خىتاي ھۆكۈمىتى ئالتاي تېغىنىڭ سۈيىنى يەر ئاستى تونىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى چۆللۈككە باشلاش قۇرۇلۇشىغا كىرىشكەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ 2 مىڭ يىللىق تورپان كارىزلىرىدىن ئىلھام ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ ئالتاي تېغىنىڭ سۈيىنى يەر ئاستى تونىل ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى قۇرغاق رايونلارغا باشلاش قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 514 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ قۇرۇلۇش دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يەر ئاستى سۇ تونىلى قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن. 2018-باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاي تاراتقۇلىرى ھازىرغا قەدەر رەسمىي خەۋەر قىلمىغان.

ئۇنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى خەۋەر قىلماسلىقتا قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما رايوندا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن دۇنيانىڭ دىققىتىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى «ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» دەپ ئاتالغان بۇ رايوندىكى قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتكە مەركەزلەشتۈرگەنئىدى.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەلكىم خىتاي دائىرىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ بۇ رايونغا تارتماسلىق، بولۇپمۇ بۇ قۇرۇلۇشقا چېتىشلىق قوشنا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلماسلىق ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن بۇ سۇ تونىلى قۇرۇلۇشىنى خەۋەر قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بىراق بۇ قۇرۇلۇش خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىككى ئىنژېنېرىنىڭ يېقىندا خىتايدىكى «تونىل قۇرۇلۇشى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان بۇ قۇرۇلۇش دۇچ كېلىۋاتقان گېئولوگىيەلىك قىيىنچىلىقلارغا ئائىت تەتقىقات دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىپ، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. شۇنداقتىمۇ دائىرىلەر يەنىلا بۇ تونىلنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى، ئۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغ، قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلى قاتارلىق تەپسىلاتلارنى بەرمىگەن.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالتاي تاغلىرىدىن ئېرىگەن قار سۈيىنى 514 كىلومېتىرلىق يەر ئاستى تونىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى قۇرغاق رايونلارغا باشلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ قۇرۇلۇش 3 چوڭ تونىلدىن تەشكىل تاپقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونىل بولغان «كاشۇئاڭ تونىلى» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 280 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئامېرىكادىكى نيۇ-يوركنى ئاساسلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تونىلى بولغان دېلاۋېر سۇ تونىلىدىن ئىككى ھەسسە ئۇزۇن ئىكەن.

بىراق خىتاينىڭ بۇ سۇ تونىلى قۇرۇلۇشىنى ياساشتىكى ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى، ئۇنىڭ ئېكولوگىيە ۋە رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى سوئال پەيدا قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلاپ، لاگېر، تۈرمىلەرگە قامىغان، خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە مەھكۇم قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رايونغا كۆپلەپ خىتاي نوپۇسى يۆتكەۋاتقان، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بەزى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا مۇستەقىل سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارالغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەرىكىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، پروفېسسور شون روبېرتسنىڭ 22-دېكابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق پۈتسە، بۇ رايون ئېھتىياجلىق بولغان سۇغا ئېرىشىپ، نوپۇس سىغدۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن. شون روبېرتس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، رايوندىكى ئېتنىك تەڭپۇڭلۇقنى ئۆزگەرتىشكە بەك ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شون روبېرتس مۇنداق دەيدۇ: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېتنىك تەڭپۇڭلۇقنى خىتاي مىللىتىنىڭ پايدىسىغا ئۆزگەرتىشكە بەك قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇ مۈشكۈلات پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارنى بۇ رايوننىڭ سىرتىغا كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىشتۇر. چۈنكى، بۇ رايوننىڭ مۇھىتىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بۇ رايونغا ئېلىپ كېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىك يوق. بۇنى ئاساسلىقى بۇ رايوننىڭ قۇرغاق تەبىئىي ئەھۋالى بەلگىلىگەن. ئ‍ەگەر ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، بۇ رايوننى سۇغۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق سۇغا ئېرىشىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ نوپۇس سىغدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى ياشىشى مۇمكىن».

