قەشقەردە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بازار ئېھتىياجى ئەمەس، ئەمەلدارنىڭ خاھىشى بويىچە بېكىتىلمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.08.09
dehqan-etiz-xoten.jpg ئېتىزدا كۆچەت تىكىۋاتقان دېھقانلار. 2012-يىلى 28-ماي، خوتەن.
AFP

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «دويىن» دا چىققان بىر خەۋەردە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا ئاھالىلەرنىڭ بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھالدا بەرەڭگە، يەنى ياڭيۇ تېرىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ۋە بازارنىڭ ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كەتكەن ياڭيۇ ھوسۇلىنىڭ خېرىدارسىز قېلىپ دېھقانلارنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەردە ئاھالىلەرنىڭ بازارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئەمەس، ئەمەلدارلارنىڭ ئېغىزىدىكى بۇيرۇققا قاراپ تېرىقچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى دەلىللەندى.

ئىشلەپچىقىرىشنىڭ خىتاي مىقياسىدا پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتكىنى يېرىم ئەسىر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەنىلا ئەمەلدارلارنىڭ خاھىشى بويىچە بېكىتىلمەكتە. «دويىن» دا چىققان بىر خەۋەردە ئىنكاس قىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا، بۇ يىل دېھقانلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا پەرەڭگە( ياڭيۇ) تېرىشقا بۇيرۇلغان. ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندا مەھسۇلات مىقدارى بازارنىڭ ئېھتىياجىدىن ھالقىپ كەتكەچكە، ئاھالىلەر بۇ مەھسۇلاتلىرىنى ساتالمىغان ۋە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. بىر ئىنكاسچى بۇ ئەھۋالنى «دويىن» ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، يەرلىك ئەمەلدارلار ئىنكاسچىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنى ئىزدەپ، بۇ ياڭيۇ ھەققىدىكى ئىنكاسنى توردىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇغان. نەتىجىدە ئىنكاسچى، يەنە بىر ۋىدىيو ئىشلەپ، ئەھۋالنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تەپسىلىي ئاشكارىلىغان ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرغان.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان 85 ياشلىق مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا، 2017-يىلى يۇرتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىغا بارغان چېغىدا، ئەنە شۇ «دويىن» دا ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بۇ سەۋەبتىن تارتقان ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئۇچرىغان تەھدىتلىرىگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، توققۇزاقتىلا ئەمەس، قەشقەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك، دېھقانلار ئۆزلىرى تېرىغان زىرائەتلىرىنى ئۇشتۇمتۇت بىر بۇيرۇق بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىشكە، ھەتتا پىشىشقا بىر-ئىككى ھەپتە قالغان زىرائەت ئېتىزلىرىنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە مەجبۇر بولغان.

قەشقەر توققۇزاقتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز تەۋەلىكىدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ بۇيرۇق بويىچە بېكىتىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن بۇ تۈر مەجبۇرىي تېرىقچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللاردا ياخشى ئۈنۈم بەرمىگەن بولسىمۇ، ھازىر ياخشى نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاھالىلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا نارازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، مەجبۇر تېرىقچىلىقنىڭ راستىنلا دېھقانلارغا زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ زىيان سەۋەبلىك ئەمەلدارلارنىڭ دېھقانلاردىن ئەپۇ سورىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر، «تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش» نامىدىكى بۇ زوراۋانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغاندىن كېيىنلا خاتالىقىنى قىسمەن بوينىغا ئالغان؛ ئەمما مەجبۇرىي تېرىقچىلىقتىن يەنىلا ۋاز كەچمىگەن؛ شۇڭا دېھقانلارنى بۇ ھەقتە شىكايەت قىلماسلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

ئۆتكەن ھەپتە تاراتقۇلاردىكى يەنە بىر ۋىدىيو ئۇچۇرىدا، ئاتۇشتا بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى تېرىغان تاۋۇزلارنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالغانلىقى ۋە ئەخلەت ئورنىدا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى تاپا-تەنە ئاھاڭدا بايان قىلىپ، مەجبۇرىي تېرىقچىلىقىنىڭ زىيانلىرىنى ئىشارەت قىلغان ئىدى.

مەمەتتوختى ئىمىن ئاكىنىڭ دېيىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بەزىدە ئۆز يېقىنلىرى بازارغا سالغان زىرائەت ئۇرۇقلىرىنى سېتىش ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىدا ئۆز مەيلى بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرنى بىكار قويماسلىق ئۈچۈنمۇ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىغا قول تىقىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يۇقىرىدا، قەشقەردە تېرىقچىلىقنىڭ بازارنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس، ئەمەلدارلارنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.