«ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» نى قايتا تۈزۈشكە قاتناشقان كامىل رېھىم تۇتقۇن قىلىنغان

0:00 / 0:00

كۈنسېرى ئاشكارىلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇش قاراتمىلىقىنىڭ تىغ ئۇچىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ۋە دىنىي ئېتىقادىغا مەركەزلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى ھاياتىدىكى يېتەكچى كۈچ ھېسابلانغان سەرخىللارنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى تەقىب سىستېمىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولماقتا.

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ قاماق جازالىرىغا، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە 2002-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە «ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» نى قايتا تۈزۈشكە قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى كامىل رېھىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇنىڭ نۆۋەتتە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق قىزى مەرھابا كامىل تەرىپىدىن دەلىللەندى.

مەرھابا كامىلنىڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دادىسى كامىل رېھىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، مۇئاۋىن ئىنستىتۇت باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىكەن. ئۇ 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆيىدىن تۇتۇپ ئەكېتىلگەن.

مەرھابا كامىل سۆزى داۋامىدا دادىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ 2002-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە «ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى» نى قايتا تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتتى.

يېقىندا رادىيومىزدا ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە داڭلىق ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، جازانىڭ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رادىيومىزغا كەلگەن يەنە بىر ئىنكاستا ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىشتە، ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان، ھۆججەتلىك ئاگاھلاندۇرۇش فىلىمى كۆرسىتىلمەكتە ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، 1-2-3 دەپ قىسىملارغا بۆلۈنگەن بۇ ۋىدىيولۇق تەشۋىقات ماتېرىيالىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىككى زىيالىينىڭمۇ ئاتالمىش جىنايىتى بايان قىلىنغان ئىكەن.

زىيارەت داۋامىدا مەرھابا كامىل دادىسى كامىل رېھىمنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى قايتا تۈزۈشكە قاتناشقان مەزگىلىدىكى ھېسسىياتىنى چۈشەندۈرۈپ، «ھۆكۈمەتنىڭ دادامغا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى خەنزۇلارنىڭ ئەدەبىيات كىتابى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆزگەرتىپ تۈزۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن بولۇپ، شۇ جەرياندا دادام ئۇيغۇر تىلىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز يوق بولۇپ كېتىدىغان بولدى، دەپ بەك قاتتىق يىغلىغان ئىدى،» دېدى.

زىيارەت جەريانىدا بىز مەرھابا كامىلدىن دادىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خەۋىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دادىسىنىڭ تۇتۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئۆگىنىشكە ئەكىرىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئەمما 2019-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە دادىسىنىڭ 2018-يىلى 8-9-ئايلاردا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى.

بىز مەرھابا كامىلنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-تۈرمىگە تېلېفون قىلىپ ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ھالبۇكى، ئىككىلا جايغا ئۇرغان تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى، بەزىدە تېلېفونىمىز نامەلۇم سەۋەبلەردىن ئۈزۈۋېتىلدى.

زىيارەت ئاخىرىدا مەرھابا كامىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دادىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، «ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كىتابىنىڭ ئۆزگەرتىپ تۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى نۇسخىسى دەل بىز بۇرۇن ئوقۇغان كىتابلاردۇر. يالقۇن روزى، ساتتار ساۋۇت ۋە دادامغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى ئۈچۈن قىلغان تۆھپىسىنىڭ مۇشۇنداقلا يوق بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمىدىم، چۈنكى بىزنىڭ ئۇنى قوغداش ھەققىمىز بار،» دېدى.

ئالدىنقى ھەپتە رادىيومىزدا 2012-يىلى ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇر ياش ئەمرۇللاھ ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن تەپسىلىي سۆھبىتىمىز بېرىلگەن ئىدى. سۆھبەتتە ئەمرۇللاھ ئەكرەممۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى كامىل رېھىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «كامىل رېھىم مېنىڭ ھاممامنىڭ يولدىشى بولۇپ، ئۇ كىشى 2002-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان، شۇ سەۋەبتىن 2018-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپتۇ.»