لېكىن شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ئۇرۇنۇشلارنىڭ بىر ئېكولوگىيەلىك بەدىلى بولىدىكەن. ئۇ سابىق سوۋېت ئ‍ىتتىپاقىنىڭمۇ بۇرۇن سىېىرىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئارال كۆلىگە سۇ باشلاشنى پىلانلىغانلىقى، بىراق مەغلۇپ بولغانلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى نۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ خىل سۇ باشلاش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قانداق بەدەللەرگە توختايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئ‍ۆزلىرىگە مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

شون روبېرتس: «ھالبۇكى، بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ نۇرغۇن ئېكولوگىيەلىك بەدىلى بولىدىغانلىقىغا ئائىت تارىخىي ساۋاقلار بار. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدىمۇ سىبىرىيەدىن سۇ باشلاپ ئارال كۆلىنى قۇرۇپ كېتىشتىن ساقلاش ئۇرۇنۇشلىرى بولغان، بىراق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. مېنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا بۇ خىل سۇ باشلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ قانداق بەدەللەرگە سەۋەن بولىدىغانلىقىغا قارىتا بىزنىڭ ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق. بىز بۇ قۇرۇلۇشقا ئائىت مۇنازىرىلەردىن بىلگەندەك بۇ تونىلغا ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن تېخىمۇ كۆپ سۇ كېلىپ كېتىپ، قۇرۇلۇش نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن» دېدى.

خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ «تونىل قۇرۇلۇشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، «يەر ئاستى سۈيى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى دائىم سۇ بېسىپ كېتىش ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قۇرۇلۇش پىلانىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن».

دوكلاتتا، ئىشچىلار ۋە تونىل قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ ئىزچىل كۈچلۈك يەر ئاستى سۇ ئېقىمىغا دۇچ كېلىپ، ئىشنى توختىتىشقا ۋە قېچىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، تونىل قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ قېزىش سۈرئىتى ئۇيغۇر ئېلىدەك بىر قۇرغاق رايوندا ئوتتۇرىچە قېزىش سۈرئىتىنىڭ يېرىمىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ھەر ئايدا ئاران 200 مېتىر ئىلگىرىلىمەكتىكەن. نۆۋەتتە، 2018-يىلى باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر 60 % قىسمى پۈتۈپ بولغان بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان سۇ بېسىپ كېتىش ئەھۋالى قۇرۇلۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېچىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئېلىدىكى چۆللۈكلەرنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ بولۇپلا قالماي، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ گېئولوگىيەلىك باھالاش ئاساسىدىكى يول ھېسابلاش مۆلچەرىنىڭ يېرىمى خاتا چىققان. نۆۋەتتە، خىتاي ئىنژېنېرلار ئەترىتى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا بەزى يېڭى ئۇسۇللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنى سىنىماقتا ئىكەن. ئۇلار تونىل قېزىش ماشىنىسىغا بىر خىل تەۋرەشنى بايقاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قېزىش يولىدىكى سۇ ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىنئالا بايقاش ۋە بۇ ئارقىلىق سۇ بېسىپ كېتىشكە قارشى ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈشنى ئويلاپ چىققان.

ئالتاي تاغلىرىدىكى قارنى سۇ مەنبە قىلغان ئېرتىش دەرياسى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئۇيغۇر ئىلى ئارىسىدىكى خەلقئارالىق دەريا بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشىنىڭ رۇسىيە بىلەن قازاقىستاننى بىئارام قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا ئاشكارا قارشىلىق قىلمايۋاتقانلىقى مەلۇم. پروفېسسور شون روبېرتسنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چېگرا ھالقىغان دەريالارنى باشقا ياققا باشلاش كۆپ تەرەپلىمىلىك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پاكىت شۇكى، خەلقئارالىق دەريالارنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىش كۆپ تەرەپلىمىلىك باشقا مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى، بۇ دەريالار ئېقىپ ئ‍ئۆتىدىغان دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا سۆرەپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنداق قۇرۇلۇشلار ئومۇمى يۈزلۈك دەريانىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ. مەن ‍ئۆزۈم بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى ئېكولوگىيە جەھەتتىن يوشۇرۇن خەتەرلىك بولۇپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىنمۇ خەتەرلىك، دەپ قارايمەن».

بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سۇ باشلاپ، رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش پىلانىدا ئۇ قىلىشنى ئويلاشقان تۇنجى قۇرۇلۇش ئەمەس. ئىلگىرى بىر قىسىم خىتاي تەتقىقاتچىلىرى 1000 كىلومېتىرلىق تونىل ياساپ، تىبەت ئېگىزلىكىدىكى يارلۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ سۈيىنى تارىم ئويمانلىقىغا باشلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى رەت قىلغانىدى. 2015-يىلى يەنە بىر گۇرۇپپا خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئاستىدا غايەت زور مىقداردىكى سۇ زاپىسى بارلىقىغا ئىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 2-چوڭ دەريا بولغان ئېرتىش دەرياسىغا يىلىغا 11 مىليارد كۈپ مېتىر قار ئېقىپ كىرىدىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى نوپۇسىنىڭ بىر يىللىق سۇ ئىستېمال ئېھتىياجىغا تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.