خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ» تورى قاتارلىقلار 9-ئۆكتەبىر خەۋەر بېرىپ، ئۆكتەبىردىكى خىتاينىڭ 8 كۈنلۈك دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي ئىچىدىن 15 مىليون 354 مىڭ 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە زور ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ: «سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى، يەنى 2019-يىلىدىكى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىن10. 78 پىرسەنت ئېشىپ، 8 كۈنلۈك ساياھەت كىرىمى 8 مىليارد 413 مىليون يۈەنگە يەتتى،» دېيىلگەن.
ھالبۇكى، چەتئەللەردىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل ساياھەت تەشۋىقاتى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتنى نىشان قىلغان دېيىشكە بولىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندەك ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان، قاتمۇ-قات نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىلغان بۈگۈنكى شارائىتتا «مۇقىم، تىنچ ۋەزىيەت يارىتىلغانلىق» تەشۋىقاتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلاردا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرپا قىلىش، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا جەلپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل تەشۋىقاتلار خەلقئاراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ئۇ يەنە بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بەرپا قىلغان ئومومىييۈزلۈك نازارەت سىستېمىسىدا باشقۇرۇش مېخانىزىمىنىڭ توغرىلىقىنى تەشۋىق قىلىشنى كۆزلەيدىكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، نورۋېگىيە «ئۇيغۇر ئەدلىيىسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئومۇملاشقان بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ سىياسىي مەقسەتتە يېزىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي مەقسەتتە يېزىلىدىغان بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئاساسەن كۆپتۈرۈلگەن ياكى يالغاندىن ياساپ چىقىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا يېزىلىدىكەن. ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان مانا مۇشۇ بۇ خىل ساختا تەشۋىقات خەۋەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي خەلقى ۋە دۇنيانى ئالداپ كەلمەكتىكەن. ساختا تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆزىنى پەردازلاش، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان سىياسىي تاكتىكىسى ئىكەن.
بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2020-يىلدىكى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە خىتايدىن تارقالغان كورانا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى ئېلىنغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى 8 كۈنلۈك ساياھەت توغرىسىدا بۇ خىلدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى كۆپەيتىشى ئالدى بىلەن خىتاي پۇقرالىرى ۋە خەلقئاراغا خىتايدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ خەلقئارادا ئەيىبلىنىۋاتقان شارائىتتا، خىتاي تاراتقۇلىرى «ئۇيغۇر رايوندا ۋەزىيەت مۇقىم» دېگەن تەشۋىقاتنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاش مەقسەت قىلىدىكەن.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىگە نىسبەتەن ئىشەنچ، خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بەرپا قىلىشنى ئويلايدىكەن. خەلقئارادا بولسا خىتايغا بولغان قايىللىقنى ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
0:00 / 0:00