خىتاي تاراتقۇلىرىدا 2020-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىلگىرىكى «مەنزىرىلىك رايونلار ساياھىتى» دىن باشقا يەنە «شىنجاڭ يېزا-بازار ساياھەتچىلىكى» يولغا قويۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيمەكتە.
«تەڭرىتاغ تورى» دا 14-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ياخشى جاي: كورلادا يېزا-بازار ساياھەت مەركىزى قۇرۇلدى» سەرلەۋھەلىك خەۋەردە بۇ يىل كىرىشى بىلەن كورلا شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن 10 جايدا «يېزا-بازار ساياھەت مەركىزى» قۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە كورلا شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن ئاۋات يېزا ئۇششاقئېرىق كەنتىدە قۇرۇلغان ساياھەت مەركىزى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە يەنە مەزكۇر ساياھەت مەركىزىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىن ئىلگىرى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە بۇ ساياھەت مەركىزىنىڭ ئىلگىرىكى مەنزىرە ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقىنىڭ «نەشپۈت ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدىغان كورلانىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قۇرۇلغان يېزا-بازار ساياھەت نۇقتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە كورلادا 10 جايدا تەسىس قىلىنغان يەرلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. خەۋەردە ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ خىل بازارلاردا يەرلىك مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلانغاندىن باشقا يەنە يەرلىك مىللىي ئۇسۇلۇپتىكى خاتىرە بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ۋە كەشتىلەرنى سېتىۋالالايدىغانلىقى، ھەتتا كورلانىڭ يەرلىك مېۋە-چېۋە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ بۇ بازارلاردا سېتىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
بىز ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، بوستان يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كورلادىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلدۇق.
كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ۋە بوستان يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى. ئەمما كورلا شەھىرىدىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلاندى.
دەسلەپ تېلېفونىمىزنى ئالغان كورلادىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئايال خادىمى ھۆكۈمەت ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كورونا ۋىرۇسى ۋەھىمىسى تېخى ئاياقلاشمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ ھازىرغا قەدەر ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسى ۋە ساياھەتكە ئالاقىدار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، تەپسىلىي ئىشلارنى ساياھەت ئىدارىلىرىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىپ، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
تېلېفونىمىزنى ئالغان كورلا شەھىرىدىكى يەنە بىر مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەت مۇنبىرىدىكى ئەر خادىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر مېھمانخانىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلەرنىڭ خېلى كۆپلۈكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە مېھمانخانىغا كەلگەنلەرنىڭ ئاساسەن خىزمەت ۋە تىجارەت ئۈچۈن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ساياھەت ئۈچۈن كەلگەنلەرنى تېخى ئۇچراتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بۇ خىل «يېزا-بازار ساياھىتى» تەشۋىقاتىنى كۈچەيگەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر غۇلجادا «چېچەك مەزگىلىدىكى ساياھەت» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما غۇلجا يېزىلىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ يىل چېچەك بايرىمى مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ يېزىسىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كورونا ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى تېخى ئاياغلاشماي تۇرۇپ خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆپىيىۋاتقان بۇ خىل «يېزا بازار ساياھەتچىلىكى» تەشۋىقاتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
بۇ ھەقتە پىكىر قىلغۇچىلار خىتاي ئېلان قىلغان ساياھەت تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ ئاساسلىقى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور قاھار بارات ئەپەندى پۈتكۈل دۇنيادا ۋىرۇس يۇقۇمى ئاپىتى نەتىجىسىدە ئىشلەپچىقىرىش توختىغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا «يېزا-بازار ساياھەتچىلىكى» نامىدىكى بۇنداق ئالاھىدە ساياھەت تۈرىنى يولغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
قاھار بارات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا يەرلەشتۈرۈشكە ۋە ئۇلارنى تىجارەت قىلىشقا جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا-كەنتلەرنى خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىشى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «يېزا-بازار ساياھەتچىلىكى» نى يولغا قويۇشى ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى تېپىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00