يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت، يەنى تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەتتا تۈركىيە گىراژدانلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ۋەتەن زىيارىتىگە بارغانلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا لاگېرلارغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.
تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان خالمۇرات ئىدرىس ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئايالى گۈلزار سەلەي 2016-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن يۇرتى قارىمايغا قايتقىنىدا، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، قارىمايغا ئېلىپ كېتىلىپ لاگېرغا قامالغان.
خالمۇرات ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايالى گۈلزار تۇتقۇن قىلىنىپ، 2 ئايدىن كېيىن يەنى 2016-يىلى 8-ئاي مەزگىلىدە ئۇنىڭ قارىماي شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ھەدىسى ئالمىرە ئىدرىسمۇ، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ پېنسىيە مائاشىنى ئەۋەتىپ بەرگىنى ئۈچۈنلا، «چەتئەلدىكى تېررورچىلارغا پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. 2017-يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە قارىمايدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 10 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئالغان.
خالمۇرات ئەپەندى يەنە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت ئالغاندىن كېيىن، 2016-يىلنىڭ ئاخىر 2017-يىلنىڭ باشلىرىدا ۋەتەن زىيارىتىگە بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە قامالغانلىقى، ھەتتا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا خىتايغا تىجارەت قىلىش ئۈچۈن بارغان تۈركىيە گىراژدانلىقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئادىل ئابدۇرېھىم ئەپەندى 12-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» دا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئايالىنىڭ 2017-يىلى ئەتىياز مەزگىلىدە ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاقسۇدىكى لاگېرغا قامالغانلىقى، نارەسىدە ئۈچ بالىسىنىڭمۇ ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپ نامىدىكى «بالىلار لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەنىدى.
ئادىل ئابدۇرېھىم ئەپەندىمۇ بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاقسۇدىكى ئائىلىسىنىڭ تۇتقۇندىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئېنىقلاش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، ھەتتا تۈركىيە پاسپورتى بىلەن يۇرتىغا زىيارەتكە بارغان ئۇيغۇرلاردىن 10 نەچچە كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ بايانىدا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار، تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئەھۋالىنى ۋە بەزى تۈركىيە گىراژدانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئۆزلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىش توغرىسىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياكى تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ، تۈركىيەدىن خىتاي زىيارىتىگە بارغاندا «قايتا تەربىيىلەش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە بولغان ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق. ئەمما قىلغان تېلېفونلىرىمىز تېلېفون جاۋابسىز قالدى.
تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، چەتئەللەرگە زىيارەتكە بارغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۆز بارغان دۆلەتلەردە ئاۋارىچىلىككە يولۇقسا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ خادىم ئاۋۋال ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەلچىخانىغا مەلۇم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئاندىن بۇ خادىمدىن، يېقىندىن بۇيان خىتاي زىيارىتىگە بارغان بىر قىسىم تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىمىزنى ۋە بۇنداق ئەھۋالدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئەلچىخانىدىن قانداق ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ ئايال خادىم، ئەلچىخانىنىڭ تېلېفونىدا پەقەت ۋىزا بېرىش قاتارلىق ئىشلار ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى سوراشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق سەزگۈر سىياسىي مەسىلىلەرگە تېلېفوندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.