ئاۋسترالىيەدىكى تەتقىقاتچىلار كورلا غەربىي ۋوگزالىدىكى مەھبۇسلارغا مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشىگە ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا تاراتقۇلاردا كورلا غەربىي ۋوگزالىدىكى 600 گە يېقىن ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىغا دائىر سىن كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالغان ئىدى. بىر قىسىم تاراتقۇلار بۇ توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەندىن باشقا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرمۇ بۇ توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئا ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى 23-سېنتەبىر بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە دېيىلىشىچە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىس پاينى خانىم مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنى «ئادەمنى شۈركۈندۈرىدۇ» ۋە «قورقۇنچلۇق» دەپ تەرىپلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناتان رۇسېر سۈنئىي ھەمراھ ئانالىزى ئارقىلىق مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ناتان رۇسېرنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋىدېو ئارقىلىق شۇنى روشەن كۆرۈۋالالايمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا كەلگۈچە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى، غەرب تاراتقۇلىرىدا دېيىلگىنىدەك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما بىز خىتاينىڭ بۇنداق باياناتلىرىنىڭ تامامەن رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ سىستېمىلىق ھالدا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالدۇق.»

ناتان رۇسېر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەقىقەتەنمۇ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان غەرب دۆلەتلىرى ئەسلىدە خىتاينىڭ دېگىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈلمەكچى ئىدى. ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىرلاشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمىي ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل سىياسەتنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. مىليونلىغان ئۇيغۇرلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلىش ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيىگە زورلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.»

ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي سىياسىتى مۇتەخەسسىسى پروفېسسور مايكېل كلارك مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ۋىدېودا ئاشكارىلانغان ئەھۋالنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرى ئەمەس، بەلكى "تېخنىكىلىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى" قۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتلىك قىلىنغان ئاساستا ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما بۇ ۋىدېو ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.»

پروفېسسور مايكېل كلارك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقدارى بولغاندىن كىيىن خىتاينىڭ "بىر بەلۋاغ بىر يول" ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. بۇ بۈيۈك پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى بىر توسالغۇ دەپ قارالغاچقا، بۇ رايوندا رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى قايرىپ قويغان ھالدا ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى بۇرۇنقىدىن تېزلەتتى. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايدىن پەرقلەنمەس ھالغا كەلتۈرۈپ، بۇ رايوندا ئەبەدىي خاتىرجەملىككە ئېرىشمەكچى.»

ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتچى نۇرگۈل ساۋۇت خانىممۇ بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىلگىنىمىزدەك، بىرقانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئاشكارىلانغان بۇ ۋىدېو پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردىن ئورۇن ئالدى. بۇ ھەقتە ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، "بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئەھۋال" دەپ تەرىپلىدى. بۇ ۋىدېونىڭ ئۆزى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، ناھايىتى ۋاقتىدا ئاشكارىلانغان بىر ۋىدىيو دەپ قارايمەن. ھازىرغىچە بىز ئۇيغۇرلار ئۇچرىغان زۇلۇملار ھەققىدە بىر نەچچە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن باشقا قولىمىزدا ئىسپات يوق ئىدى. بۇ ۋىدېونىڭ ئاشكارىلىنىشى بىزگە نىسبەتەن پاكىتلىق رولىنى ئوينىدى.»

نۇرگۈل خانىم يەنە بۇ سىن كۆرۈنۈشنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ۋىدېودىن نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى كۆرۈۋالالايمىز. يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەر بولۇپ، يېشى 20-40 ياشلار ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلالايمىز. نېمە ئۈچۈن بۇ ياشتىكى ئادەملەر تۇتۇلىدۇ، بۇلارنىڭ جىنايىتى نېمە دېگەن سوئاللار كاللىمىزغا كېلىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش بىزنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ توغرىلىقىدىن دېرەك بېرىش بىلەن بىرگە بۇ ۋىدېونىڭ رولى بىزنىڭ كىرزىسىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز.»

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىندا كورلا غەربى ۋوگزالىدا بىرقانچە يۈز ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ يۆتكىلىش كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئا ب س خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئاشكارىلىنىشى ۋە ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاۋسترالىيە سىياسىي ساھەسىدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئەكەلگەن ئىكەن.