تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي ساھەگە غايەت زور زىيان-زەخمەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئايدىڭلىشىۋاتقاندا بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغىمۇ بىر قېتىملىق ئېغىر زەربە بولغانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولماقتا. «دۇنيانىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازىرى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي زەربىدىن ئۆزىنى ئوڭلاش ئۈچۈن ۋىرۇس يۇقۇمى تولۇق بىر ياقلىق بولماي تۇرۇپلا ھەممىلا جايدا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك كەڭ ئومۇملاشقان ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارغا قامىلىپ ياتقان ھەمدە ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپلا قالسا ئېغىر ئۆلۈم-يىتىمگە سەۋەب بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بەزى ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئېقىم» قانىلى 18-ماي كۈنى مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە بىر قېتىملىق تور مۇھاكىمىسى ئۆتكۈزدى.
رىياسەتچى فېمى ئوكې ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلىدىن تەئەججۈپكە چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتجان جۈمە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ۋىرۇس خەۋىرى چىققان مەزگىللەردىلا ئاز دېگەندىمۇ بىرەر يۈز مىڭ خىتاينىڭ ۋىرۇس مەركىزى بولغان ۋۇخەن شەھىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر چىققانلىقىنى، مۇخبىرلارنىڭ ئېنىقلىشى ئارقىلىق بۇنىڭ راستلىقى دەلىللەنگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئەمما ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ بۇ ھەقتىكى بارلىق مەلۇماتلارنى قەتئىي يوشۇرۇن تۇتقان ھەمدە بۇ ھەقتىكى بارلىق ئېنىقلاش خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تاشقى دۇنياغا مەلۇمات بېرىشنى قەتئىي رەت قىلىپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ ۋىرۇس تازا ئەۋجىگە چىققان مەزگىللەردىمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، دەل مۇشۇ ھالنىڭ ئۆزىنى بەكمۇ بىئارام قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان ئەھۋالدا ئۇ بېيجىڭدىكى بىر قىسىم خىتاي دوستلىرى ئارقىلىق بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان.
تاجسىمان ۋىرۇسى لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىلىپ كەتسە بۇنىڭ بەكمۇ ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپلا بىر قىسىم ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. مۇھاكىمىگە ئىشتىراك قىلغان مېھمانلارنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغان ئىنىسىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بولۇپمۇ ھەر بىر كامىرىغا 20-30 دىن قىستاپ سولانغان مەھبۇسلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇۋاتقان، بىر ئىنسان ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ ئەقەللىي ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشمۇ ئىشقا ئاشمىغان ماكاندىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئەندىشىدىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەمەتجان جۈمە بولسا بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار سانىنىڭ 1300 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، ماددىي تۇرمۇش شارائىتى بۇنچە ناچار بولغان ھەمدە ۋىرۇسقا قارشى ھېچقانداق مۇداپىيە سىستېمىسى بولمىغان جايلارغا ۋىرۇسنىڭ بەكمۇ ئاسان تارقىلىدىغانلىقىنى، شۇ قاتاردا يىللاردىن بۇيان لاگېردا يېتىۋاتقان ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ۋىرۇسقا ئەمەس، ھەرقانداق كېسەللىككىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
رىياسەتچى فېمى ئوكې شۇ قاتاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭنىڭ 2020-يىلىنىڭ بېشىدا قىلغان سۆزلىرىنى ئەسلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى خەلقئارالىق تەنقىدلەرنى «ئوبيېكتىپ ئەمەس»، «ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتايدا بولسا ھازىر كىشىلىك ھوقۇقنى بەكمۇ مۇكەممەل يوسۇندا ئىشقا ئاشتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنداقلا مۇشۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇھاكىمە ئىشتىراكچىلىرىدىن لاگېردىكى قېرىنداشلىرى توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولمىغانلىقىنى سورىدى.
رەيھان ئەسەت بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ماختاش ۋە تەقدىرلەشلىرىگە مۇيەسسەر بولغان ئىنىسى لاگېرغا قامالغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەۋھەر ئىلھام بولسا بۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بىر پاجىئە بولۇۋاتقانلىقىنى، ھازىر نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ياكى سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن سەكپارە بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان «سېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى ۋىكىي شيۇجوڭ شۈ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ ھازىر لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» لىرى زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى بارلىق تەنقىدلەرنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، بۇنى «چەتئەلدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تۆھمىتى» دېگەن ئىدى. مەمەتجان جۈمە بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەرقاچان يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئورۇن ئىكەنلىكىنى، ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ 80 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئاشۇ تەرىقىدە يۆتكىلىپ بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتايدا ۋىرۇسنىڭ يامرىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان مەزگىلدە، يەنە كېلىپ بارلىق خىتايلار ئۆيلىرىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقاندا 11 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ۋىرۇس مەركىزىگە يېقىن زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەلگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
رىياسەتچى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن نۆۋەتتە تاجسىمان ۋىرۇسى ۋە لاگېرلاردىكى مەھبۇسلار ھەققىدە ئۇلارنىڭ ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق ئەندىشىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، لاگېرلاردىكى سانسىزلىغان مۇداپىيەسىز ئىنسانلارنى كۆزدىن يوقىتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ خىلدىكى ئەندىشىدە بولۇۋاتقانلار بەكمۇ كۆپ بولۇپ، لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتچىسى راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولاتمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇمۇ ئېكران ئارقىلىق قىسقىچە سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەمدى شۇنچە ئاشكارا تۈس ئالغان بۇ پاجىئەلەرگە داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىققا چاقىردى.
بۇ نۆۋەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق يۈرەك سۆزى بولۇپ، نۆۋەتتە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان بىر قېتىملىق زور پاجىئەگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش دۇنيا ئۈچۈن بىر زور ئىمتىھان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
0:00 / 0:00