ئاقسۇ ساقچىسى: «بۇ قېتىم قوبۇل قىلىدىغان ساقچىلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ يۆتكەپ بېرىمىز»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرىلا، يەنى 2014-يىلىدىن باشلاپلا، ئۇيغۇر دىيارىغا پۈتۈن خىتايدىن ساقچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانىدى. بارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش سىستېمىلىرى بىلەن قاپلىنىپ، بەئەينى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدا، ئۇنىڭ ھازىرمۇ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىشنىڭ توختاتمىغانلىقى، ھەتتا بارغانچە كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئاقسۇ مىڭغا يېقىن ساقچى كۆپەيتمەكچى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىلىرىدا 2024-يىلى 26-ماي تارقاتقان ئۇقتۇرۇشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2024-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە جەمئىيەتتىن 923 نەپەر ياردەمچى ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىنماقچى ئىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولۇپ، قوبۇل قىلىش دائىرىسى پۈتۈن خىتايغا يۈزلەنگەن.

ئۇلار «سىياسىي مەيدانى ئېنىق بولۇش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە قەتئىي قارشى تۇرۇش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇش، ۋەزىپىنى نورمال ئادا قىلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان جىسمانىي شارائىت ۋە روھىي سۈپەتكە ئىگە بولۇش دېگەندەك شەرتلەرگە ئاساسەن تاللىنىدىغان بولۇپ، تاللاش ئوبيېكتى 18 ياشتىن 35 ياشقىچە دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇ قېتىمقى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا قارىغاندا، قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچى خادىملارنىڭ خىزمەت توختامى 3 يىل، سىناق ۋاقتى 6 ئاي بولىدىكەن.

بىز بۇ قېتىمقى جەمئىيەتتىن ئاشكارا ساقچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا تىزىملاتقۇچىلارغا تەمىن ئېتىلگەن ئالاقىلىشىش نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفوننى ئالغان خانىم ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ قېتىمقى ساقچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ بىر قەدەر زورلۇقى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ قېتىم ساقچى قوبۇل قىلىش پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىدۇ. ئېلاندا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار تەلەپلەرگە ماس كەلگەن ھەر قانداق ئادەم تىزىملاتسا بولىدۇ، مىللىتى ۋە تەۋەلىكىگە چەكلىمە قويۇلمايدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەر قانداق جايىدىن ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ قېتىمقى ساقچى قوبۇل قىلىشنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە تەرىپى شۇكى ئەگەر قوبۇل قىلىنغۇچىنىڭ ئايالى ۋە ياكى قىز دوستى باشقا جايدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى جەم قىلىپ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىمۇ يۆتكەپ بېرىشكە ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا، تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ».

گەرچە بۇ خادىم ئېلاندىكى شەرتلەر ھەققىدە تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ساقچىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، جاۋاب بەرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئاقسۇ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىرادىسىنىڭ ئېلانىدىكى يەنە بىر ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى ئۇلاندى، تېلېفوننى ئالغان خادىمدىن بۇ قېتىم ساقچىلارنىڭ قانداق شەرتلەر بىلەن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق تەقسىملىنىدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ئۇ قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاقسۇ ۋىلايىتى 2024-يىلى 923 نەپەر ساقچى قوبۇل قىلىشتا پۈتۈن جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىنىڭ بارلىق شەھەر ناھىيە، يېزا كەنتلىرىدىكى تارماقلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەقسىم قىلىنىدۇ. خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە تەلىپى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئاساسەن ئەرلەر ۋە 30 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ قېتىم خەلق ساقچىلىرى ۋە ياردەمچى ساقچىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تەۋەلىكى ۋە مىللىتىگە شەرت قويۇلمايدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا قۇربان بولغانلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بولسا 10 نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە 5 نومۇر ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىلىرىگىمۇ 5 نومۇر قوشۇلىدۇ. تىزىملاتقۇچىلاردىن 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، سىياسىي ساپاسى، قانۇنىي ساۋاتلىرى قاتارلىقلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ تاللىنىدۇ».

ئۇنىڭدىن رايوندا يېقىنقى يىللاردا مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتىن بەھرىلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، نېمە ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ يەنە بۇنچە كۆپ ساقچىغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، خادىم دەرھاللا سەزگۈرلۈك ئىپادىلىدى-دە: «ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەت دېيىلىۋاتقاندەك ھەممىگە مەلۇم، ئەمما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش خىزمىتى تەلىپى يەنىلا كەسكىن بولغانلىقىدىن، بۇنى تەلەپكە يەتكۈزۈش كېرەك. . .» دېدى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرمەيلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

«تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى «نورماللاشتۇرۇش» تەلىپى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

بۇنىڭ ئالدىدا، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردا جىددىي خىزمەت تەكشۈرۈشى قىلغان چېن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىمىيلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» نى تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئوخشاشلا «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش؛ شۇنداقلا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى جانلاندۇرۇش» نى تەكىتلىگەنىدى.

