارقان ئىسىملىك ساقچى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مەزكۇر ساقچى، يەنى ئازارقان تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چېغىدا ئۆز تەۋەلىكىدە ئۆزى تۇتقۇن قىلغان قاستەر پولات ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بولغانلىقىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ قاستەر پولات سادىر قىلغان دېلو ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كېسىم ھەققىدە سوئال سورىغىنىمىزدا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

توردىكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، دىدار قامىيېۋ قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك دۇنياسىدا تونۇلغان سەنئەتكارلاردىن بولۇپ، ئۇ «‏ئۈچىنچى قېتىملىق خەلقئارا تۈرك ناخشا فېستىۋالى» قاتارلىق بىر قاتار كاتتا سەنئەت مۇراسىملىرىغا قاتناشقان ئىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا بىر مەھەل قازاق ئاھالىلىرى ئارىسىدا ياشىغان ۋە «شىىنجاڭ گېزىتى» نىڭ قازاقچە بۆلۈمىدىمۇ بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان سابىق مۇخبىر جۈرئەت نىزامىدىن مەزكۇر ناخشىنىڭ قىسمەن تېكىستىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

جۈرئەت نىزامىدىننىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ناخشىنىڭ ئەسلىدە خىتاي تەرەپكە تېگىدىغان ھېچقانداق بىر تەرىپى يوق بولۇپ، ناخشىدا پەقەت قازاق جەمئىيىتىگە قارىتا ئىمان-ئېتىقادلىق ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش چاقىرىقى سۇنۇلغان ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە قارشى قىلمىشلار تەنقىد قىلىنغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى كۈرەش دولقۇنىدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادلىق بولۇشى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ ئاشكارا ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، قاستەر پولاتنىڭ مەزكۇر ناخشىنى تورغا چىقىرىشى «جىنايەت» دەپ قارالغان.

يۇقىرىدا قازاق ياش چېلىشچى قاستەر پولاتنىڭ قازاقىستانلىق ناخشىچى دىدار قامىيېۋنىڭ ناخشىسىنى «تىك-توك» قا چىقارغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.