ئاقسۇدىكى بىر ئاھالە: «كارانتىن باھانىسىدە بايراق چىقىرىشتىن قۇتۇلۇپ قالدۇق»

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىككىنچى قېتىم كارانتىن تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي تارقىلىش ئەھۋالى ۋە كارانتىننىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. ئۇيغۇر رايوندىكى سەھىيە تارماقلىرى خۇددى ئۆتكەنكىگە ئوخشاشلا ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكى ياتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئەمما ئاھالىلەر ئىككى قېتىملىق كارانتىننىڭ باھانىسى بىلەن 5-6 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا بولغاندىن باشلاپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ ۋە ھەتتا بۇرمىلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ قايتا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدىكى ئۇچۇرلار خەلقئارا جامائەتچىلىكتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغىدى. بىز ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رايوندىكى بىر قىسىم ئىدارە-ئورگان ۋە ئاھالىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سەھىيە نازارىتىنىڭ خادىمى خۇددى ئۆتكەن قېتىمقىغا ئوخشاشلا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. قەشقەر ۋە خوتەندىكى دوختۇرخانا خادىملىرىمۇ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى. كورلادىكى بىر دوختۇرخانا خادىمى ئۆزىنىڭ ئاددىي بىر خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە 3 يۇقۇمدار بارلىقى، بۇنىڭ بىرىنىڭ خېنەندىن تۇغقان يوقلاپ كېلىش جەريانىدا يۇقۇملانغانلىقىنى تەكىتلىدى. كورلا يۇقۇملۇق كېسەللىلەرگە تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىمۇ بۇ ھەقتىكى ھەرقانداق بىر ئۇچۇرنى ئورتاقلىشالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بىز ئارقىدىن ئۇيغۇر رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كارانتىن مەزگىلىدىكى كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەققىدە مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق. ئاھالىلەر كوچا دوقمۇشلىرىغا قايتىدىن توسۇقلار قۇرۇلغانلىقى، كوچىلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن چارلىنىۋاتقانلىقى، ئاھالىلەرنىڭ بىرەر ھەپتىلىكتىن ئوزۇقلىرىنى ئۆيلىرىگە توپلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەسدىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، كۇچادىمۇ ئاھالىلەر ئۆيدىن تالاغا چىقماسلىققا بۇيرۇلغان ۋە بۇ تۈزۈمنى بۇزسا «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. بۇ تەھدىتلىك بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاھالىلەر كوچىغا چىقىش تۇرماق، ئۆيىدىن ھويلىغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. مەھەللىدىن مەھەللىگە بارماسلىق ۋە قوشنىلار ئارا كىرىپ-چىقىش قىلماسلىقنىڭ خېلىدىن بۇيان مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بۇ ئاھالەبۇرۇندىنلا ئۆزلىرىنىڭ قامال ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلىدى. بۇ ئاھالىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇس ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئاھالىلەرنىڭ بايراق چىقىرىشقا قاتناشماسلىقى ئىكەن. بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكى، شۇ باھانىدە ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ قوشنىلىرىنى كۆرۈۋالىدىغانلىقى ