4.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەلىلىمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.06.09
4.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ دەلىلىمۇ؟ دوكتور ئادرىئان زېنز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىغا توردىن قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 7-ئىيۇن.
Photo: RFA

غەرب مەتبۇئاتلىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 4.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلۇش مەسىلىسىگە دىققەت قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى لوندۇندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرى مەزكۇر سوتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرى توغرىسىدا ھەرخىل ئانالىز ماقالىلىرى ۋە خەۋەرلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە دىققەتنى بەكرەك تارتقىنى، دوكتۇر ئادرىئان زېنز گۇۋاھلىق سۆزىدە تىلغا ئالغان 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 80 پىرسەنت كېمەيگەنلىكى، كەلگۈسى 20 يىلدا 4.5 مىليون ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كەم تۇغۇلىدىغانلىقى مەسىلىسى بولماقتا.

BBC 9-ئىيۇن ئېلان قىلغان «گېرمانىيە ئالىمى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» ناملىق ماقالە، «فىرانسىيە ئاۋازى» 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان «بېيجىڭ 20 يىلدا 4 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان شىنجاڭ سىياسىتى بىلەن ئەيىبلەندى» ناملىق خەۋەر ۋە «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتاي شىنجاڭدا نوپۇسنى تىزگىنلەپ، 20 يىل ئىچىدە 4.5 مىليون ئادەمنى كېمەيتمەكچى» ناملىق خەۋەرلەر بۇنىڭ مىساللىرىدۇر.

مەلۇم بولغىنىدەك، لوندۇندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە گۇۋاھلىق بەرگەن 40 تىن ئارتۇق شاھىدلار ئارىسىدىكى بىرقىسىم ئۇيغۇر ئاياللار ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن مەجبۇرىي بالا چۈرۈش ئوپېراتسىيەسى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش دورىسى ۋە مەجبۇرىي ئۈزۈك سېلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى ئېچىنارلىق ھېكايىلىرى بىلەن سوت ئەھلىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

دوكتۇر ئادرىئان زېنز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى دوكلاتىنى بايان قىلغاندا، 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ 48.7 پىرسەنت ئازىيىپ زور دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنى، كەلگۈسى 20 يىلدا ئاز دېگەندە 4.5 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئومۇمىي ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ بۇ دوكلاتنىڭ خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىسپاتلاشقا يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

غەرب مەتبۇئاتلىرى دەل مۇشۇ نۇقتىغا بەكرەك دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، تاجاۋۇز خاراكتېرلىك بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى، قورقۇنۇش سېلىپ تۇرۇپ مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىچكۈزۈش ۋە مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ نورمال كۆپىيىشىگە چەكلىمە قويغان خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئانالىز قىلماقتا.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئۈچۈن بۇ دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئەھمەت بولسا ئادرىئان زېنزنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا ئاساس بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

BBC نىڭ «گېرمانىيە ئالىمى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ۋەھىمىسى ئاستىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: «ئادرىئان زېنزنىڭ بۇ دوكلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئارقا يۈزىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەقسىدىنى ئاشكارىلاپ تاشلىدى». «بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە خىتايدا 3 پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى يەنىلا ئىنتايىن قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا، خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالانماقتا».

فرانسىيە ئاۋازىنىڭ «بېيجىڭ 20 يىلدا 4 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاز تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان شىنجاڭ سىياسىتى بىلەن ئەيىبلەندى» ناملىق خەۋىرىدە مۇنداق جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: «ئادرىئان زېنزنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يولغا قويمىسا، 2040-يىلىغا بارغاندا 13 مىليون 140 مىڭ ئادەم كۆپىيەتتى. بىراق ھازىر ۋەزىيەت باشقىچە، ئاز دېگەندە 2 مىليون 600 مىڭ بىلەن 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئاز تۇغۇلىدۇ». «بېيجىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان غەربىي-شىمالىدىكى بۇ بىپايان تۇپراققا بولغان كونتىروللۇقىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھازىر 25 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ. مىليونلىغان خىتايلار بۇ رايونغا كۆچۈپ يەرلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.»

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسى 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان «خىتاي شىنجاڭدا نوپۇسنى تىزگىنلەپ، 20 يىل ئىچىدە 4.5 مىليون ئادەمنى كېمەيتمەكچى» ناملىق خەۋىرىدە مۇنداق جۈملىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ: «ئادرىئان زېنزنىڭ دوكلاتىدا ئىپادىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 8.4 پىرسەنت بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى 25 پىرسەنت كۆپەيتمەكچى. بۇ سىياسەت خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئانالىزىغا ئاساسلانغان بولۇپ، رايوندا كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ساداقەتنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان». دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى پارتكومىنىڭ ۋەكىلى ۋە مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ يىلېي 2020-يىلى 7-ئايدا چاقىرىلغان بىر يىغىندا ‹جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەسىلىسى نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتا. خەنزۇلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى بەك تۆۋەن› دېگەن».

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك گۇۋاھلىقلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە يەنە جازا لاگېرلىرىدىكى قېيىن-قىستاقلار، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى، مەدەنىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنماقتا.

ھالبۇكى، خىتاي ھاكىمىيىتى سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرىلا بۇ سوتقا ئېتىبار بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇ سوتنىڭ قانۇنسىزلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇ سوتنى قارىلاپ ئاخبارات ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.