يەنە نەچچە مىليون ئۇيغۇر غايىب بولىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-07
Share
يەنە نەچچە مىليون ئۇيغۇر غايىب بولىدۇ؟ تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈندە گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 2021-يىلى 7-ئىيۇن. لوندون، ئەنگلىيە.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك چارىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇغۇت نىسبىتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرگە سىر بولمىسىمۇ، بۇ جەرياندا زادى قانچىلىك نوپۇسنىڭ سۈنئىي ھالدا ئاز تۇغۇلغانلىقى ئىزچىل نامەلۇم بولۇپ كەلمەكتە. ۋاشىنگتون شەھرىدىكى كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتى نۆۋەتتىكى نوپۇس سىياسىتى داۋام قىلسا كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ تۆت يېرىم مىليون ئۇيغۇر بوۋاقنىڭ كەم تۇغۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چەكلەش تەدبىرىنىڭ ھازىرچە مەلۇم بولغان يەنە بىر يۈزى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنچە كۆپ دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى دېگەن ھادىسە پۈتۈنلەي تۆھمەت» دەپ بۇنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان بۇ دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىشتىكى كۆپلىگەن مۇددىئالىرىنىمۇ ئاشكارا قىلدى.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا دوكتۇر ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى نوپۇس كونتروللۇقى ئېلىپ كەلگۈسى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ھەمدە بۇ غايەت زور ساننى قانداق ھېساپلاپ چىققانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاپ چىقىرىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بولغان ليۇ يىلېي قاتارلىقلار ئېلان قىلغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ھەمدە خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتىش ھەققىدىكى بايانلارنى ئاساس قىلدىم. ئۇنىڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 15 پىرسەنت ئىكەنلىكى، بۇ ساننىڭ بەكمۇ تۆۋەن ھېسابلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. مېنىڭ مۆلچەرىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتمەكچى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سانىنى ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا چقىرىپ ئۇيغۇرلارنى تولۇق كونترول قىلغۇدەك سەۋىيىگە يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەن كەلگۈسى يىگىرمە يىلدا، يەنى 2040-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئەنە شۇ دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ تۆت يېرىم مىليون كېمىيىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلدىم. شەخسەن مېنىڭ پىكرىمچە، قىسمەن كۈتۈلمىىگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالغاندا، بۇ سان 4. 1 مىليون بولۇشى ئېھتىمالغا بەكرەك يېقىن. چۈنكى خىتاي ئالىملىرىنىڭ ئۆزلىرى ئېيتقان پىكىرلەر بويىچە بولغاندا، كەلگۈسى يىگىرمە يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خىتاي بولمىغان كىشىلەرنىڭ نوپۇس سانى 13.1 مىليون بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا بۇ سان توققۇز مىليون بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاز دېگەندىمۇ 4.1 مىليون پەرق كېلىپ چىقىدۇ.»

دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچ سەرپ قىلىش بەدىلىگە «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇر نوپۇسى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان تارىم ۋادىسىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش بولغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىلا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە يەتكەن» دەپ ئاشكارا سورۇنلاردا نۇتۇق سۆزلىگەن. شۇنىڭدەك بۇ خىل «تەڭپۇڭسىز بولغان نوپۇس قۇرۇلمىسى» نىڭ مىللەتلەرنىڭ ئىتىپاق بولۇشى، خىتاي ئورتاق كىملىكىنى تونۇش چۈشەنچىسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغۇچى ئامىل، دەپ قارالغان. يەنە بىر ياقتىن بۇ خىلدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئاز سانلىقنى ئىگىلەپ قېلىشى «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت» دەپمۇ قارالغان.

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيالىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەد تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش لازىم ئىكەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار بۇ يوسۇندا بەكلا مەركەزلىك ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشسا، خىتايي نوپۇسىنىڭ بۇ توپقا ئارىلىشىپ كىرىشىگە بىر خىل تەھدىت پەيدا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى شالاڭلىتىش كېرەك. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپىيىشتىن چەكلەش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غايەت زور ساندىكى خىتاي نوپۇسىنى بۇ رايونغا يەرلەشتۈرۈش لازىم. يەنە بىر ياقتىن بولسا ئۇلار ‹جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاھالە بەك كۆپ بولۇپ كەتسە تېرىلغۇ يەر ۋە سۇ مەسىلىسى ئېغىر باش ئاغرىقى بولىدۇ› دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ئالىملىرى بۇ رايوندا نوپۇس سانى يەرنىڭ بېقىش قۇۋۋىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، دەپ خۇلاسە چىقارغان. شۇڭا ئۇلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر نوپۇسىنى تەدرىجى سۈرئەتتە ئازايتىش، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بولسا خىتاي نوپۇسىنى ئېلىپ كېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.»

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ تەرىقىدە تارىم ۋادىسىغا غايەت زور ساندا نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى ئۈزېل-كېسىل كونتروللۇققا ئېلىش ئاخىرقى مەقسەت بولغان. ئادريان زېنزنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشى ھەمدە ماكانلىشىشىدا رايوننىڭ بىخەتەر بولۇشى ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى:

«شۇڭا بۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى، ئۇيغۇر نوپۇسىنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتۇر. شۇنداق بولغاندا ئۇلار بىرىنچىدىن تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى چىقالمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن ئۇلار ئۆزگىرىپ خىتايغا ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ رايونغا غايەت زور ساندا خىتايلار كۆچۈپ كەلسە ئۇيغۇر رايونى بولغان ئورۇنلارنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشۇ خىل ئۆزگىرىشكە ماس كېلىدىغان يېڭى سىياسەتلەر ئىجرا بولۇشقا باشلايدۇ. مۇنداقچە ئالغاندا يەرلىك تىللارغا ياكى ئۆرپ-ئادەتلەرگە ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇ رايونلارمۇ بىرلا مىللەتنى ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن مىللەتنى ئاساس قىلغان رايونلارغا ئايلىنىدۇ. بۇمۇ ئاسمىلاتسىيەنى تېزلىتىدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوڭايلا ‹مىللەتلەر ئارا تويلىشىش› قا يول ئاچىدۇ ھەمدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش رولىىنى ئوينايدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، دوكتۇر ئادريان زېنزنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ئىلمىي ماقالە شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسىدە نوپۇزلۇق ژۇرنال ھېسابلىنىدىغان «ئوتتۇرا ئاسىيا تەكشۈرۈشى» (Central Asian Survey) تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنغان ھەمدە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت