ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز سادا
2019.04.26
Alim-Exet-Uyghur-Soft.jpg ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
Social Media

يېقىندىن بۇيان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرنىڭ تىزىملىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىچكىرلەپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئالىم ئەھەت 2018-يىلى يانۋاردىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان. يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىم ئەھەت شۇ يىلى يازدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن.

بىز بۇ ئىنكاسقا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتىتنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلدۇق. نەتىجىدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تىزىملىكى ئىچىدىن ئالىم ئەھەتنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.

بىز يەنە مەزكۇر فاكۇلتىتقا تېلېفۇن قىلدۇق. تېلېفۇنىمىزنى ئالغان بىر خىتاي خادىم ئالىم ئەھەتنىڭ نۆۋەتتە خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، بىزنىڭ قاچاندىن بېرى ئىشلىمەيۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۇئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۈرۈمچىدىكى باشقا جايلاردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتۇق. بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن بىرەيلەن ئالىم ئەھەتنىڭ بىر يىلدىن بۇيان «كۆرۈنمىگەنلىكى» نى، ئۇنىڭ «بېيجىڭغا گاھىدا كاماندروپكا ئۈچۈن، گاھىدا ئۆگىنىش ئۈچۈن كېتىدىغانلىقى»، تېلېفۇن ئۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بەرىبىر ئالالمايدىغانلىقى» نى كودلۇق جۈملىلەر بىلەن بايان قىلدى.

ئالىم ئەھەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان نورۋىگىيەدىكى ساۋاقدىشى، نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن خەلچەم مەمتىمىن خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالىم ئەھەتنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بىر بىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەربىيە» لىنىشكە ھېچ ئېھتىياجى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەلدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرىشىچە، ئالىم ئەھەت 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن كېيىن ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدىن غايىپ بولغان. ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى دوست-بۇرادەرلىرى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئالاقىدە بولالمىغان.

ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە «كومپيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى» نى ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن. كېيىن، پروگرامما لايىھەلەشتە تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، 1993-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام يېتەكچىلىكىدىكى «863 تەتقىقات گۇرۇپپىسى» غا كىرگەن ھەمدە خىتاينىڭ دۆلەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرلىرىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا UDOS ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، كۆپ تىللىق يېزىق تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە تونۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى يىتىلدۈرگەن ھەمدە يۇمشاق دېتال ئېچىشتا مول تەجرىبە ۋە ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى پۇختا يىتىلدۈرگەن. 1995-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى 9-فاكولتېتى) غا كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.

ئالىم ئەھەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئامېرىكادىكى داڭلىق دۆلەت ھالقىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى - مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 1998-يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە يۇمشاق دېتال شىركىتى-ئۈرۈمچى ئۇيغۇر سوفت كومپيۇتېر شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان.

شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ». ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 1998-يىلى 10-ئايدا، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە TrueType خەت نۇسخىسىنى ياساپ، «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ (ALKATIP)» نى بازارغا سالغان. بۇ مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە فونت كىرگۈزگۈچ بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ساھەسىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان شۇنداقلا رايوننىڭ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ماركىسى» نى ياراتقان.

2. «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى». بۇ لۇغەتتە خىتاي تىلى لۇغىتى، سۆزلۈك لۇغىتى ۋە تۇراقلىق ئىبارە لۇغىتى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشتۈرۈگەن. «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى» 26 نەپەر خادىمنىڭ 2001-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 4-ئايغىچە بولغان تۆت يىللىق ئەجىر-مېھنەت تەرىگە پۈتۈپ چىققان ئۇنىۋېرسال لۇغەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە خىتاي تىلى ئۆگىنىشتە ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان لۇغەتكە ئايلانغان.

3. «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى». بۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىردىنبىر، قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان كەسپىي كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى. ئۇ ئاخبارات-نەشرىيات ۋە ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش ساھەسىدە قوللىنىشقا ئېرىشىپ، ماقالىنىڭ ئىملا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ۋە خاتالىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئالىم ئەھەت 2008-يىلى 11-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر ياش» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.