ياۋروپادا ياشاۋاتقان كۇچا ئالاقاغىلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، يۇرتىدىكى مەھەللە-كويلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىرىئنىڭ 6 ياشلىق ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ۋەقە دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا بالىلارنى سۈننەت قىلىشنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىم بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كۇچا ئالاقاغىلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى يۇرتدىكى مەھەللىداشلىرىدىن مەمەت ئىبراھىم ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ 6 ياشلىق ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆتكەن ھەپتە لاگېرغا ئەكىتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك ساقچى ئىدراىسىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۇچادا خەتنە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.
بىز سۈننەت توي چەكلىمىسىنىڭ ئومۇمىيلىق دەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. غۇلجا سۈيدۇڭدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر مۇقىملىق خادىمى نۆۋەتتە ئاھالىلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەلىم-تەربىيەلىرى قاتارىدا سۈننەت توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمەسلىك بۇيرۇقىنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە غۇلجادا بالىلار سۈننەت يېشىغا توشقىنىدا غۇلجادىكى مەخسۇس دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ سۈننەت قىلدۇرۇلماقتىكەن. سۈننەت قىلىنغان كۈنى ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولۇش، دىنىي تەلىمات بويىچە دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، مەھەللە-كوي جەم بولۇپ سۈننەت توي ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مىللىي ۋە دىنىي مۇراسىملار پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى بىر خەلق ئىشلىرى خادىمىمۇ، سۈننەت قىلىش ۋە ئۆيلىنىش قاتارلىق بارلىق ئۆرپ-ئادەت ئىشلاردا دىنىي مۇراسىمنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ سۈننەت توي مۇراسىمىنىڭ دىنىي زاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ياكى بېرىلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، قەشقەردە سۈننەت قىلىش ۋە ئۆيلىنىشنىڭ دىنىي دىنىي مۇراسىم بىلەن ئۆتكۈزلمەيدىۇغانلىقى، يەنى دىنىي زاتلارنىڭ دەۋەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى دەلىللىدى.
كۇچا ئالاقاغىلىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تۇتقۇن مەمەت ئىبراھىم ئوغلىنىڭ سۈننەت تويىنى ئىلگىرىكىدەك كەڭ يۇرت-جامائەت بىلەن ئەمەس، پەقەت بىرقانچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنلا يەڭ ئىچىدە ئۆتكۈزگەن، شۇنداقتىمۇ بۇ مۇراسىم سەزگۈر كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. سۈيدۇڭدىكى مۇقىملىق خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر دىنىي ۋە مىللىي مۇراسىملارنى چەكلىگەندىن باشقا، سۈننىتى قىلىنغان بالىنى يوقلاشقىمۇ چەك قويغان. بالا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ سۈننەت قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەگەر يوقلاپ كەلگۈچىلەر بولسا، يوقلىغۇچىلار كېلىشىدىن ئاۋۋال ئاھالىلەر كومېتىتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان. يوقلاپ كەلگۈچىلەر سانى 10دىن ئېشىپ كېتىپ قالسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. نۇنىڭ جازاسى «تەربىيەلەشكە ئاپىرىلىش» دەپ بېكىتىلگەن.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشىرىمىز داۋامىدا قەشقەر پاختەكلىدە ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆيلىنىشنىڭ نىكاھسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.