كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رامزاندا يەنىمۇ قاتتىق دىنىي باستۇرۇشقا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى روزا رامزان مەزگىللىرىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا باستۇرۇش ۋە تەقىبلەشلىرىنى كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ خاسىيەتلىك رامزان ئېيى باشلىنىشى بىلەن دۇنيادا دىنىي باستۇرۇش ئەڭ ئېغىر ھالدا داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ رامزان ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەر تۈرلۈك ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

ھالبۇكى داۋاملىق رامزان ھارپىسىدا مەخسۇس رامزانلىق بىخەتەرلىك تەدبىرى ھەققىدە بۇيرۇق ۋە مەخسۇس سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلىدىكى رامزان مەزگىلىدە پەۋقۇلئاددە سەزگۈر بولۇۋاتقانلىقى ئىپادىلەنمەكتە.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى رامزانلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە پەقەت 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى تورىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇ ۋە ھۆكۈمەت مەمۇر تورلىرىدا، ھەتتا ئىسلام جەمئىيىتى تورلىرىدىمۇ بىردەك رامزان ھەققىدە خەۋەر ياكى ئۇچۇر كۆرگىلى بولمايدۇ.

رايوندىكى «بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلار جەمئىيىتى تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 24-ئاپرېل كۈنى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قەشقەر شۆبىسىگە تەۋە «ئەيكېۋېئى قوغدىغۇچىلار شىركىتى» نىڭ رامزاندىكى ئالاھىدە سەزگۈر مەزگىلدە بىخەتەرلىك قوغداش ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنى ئېچىلغان. بۇ يىغىندا «بىخەتەرلىك قوغداش ساھەسىدىكى خىزمەتچىلەردىن، دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى ئىدىيەنى مۇستەھكەملەپ، 3 خىل كۈچلەرنىڭ رامزاندەك ئالاھىدە دىنىي ئېتىقاد سەزگۈر مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھوشيار بولۇش، مۇقىملىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش» تەلەپ قىلىنغان.

رامزان مەزگىلىدىكى بۇ خىل ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشنىڭ بىر سىياسەت سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق ئىكەنلىكى مەزكۇر خەۋەرنىڭ «يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە» دەپ باشلانغانلىقىدىن ئىپادىلىنىدىكەن.

ھالبۇكى يۇقىرىقى خەۋەر ئۇلىنىشىنىڭ بىر كۈندىن كېيىن ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە گەرچە ھۆكۈمەت كادىر ۋە خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەمدە 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەقەللىي دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ياشىشىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئېلان قىلغان «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ 75 خىل ئىپادىسى» ۋە «تېررورىزمغا قارشى قانۇن» قاتارلىقلارغا تەتبىقلىنىپ قاتتىق جازالاشقا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇلتۇر ئاشكارىلانغان، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ 2018-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تارقاتقان «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى» دەپ ئاتالغان بىر ھۆججىتى بىلەن «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رامزان ۋە روزا ھېيتى مەزگىلىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئورۇنلىرى ياكى خەتەرلىك مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش چارىلىرى» ناملىق بۇ ئىككى پارچە ھۆججەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىسلام دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى «دىنىي رادىكاللىق»، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق ئىدىيەسىنىڭ ئىپادىلىرى» دەپ تەسۋىرلەنگەنىدى.

بۇنىڭدا مەسچىتلەر بولسا بۇ خىل ئىدىيەلەرنى تارقىتىدىغان «خەتەرلىك ئورۇنلار» دەپ بېكىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەشتىكى قاتتىق تەدبىرلەر ئاشكارا، يالىڭاچ ۋە كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەر ئىچىدە تونۇلغان دىنىي زاتلار، چەتئەللەردە دىنىي جەھەتتە ئىلىم تەھسىل قىلغانلاردىن باشقا يەنە نورمال ئېتىقادچى ئاممىنىڭمۇ تۈركۈملەپ قامالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ رامزاندىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم مەسچىتلەرگە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا قىلغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى. ئۈرۈمچى ۋاقتى 27-ئاپرېل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.

تېلېفوننى ئالغان خىتاي كادىر، بىزنىڭ «بۇ يىل ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويۇلامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ باشتا ئامېرىكادىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭقىرالمىغان بولسا كېرەك، «سەن ئۆزۈڭ خالىغانچە روزا تۇتالامسەن ھازىر ؟» دەپ قايتۇرما سوئال بىلەن جاۋاب بەردى.

«ئەلۋەتتە، مېنىنىڭ ئامېرىكادا روزا تۇتۇش ئىختىيارلىقىم بار» دېگەن جاۋابىمىزدىن كېيىن ئۇ خىتاي كادىر ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا باشلاپ: «بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ھەممە ئادەمنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش ئىختىيارى بويىچە روزا تۇتىدۇ، بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىلمەكچى بولساڭ شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ باقساڭ بولىدۇ»، دېدى.

ئۇنىڭغا ئۇلاپلا «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىق ئىنساننى روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا قامىدىڭلار ۋە ئېغىر جازالاۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدۇق.

ئۇ بۇ سوئالىمىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باھانە ئىزدىدىدە: «مەن ئۇنداق ئىشنى ئاڭلىمىدىمغۇ. . . . بۇ تېلېفوننىڭ سىگنال ياخشى ئەمەس، گېپىڭىزنى ئاڭلىيالمايۋاتىمەن. . .» دەپ تېلېفوننى ئۈزدى ۋە بۇ تېلېفون نومۇرى قايتا ئۇلانمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئىزچىل كۆزىتىپ، ئىسپاتلىق دوكلاتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن بىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىپ تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفي رىچاردسون ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر قانداق خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇرلار دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بولۇپمۇ ھازىرقىدەك رامزان مەزگىلىدە بۇ چىدىغۇسىز يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، چۈنكى بۇ ھۆكۈمەت يىللاردىن بېرى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي تەربىيە بېرىشىنى چەكلەپ، مەسچىتلەرنى چېقىپ، ھەر تۈرلۈك ھەددىدىن ئاشقان چەكلىمە سىياسەتلەر ئارقىلىق دىنىي ئېتىقادنى باستۇرۇپ كەلگەن بىر ھۆكۈمەت».

ئۇ يەنە تەكىتلەپ: «بىز يەنە شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئۆزىنىمۇ روھىي كېسەللىك دەپ ئېلان قىلغان، شۇڭا بۇ مەسىلىدە خىتاي دائىرىلىرىگە ھەرگىز ئىشىنىشكە بولمايدۇ» دېدى.

رامزان ھارپىسىدىن باشلاپ ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەردە لاگېرلار باشلىنىشتىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ رامزاندا بىر قەدەر باياشات، راھەت ھالدا ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ۋىدېيولار بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىغان، خىتاينىڭ رامزاندا ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس ھاراق ئىچىش مۇسابىقىسى، مودېل ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەت نامىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ۋە ياكى چەكلەشكە ئائىت ئائىت كۆرۈنۈشلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى چاقىرىق ۋە باياناتلىرىنى ئېلان قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامزاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىپ سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇشى، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەردىن باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم. بۇ ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى 24-ئاپرېل كۈنى خاس تىۋىتتېر بېتىدە رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرئان ئوقۇشتىن تارتىپ، روزا تۇتۇش، ئىسلام ئېتىقادى بويىچە ياشاشقىچە بولغان بارلىق ئېتىقادى پائالىيەتلىرىگىچە چەك قويۇشتەك مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈشىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان.