لاگېر قۇربانلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ھۆججەتكە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئايال بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىققانلىقى ئۈچۈن 19 يىللىق كېسىلگەن.
«شىنجاڭ قۇربانلىرى ساندىنى» ناملىق تەشكىلات 26-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئىككى پارچە ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى مۆتگې يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئېرلان قابادەن «ئەسەبىيلىكنى ئىشلىتىپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، «جېدەل چىقىرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغان ۋە ئوخشاش جىنايەت بىلەن 2019-يىلى 14-ئىيۇن قوبۇقسار ناھىيەلىك خەلق سوتى تەرىپىدىن 19 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
تەشكىلاتنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا كۆرسىتىشىچە، ئېرلان قابادەنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىقىش، ئۇنىڭ 19 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان ئاتالمىش جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەتقىقاتچى جىنې بونن بۇ ھەقتە فەيسبۇكقا يوللىغان ئۇچۇرىدا بۇنى بىر «دۆلەت تەشكىللىكىدىكى قاتىللىق» دەپ ئاتىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «51 ياشلىق بىر ئايال بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىققانلىقى ئۈچۈنلا 19 يىللىق كېسىلسە، بۇنى جىنايى جازا دېگىلى بولمايدۇ. بۇ بىر دۆلەت دۆلەت تەشكىللىكىدىكى قاتىللىقتۇر.»
خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ۋە ھەرخىل ناملاردا قارىلىنىپ كېسىلگەن ئىدى.