خىتاينىڭ تۇرپان تۈرمىسى ھەققىدە بىر ساختا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

2017‏-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەرنىڭ ئورنىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» سۈپىتىدە سىر تۇتۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تۇرپان تۈرمىسى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەۋاتقانلىقى، بۇ فىلىمدا تۈرمىنىڭ ئىچىنى «بەخت-سائادەت باغچىسى» قىلىپ تەسۋىرلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. تۇرپان تۈرمىسىدە بىر مەزگىل ياتقان بىر سابىق مەھبۇس، تۈرمە قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈملىرىنىڭ ئۇ يەردىكى قىيىن-قىستاق ۋە ئازاب ئوقۇبەتنى پەردازلاشقا ئۇيغۇن شەكىلدە لايىھەلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر تۈرمە باشقۇرۇش خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تۇرپان داخىيەن تۈرمىسىدە تەشۋىقاتنى مەقسەت قىلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن. بۇ فىلىمدا تۈرمە خادىملىرىنىڭ مەھبۇسلارغا تۈرمە سىرتىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشى، مەھبۇسلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئورۇنداۋاتقان «كۆڭۈللۈك ھاياتى»، شۇنداقلا تۈرمە خادىملىرىنىڭ مەھبۇسلار بىلەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ ئولتۇرغان كۆرۈنۈشلىرى ئورۇن ئالغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلگىرى 10 يىل جازا ئۆتىگەن ۋە نۆۋەتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بىر سابىق مەھبۇس، تۇرپان تۈرمىسىنىڭ تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۈرمىدە 10-20 يىل ئارىسىدا مۇددەتلىك كېسىلگەن سىياسىي مەھبۇسلار جازا ئۆتەيدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات فىلىمىدا رول ئالغان مەزكۇر تۈرمە خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەنە شۇ فىلىمغا ئېلىنغان كۈنى 13‏-ئەترەتتىكى 100 نەچچە مەھبۇس بىلەن بىرلىكتە غىزالانغان. غىزادىن كېيىن مەھبۇسلار ناخشا ئېيتىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن.

سابىق مەھبۇس تۈرمىلەردە يول قويۇلىدىغان ناخشىلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارى ئەمەس، پەقەت تۆۋەنامە مەزمۇنىدا ئىكەنلىكى، بۇ ناخشىلاردا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مەدھىيەلەر ئوقۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. تۈرمە خادىمىنىڭ دېيىشىچە، تۇرپان تۈرمىسىدە كۇتۇپخانا ۋە ئۇنىڭدا ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئەمما سابىق مەھبۇسنىڭ دېيىشىچە، كۇتۇپخانىلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايچە ۋە سىياسىي-قانۇن مەزمۇنىدىكى كىتابلار ئىكەن.

يەنە مەلۇم بولۇشىچە، تەييارلىنىۋاتقان ئەمما تېخى ئېلان قىلىنمىغان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا، تۈرمە قورۇسىدىكى تەنتەربىيە مەيدانى ۋە مەھبۇسلارنىڭ توپ ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بار بولۇپ، سابىق مەھبۇس، بۇ مەيداننىڭ چەكلىك ۋاقىتلاردا چەكلىك كىشىلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەھبۇسلارنىڭ بۇ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلانغۇدەك ۋاقتى، ماجالى ۋە كەيپىياتىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكانىڭ CNN ۋە ئەنگلىيەنىڭ BBC مۇخبىرلىرى تۈرمە ۋە لاگېرنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا، بەزىدە ساقچىلار، بەزىدە پايلاقچىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، تۈرمە ۋە لاگېر ئەتراپىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مارالبېشى ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى تۈرمە ئورۇنلىرىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

بىر ھەۋەسكار تەتقىقاتچى سۈپىتىدە تۈرمە ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان يۇقىرىقى سابىق مەھبۇس، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈرمىلەر ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە بەلگىلىك مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرمىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تۈزۈملىرىنىڭ شەكىل جەھەتتىن خەلقئارا قانۇندىكى ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ھالەتتە ھازىرلانغانلىقى، ئەمما تۈرمە مەشغۇلاتىنىڭ مەھبۇسلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.