قايشا ئاقان: بىز بىر رايون ياكى شەھەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-11-19
Share
qaysha-aqan.jpg لاگېرىغا قامىلىش خەۋپىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قازاقىستانغا كېلىپ، پاناھلىق ئالغان قازاق قىزى قايشا ئاقان. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
BITTER WINTER

يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن ھەمدە يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامىلىش خەۋپىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان قازاق قىزى قايشا ئاقان قازاقىستانغا چىقىپ، ۋاقىتلىق سىياسىي پاناھلىق ئالغانىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئاندىن ئاتا-ئانىسى بىلەن توققۇزتارا رايونىغا كۆچۈپ بېرىپ، كېيىنرەك شەخسىي سودا بىلەن شۇغۇللانغان قايشا ئاقان ھازىر ئائىلىسى بىلەن ئالمۇتا شەھىرىدە ئىجارىگە ئۆي ياللاپ ياشايدۇ.

ئۆتكەن ئاڭلىتىشلىرىمىزدا قايشا ئاقان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلغانىدى. بىز ئۇنى زىيارەت قىلىپ، ئەنە شۇ ئەسلىمىلىرىنىڭ داۋامىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلغانىدۇق.

قايشا ئاقان 2018-يىلنىڭ ئەتىياز پەسلىدە ساقچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىگە چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچە تېلېفون ئۇچۇرى سەۋەبىدىن قامىلىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «كوچىدا تۇتۇۋالىدۇ-دە، يانفوننى سورايدۇ. بۇ دېگەن سىزنىڭ ئۆز پۇلىڭىزغا سېتىۋالغان شەخسىي مۈلكىڭىز ئەمەسمۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن رۇخسەت سورايدىغان ئادەممۇ يوق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇغانمۇ بار، ئوقۇمىغانمۇ بار، ئۆزىمىزنىڭ قازىقىمۇ، ئۇيغۇرمۇ بار. ئۇلارنىڭمۇ مېڭىسىنى يۇيۇپ تاشلىغان. قولىڭىزدىكى تېلېفوننى يۇلۇۋېلىپ، تەكشۈرتۈپ، 2010-2012-يىللاردىكى ئۇچۇرلارنى تېپىۋالىدۇ. ›سەن جۈمە قوبۇل بولسۇن دەپسەن‹دەيدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تېلېفون ئارقىلىق ئەرەبىستاندىكى بىر كىچىككىنە قىزنىڭ دۇئا قىلىپ ئولتۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئاستىدا قۇرئان سۈرىلىرى يېزىلغان رەسىمنى كۆپلىگەن ئادەملەر بىر-بىرىگە يوللىغانىدى. تېلېفونىدا ئەنە شۇ چىققان ئادەملەرنىڭ كۆپى سوتلىنىپ كەتتى. مەسىلەن، سىز ئۆز تېلېفونىڭىزدا ئۇنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىڭىزمۇ، ھەتتا تېلېفوننى نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ، ئۇنداق نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىگە كۆزىڭىز يېتىپ تۇرسىمۇ، ساقچىلار تەكشۈرگەندە ئۇ چىقىپ قالاتتى. شۇ ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ تېلېفوننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كومپيۇتېرغا چېتىپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئەۋەتىدۇ دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن سىزگە كۆرسەتكەندە، سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنى ئاقلىيالماي قالىسىز».

قايشا ئاقاننىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلى 4-مايدا چۈشلۈكى سائەت 1دە ئۆزىنىڭ سوراق قىلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئىككى قېتىم ئۈچ سائەتتىن بەش سائەتكىچە سوراققا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شۇ ۋاقىتتىمۇ سېنىڭ تېلېفونىڭدا شۇنداق نەرسە بار ئىكەن دېدى. بىراق مەن ناماز ئوقۇمايتتىم. ئاللا كەچۈرسۇن مېنى. ئۇ ۋاقىتتا مەن راستلا ناماز ئوقۇمايتتىم. ئەمدىكى ئەھۋالىم بولسا، ئاغرىپلا قالمىسام، روزا تۇتىمەن. جۈمە كۈنى ئەھۋالىمىز يار بەرسە، يەتتە چەلپىكىمىزنى پىشۇرۇپ، ئۆلگەن دادىمىزغا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ئاتاپ بىلىدىغان دۇئالىرىمىزنى قىلاتتۇق. بار گۇناھىمىز شۇ بولۇش كېرەك. مېنى 4-مايدا سوراققا تارتقاندا ئەنە شۇنداق ئۇچۇر ئەۋەتتىڭ دېگەن ئەيىب قويدى. شۇ ۋاقىتتا مېنى باشقا سەۋەب بىلەن چاقىرغانىدى. ئۇ چاغدا مەن ئېغىر يۈك كۆتۈرىمەن دەپ ئاغرىپ قېلىپ، تۇرالماي قالدىم. كېسەلخانىدا ئون كۈنچە يېتىپ، ياخشى بولالماي، يەنە باشقىسىغا يۆتكىلىپ يۈرۈپ، بىر ئايچە ياتتىم. مېنى شۇ ۋاقىتتا نوپۇس مەسىلىسى بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ چاقىرتقان ئىدى».

قايشا ئاقان ئۆزىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ھېچ كىمگە ھېچ قانداق بىر ئۇچۇر ئەۋەتمىگەنلىكىدە قەتئىي تۇرۇۋالسىمۇ، ساقچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى سۆزىدىن يېنىپ، ئۇنى سانجى شەھىرىدە بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەنلىكىدە گۇمان قىلىشقا باشلىغانىكەن. لېكىن قايشا ئاقان ھېچ قاچان سانجىدا بولمىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ يەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ، ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى دەلىللەشكە تىرىشقانىكەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۇ يەردە دەلىل كۆرسىتەلمەي قالدى. مۇبادا سانجىدا بىر تەشكىلاتقا كىرگەن بولسام، دەلىللەپ بېرىڭلار دېدىم. شۇنىڭ بىلەن تېما يەنە ئۆزگەردى. دەسلەپتە نوپۇس توغرىلىق سۆز بولدى. ئىككىنچىسى، قۇرئان توغرىلىق بولدى. بۇ تېمىمۇ بولمىدى. ئۈچىنچىسى، سانجى ۋەقەسى بولدى. تۆتىنچىسى، قازاقلار ‹ۋې چات› دېگەن توردا ‹توقال› دېگەن بىر توپ قۇرغانىكەن. سەن شۇنىڭغا كىرىپسەن دېدى. مەن كىرسەم كىرگەندىمەن. ئەگەر ئۇ يەردە مەن دۆلەت سىياسىتىگە، قانۇنلىرىغا قارشى سۆز قىلغان بولسام، شۇنى دەلىللەپ بېرىڭلار دەپ تۇرۇۋالدىم. شۇ چاغدا ئۇلار، سەن ياخشى ئويلانغىن، سېنى شۇنىڭغا كىم كىرگۈزدى، دەپ تۇرۇۋالدى. شۇ ۋاقىتتا مەن بىرىنىڭ ئىسمىنى شەرتلىك ھالدا ئېيتىشىم كېرەك بولغانىكەن. كېيىن بىلسەم، مەن ئۆزۈمنىلا ئەمەس، ئۆزۈم بىلەن قوشۇپ يەنە بىرىنى سۆرەپ ئېلىپ كېتىشىم كېرەككەن».

