ۋەزىيەتتەن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، بۇ يىل رامازان مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا روزا تۇتقۇشقا بولىدىغان كىشىلەر توغرىلىق سان بېكىتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. ئىنكاستا بۇ ساننىڭ بەزى جايلاردا ئالدىنقى 4 يىلدا روزا تۇتۇشتىن ئۈركۈپ كەتكەن كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بېكىتىلگەن بولسا؛ يەنە بەزى جايلاردا روزا تۇتۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېكىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلكىرى داۋامىدا، بۇ ئىنكاستىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتىچە ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام مەسئۇل خادىملىرى، ئۆز تەۋەلىكىدە روزا تۇتۇشقا بولىدىغان كىشىلەرنى تىزىملاش توغرىلىق ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغان. ئۇقتۇرۇشتا شۇ تەۋەلىكتە قانچىلىك ساندىكى كىشىنىڭ روزا تۇتۇشقا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرلىكتە، يەنە قانداق كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدىغانلىقىمۇ شەرھىيلەنگەن.
بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايوندىكى بىر قىسىم ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى رامازان بەلگىلىمىسى ھەققىدە يىغىنلار ئېچىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كونكىرېت نېمىلەر دېيىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
ئىنكاستا دېيىلىشىچە، بۇ سان مەھەللە ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ نوپۇسىغا قاراپ 10 بىلەن 50 ئارىسىدا بېكىتىلگەن. دېيىلىشىچە، بۇ تۈزۈم ئاھالىلىرىنىڭ دىنىي كەيپىياتى قويۇق بولغان بىر قىسىم مەھەللىلەردە روزا تۇتۇشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋە بۇنداق مەھەللىلەردە مەزكۇر سانغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ يېشى 65 تىن يۇقۇرى بولۇشى شەرت قىلىغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، ئۆزى تەۋە كەنتتە روزا تۇتقۇچىلارنى تىزىملاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ روزا تۇتۇشقا بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ياش چېكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما روزا تۇتۇلىدىغان ئۆيدە مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، نەۋرە-چەۋرىلىك بولغان ۋە نەۋرىلىرىدىن ئايرىم ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭلا روزا روزا تۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن يىل رامازان مەزگىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، توققۇزاقتىكى بىر كەنت ساقچىسى، 2020-يىلى روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدە گەپ بولۇنمىغانلىقى، 2021-يىلى روزا تۇتسا خاتا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە تەشۋىقاتلار بولۇپ باققان بولسىمۇ، 2017 -2018 -يىللاردىكى قاتتىق چەكلىمە ۋە ئېغىر جازالار سەۋەبلىك كىشىلەردە روزا تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكى، تۇتقان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ناھايىتى مەخپىي بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
بۇ قېتىم رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستىمۇ، روزا تۇتقۇچىلار ئۈچۈن سان بېكىتىشنىڭ بەزى جايلاردا روزا تۇتۇشتىن ئۈركۈپ كەتكەن ئاھالىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بېكىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاتۇشتىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، بۇ يىل روزا تۇتۇشقا بولىدىغان كىشىلەر ھەققىدە چۈشۈرۈلگەن بىر ئۇقتۇرۇش ۋە بېكىتىلگەن بىر ساننىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، «بار» دەپ جاۋاپ بەردى. بىز ئۇنىڭدىن مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا كونكىرېت نېمىلەر دىيىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ ساۋاتسىز بىر كىشى ئىكەنلىكى، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاساسىي روھىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئەمما كونكىرېت مەزمۇنلىرىنى ئەسلىيەلمەيدىغانغلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە مەزكۇر ئۇقتۇرۇش بويىچە، ئۆزى مەسئۇل 10 ئائىلە ئىچىدىن ئىككى كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايانلىرىدىنمۇ، بۇ سانغا ئېرىشكەن ئىككى كىشىنىڭ ياشتا چوڭلار ئىكەنلىكى، ئەتراپىدا، يەنى ئائىلىسىدە پەرزەنت ياكى نەۋرىلىرى يوقلۇقى مەلۇم بولدى.
غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، بۇ سان چەكلىمىسىنى بېكىتىشتە بالىلارنىڭ ئىدىيەسىنى «ساغلام» تۇتۇشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، ئەمما توققۇزاقتىكى بىر كەنت ساقچىسى پارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىدە خاتا چۈشۈنۈش بولماسلىق ئۈچۈن، بۇ خىل تۈزۈملەرنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ رامازان تۈزۈمىنى «غەلىتىلىك» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ خىل تۈزۈملەر ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدىدا خەلقئارا جامائەتنى ئالداش ئۈچۈن سۈنئىي بىر سەھنە ھازىرلاۋتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.