خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەقدىرى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرىنى» قۇرغاندىن بۇيان مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى، شۇ جۈملىدىن ئالىملار، يازغۇچىلار مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى ئىلھام توختىغا بېرىلىشى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

ئىلھام توختى 2014-يىلى «بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي قۇتراتقۇلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرىدىن ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تاشقىرى يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە. ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىلھام توختىدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە تۈرمىلەردە ياكى جازا لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

يېقىندا يەنە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا دىققەت قوزغىماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە 26-دېكابىردا ئېلان قىلىنغان «ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئالىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە خەۋەر بېرىشى لازىم» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، 2017-يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىكەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاشپولات تېيىپ ئىككى يىل ئىلگىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە ئۇچماقچى بولغاندا تۇتۇلغان. نارەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالىم «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈو ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىغا كېسىلگەن ئېكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەر ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بىزگە شۇ نەرسە خەۋەر قىلىندىكى، تاشپولات ئەپەندى پارىخورلۇقتا ئەيىبلىنىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئادۋوكات ياللىغان، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم جازاسىھەققىدە ھۆكۈم يوق. ئەگەر بۇ مەلۇمات دەلىللەنسە، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزچە، بۇنى ياخشى بىر خەۋەر دېيىشكە بولىدۇ.»

ماقالىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق بويىچە باش كومىسسار مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى توغرىلىق بىر نەچچە قېتىم بىلدۈرۈش ئېلان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «سوت جەريانىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس قائىدىلەرگە ماس كەلمەيدىغان ھەر قانداق بىر ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى خەلقارا قانۇنلارنى بۇزغانلىق. ئەنە شۇنداق ئەھۋالدىكى ئۆلۈم جازاسى سوتسىز جازا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار شۇنى ئەسكەرتتىكى، پروفېسسور تېيىپ ئادالەتلىك سوت تەكشۈرۈشى ھوقۇقىغا ئىگە.»

بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىۋالقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەھەتتە مەزكۇر لاگېرلار ۋە تۈرمىلەردە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئاتاقلىق زىيالىيلارنىڭمۇ ياتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇلارنىڭ تەقدىرى چەتئەللەردىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىمۇ بىئارام قىلماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كاندىدات-دوكتور دىلنۇر قاسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «2019-يىل ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بىر يىل بولدى. دۇنيا ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر ئەھۋالىنى بىلىپ كەتتى. لاگېرلاردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇئەللىملەر، ئالىملار، يازغۇچىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار تۈرمىلەردە ئازاب چېكىۋاتىدۇ. مەسىلەن، تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش ئالىملارنىڭ تەقدىرى تېخىچە بىزگە ئېنىق ئەمەس.»

دىلنۇر قاسىموۋا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەنە شۇ ئالىملار توغرىلىق مەلمۇتلارنى ئېلان قىلىشى زۆرۈرلىكىنى، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى رۇفات باۋدۇنوف ئەپەندى خىتاي لاگېرلىرىدا كۆپلىگەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ گۇناھسىز ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش ئىسمى دۇنياغا تونۇلغان ئالىملارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «راھىلە داۋۇت، ئارسلان ئابدۇللا بىلەن مەن شەخسەن ئۆزۈم تونۇش ئىدىم. ئارسلان ئابدۇللا بىلەن مەن ئالمۇتادا مەھمۇت قەشقەرىگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغاندا تونۇشقان ئىدىم. راھىلە داۋۇت بىلەن بۇداپېشتتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىدە تونۇشقان ئىدىم. ھەقىقەتەن بۇلار سىياسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلىم بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ھەقىقىي ئالىملار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدا، پىكىرلىرىدە ھېچ قانداق بىر بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ئىدىيەلىرى بايقالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئىلىم بىلەن شوغۇللىنىپ، خەلققە بىلىم بەرگەن ئىدى. ھازىر بولسا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە مەلۇم ئەمەس. تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن ئالىملىرىمىزغا ئارتىلغان ئەيىبلەرنىڭ بارلىقى ئاساسسىز. بۇ ھەقتە توختىماي سۆزلىشىمىز كېرەك، مەخسۇس تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈپ، قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ھەتتا ئادۋوكاتلىرىمۇ يوق، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش مۇمكىنچىلىك يوق. مەتبۇئاتلاردا مەلۇمات ئېلان قىلالمايۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇلار ھەققىدە مۇمكىن بولغان مەنبەلەردىن بەزى مەلۇماتلارنى ئېلىۋاتىمىز.»

رۇفات باۋدۇنوف خىتاي لاگېرلىرىدا، تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەققىدە توختىماي پۈتكۈل دۇنياغا ئاۋاز چىقىرىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق بويىچە باش كومىسسار مىشېل باچېلېتنىڭ تاشپولات تېيىپقا ئائىت قىلغان بىلدۈرۈشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئوچۇق سوتسىز يوشۇرۇن ھۆكۈم چىقىرىش ئەينى ۋاقىتتا ستالىن دەۋرىدىن قالغان ئۇسۇل. مۇشۇ ئۇسۇل ھاكىممۇتلەق مەملىكەتلەردە تېخىلا ساقلىنىۋاتىدۇ. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ساناۋاتقان چوڭ بىر دۆلەتتە بۇ مەسىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دۇنيادا چوڭ بىر ئادەلەتسىزلىكنىڭ تېخىچە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.»

ئالىمجان ھەمرايېف بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن چوڭ پاجىئە ئىكەنلىكىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىپ، ئىجابىي بىر قارارغا كېلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.