قايشا ئاقان ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇپ، ئۆزىنى خورلىغانلىقىنى، ھەتتا تاياق بىلەن ئۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تېگىشلىك جايغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«سەن بىزگە قانۇننى ئۆگەتمەي قوي. سەن ئون يىلدىن بۇيان قازاقىستانغا بېرىپ-كېلىپ، قازاقىستاننىڭ شارائىتىغا ئۆگىنىپ كېتىپسەن، دېدى. مەن بولسام، قازاقىستان قوشنا ئەل. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ سىياسىتىدە ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول›، ئوچۇق سىياسەت بار. تەرەققىي ئېتىڭلار، پۇل تېپىڭلار، مەدەنىيەتلىك ئۆمۈرگە يېتىڭلار دەپ ئالدىغا قويغان سىياسىتى بار دېدىم. ئۇلار بولسا، قازاقىستان 26 تېررورلۇق مەملىكەتلەر سېپىدە بار. سەن ئەنە شۇ تېررورلۇق مەملىكەتكە بېرىپ يۈرىسەن. سەن ئۇ يەردە كىملەر بىلەن ئارىلىشىسەن؟ سەن ئۈرۈمچىدىكى 2009-يىل 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە كىملەرگە ئېيتتىڭ؟ دەپ يەنە سورىدى. مەن ئۇنداق ۋەقەگە قاتنىشىدىغانغا ۋاقتىممۇ بولمىدى. مېنىڭ سىياسەت بىلەن كارىم يوق. مەن ئۆز تىرىكچىلىكىم بىلەن بەند بولدۇم، پۇل تاپساملا بولدى، دەپ جاۋاب بەردىم».

قايشا ئاقاننىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار شۇنداقلا قازاقىستاندا مەسچىتكە بارغان ياكى بارمىغانلىقىنى، بارغان بولسا، يەنە كىملەرنىڭ بارغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىكەن. ئۇ شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ قازاقىستاندىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، ھەتتا خىتاي بېسىمىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن باغلىنىشى بار دەپ ھاقارەتلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قايشا ئاقان ئۆزى تۇرغان بورتالا رايونىدا ئاممىۋى تۇتۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىپ، مىڭلىغان گۇناھسىز ئادەمنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئاڭلاپ، كۆرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئىلگىرىكى يەر ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا مەكتەپ بولغان. بۇ ئاز دېگەندە ئۈچ مىڭ بالا ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئىدى. ئۇنىڭغا خىتاي ئەمەس بولغان قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز، ئۆزبېك، ھەتتا تۇڭگانلارنىمۇ قامىدى. شۇ مەكتەپ پۈتۈنلەي ‹سىياسىي ئۆگىنىش لاگېرى›غا ئۆزگەرتىلدى. مەسىلەن، بىزدە بىر سىنىپتا 40 تىن 50 كېچە بالا ئوقۇيتتى. مەن 9-سىنىپتا ئوقۇغاندا بىزدە 60 بالا بولغان. ئۇ بۆلمىلەردە ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئاڭلىسام ئاستىغا بىر پالاسلارنى تاشلاپ قويىدىكەن، باشتا شۇلاردا 50تىن، 60تىن ئادەم ياتقان. ئەنە شۇ بىر مەكتەپ-لاگېردا 3000 ئادەم ياتقان بولسا، بىر رايوننىڭ ئىچىدە قانچىمۇ لاگېر بار دېسىڭىزچۇ. توققۇزتارا رايوننىڭ ئۆزىدىلا يەتتە يېزا بار. بىز بىر رايون ياكى شەھەردە نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتۇق. بۇ توغرىلىق يېزىشمۇ، ئېيتىشمۇ مۇمكىن ئەمەستى. يازساڭ، ئېيتساڭ، سوتلىنىسەن».

ئىگىلىشىمىزچە، قايشا ئاقان خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن بېسىم سەۋەبىدىن 2018-يىلى ماي ئېيىدا «قورغاس» تاموژنىسى ئارقىلىق قازاقىستان چېگراسىنى قانۇنسىز بۇزۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغانىكەن. ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئۆتكەن سوتتا ئۇنىڭ دېلوسى قارىلىپ، ئالتە ئايلىق مۇددەتكە شەرتلىك ھالدا ئەركىنلىكىدىن ئايرىش جازاسى بېرىلگەنىدى. يېقىندا ئۇنىڭغا بىر يىللىق پاناھلىق ھوقۇقى بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.