چېن ۋېنچىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان بۇ زىيارىتى ئاخىرلاشقاننىڭ ئەتىسىلا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.

خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىتاينىڭ قانۇن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن يېقىنقى 10 يىللىق تەرەققىياتى» دېيىلگەن بولسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 1-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، دائىرىلەرنىڭ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش» تە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنىدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭنىڭ رايوندا بۇ قېتىم يەنە مەخسۇس «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نى «نورماللاشتۇرۇش» نى تەكىتلىشىگە ماس ھالدا، دائىرىلەرنىڭ ساقچى كۈچىنى يەنىمۇ كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا نەشردىن چىققان «خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت ئويۇنىغا تاقابىل تۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئامېرىكا تاشقى سىياسەت كېڭىشى (AFPC) نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىك (Michael Sobolik) ئۆزىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۈزلۈكسىز ساقچى كۆپەيتىشىگە قارىتا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەپ يازغان:

«خىتاي كومپارتىيەسى يەتتە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. شىنجاڭدىكى ساقچىلارنىڭ بۇ جىددىيلىكى بىلەن، بېيجىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش تىرىشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكادا تۇغقانلىرى بار، ئۇلار تۈرمىدە نەچچە يىل ياتقان. ئامېرىكا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى گۈلشەن ئابباسقا ئوخشاش بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبىنى تۇتقا قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىشى كېرەك».

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق جايلىرىدا ساقچى كۆپەيتىلمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تورى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تورى قاتارلىقلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2024-يىلى كىرىشى بىلەن بۇ خىلدىكى ئېلانلارنى چىقارغان شەھەرلەردىن يەنە ئۈرۈمچى, غۇلجا، سانجى، قەشقەر، قارىماي، قۇمۇل قاتارلىقلار شۇنىڭدەك يەنە بىڭتۈەنىگە قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىمۇ بار بولۇپ، جايلار ئوخشىمىغان ساندا دائىملىق ساقچىلاردىن باشقا يەنە ياردەمچى ساقچىلارنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۈەنى 7-دىۋىزىيەسى قۇرغان «خۇياڭخې» شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 2024-يىلى 4-ئايدا ساقچى ياردەمچى خادىملىرىغا ئوچۇق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىم 200 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان، قوبۇل قىلىش دائىرىسى ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەت بولۇپ، ياش چەكلىمىسىمۇ ئوخشاش 18 ياشتىن يۇقىرى ۋە 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى شەرت قىلىنغان.

مۇقىملىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش داۋاملاشماقتا

ھالبۇكى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ياردەمچى ساقچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن بولسا، دائىرىلەرنىڭ ساقچى كۈچىنى كۆپەيتىشىنىڭ سەۋەبى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ناھىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، پوسكام ناھىيەسىدىكى ئومۇمىي ئىجتىمائىي كاپالەت ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاممىغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ياردەمچى ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىش قارار قىلىندى».

2023-يىلى 19-يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي نازارەتنى كۈچەيتىش، كونكرېتلاشتۇرۇش، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە سىياسىي نازارەتنى نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىدى.

يىغىندا ما شىڭرۇي، خەلقئارانىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» دە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك ئومۇمى نىشانىغا مەركەزلىشىش» نى تەكىتلىگەن.

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، ئالىي تەتقىقاتچى جېففىرىي كېيىن (Geoffrey Cain)، رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما ئىنكاسىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە بولغان ئەندىشىسىنى مۇنداق ئىپادە قىلغان: «نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاخىرلىشىشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئۇلار جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىگە سولانغانلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. خەۋەرلەر بۇنىڭ ئەمەلىيەتكە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاي كومپارتىيەسى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئاتالمىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نامىدا كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقچى. بۇ، چېن چۈەنگونىڭ 2016- ۋە 2017-يىللىرى شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ، جازا لاگېرى سىستېمىسىنى پىلانلىغان. بۇلار ھەممىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بۇ جايدىكى سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەپ ئاتىغان ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، تېخىمۇ كۆپ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن».