خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن تارقىلىپ، دۇنيا خاراكتېرلىق ۋىرۇس يۇقۇمى ئاپىتىگە ئايلانغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى، بۇ يىل كىرىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ساڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىڭ قامال قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ يۇقۇمدارلار بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلىنماقتا.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇمدارلارنىڭ 3 نەپىرى سانجىدا، 23 نەپىرىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋە كورلادىكى مېھمانخانىلارغا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.
ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى مەلۇم بىر مېھمانخانىنىڭ خىتاي خادىمى، رايوندىكى ۋىرۇس يۇقۇمى ئەھۋالى ۋە ئۈرۈمچىدە ئېلىنغان تەدبىرلەر ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى.
بۇ ئايال خادىم ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلەرگە مېھمانخانىدا ياتاق بېرىلىدىغانلىقى، ئەمما يۇقۇم بىمارلىرى كۆپرەك بايقالغان ئىچكىرىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەر ۋە كورلا تەۋەسىدىن كەلگەنلەرگە بىردەك ياتاق بېرىلمەيدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدە ھازىرچە نورمال ھاياتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مېمانخانىغا چۈشكەن خېرىدارلارنىڭ «يېشىل كارتا» دەپ ئاتالغان سالامەتلىك كارتىسى ئارقىلىق، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئاممىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە چىقىشىغا، دۇكان-بازارلاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشىغا، رېستۇرانلارغا كىرىپ تاماق يېيىشىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى يەنە بىر مېھمانخانىنىڭ ئۇيغۇر مۇلازىمەتچىسىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۈرۈمچىدە بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرىنىڭ مىچۈەن رايونىدا كاراتىن قىلىنغانلىقىنى، ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى نۆۋەتتە نورمال ھالەتتە بولسىمۇ، ئەمما 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە بارلىق پۇقرالارغا قارىتا يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خادىم يەنە ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھەققىدىكى باشقا سوئاللىرىمىزغىمۇ جاۋاپ بەردى.
ئۈرۈمچىدە ئېلىنغان تەدبىرلەر ھەققىدە بىز يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت، سەھىيە نازارىتى، مەھەللە كومېتىتلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلىفون قىلىپ، تېخىمۇ ئىلگىرلەپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.
ئەمما تېلىفونلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى جاۋابسىز قالدى. بەزى تېلېفونلار ئۇلانغان بولسىمۇ، لېكىن خادىملار تېلېفوننىڭ چەت ئەلدىن ئۇرۇلغانلىقىنى بايقىغان ھامان تېلىفوننى ئۈزۈۋەتتى.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 30-مارتتىكى خەۋەرىدە ئۈرۈمچىدە 3 نەپەر، خوشۇت ناھىيەسىدە 20 نەپەر ئالامەتسىز ۋىرۇس يۇقۇمدارى بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 31-مارتتىكى خەۋىرىدە بولسا يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 25 كە يەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىردەك خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئىككى يۇقۇمداردىن يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى باشقا ئۇچۇرلاردا يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان شاڭخەي قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە يۈرگۈزۈلگەن قامالدا يۈز بەرگەن پاجىئەلەر ۋە بۇ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىقلار كوپلەپ ئاشكارا بولماقتا. ۋاھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋىرۇس يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش يەنىلا قىيىن بولماقتا.
يۇقۇرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.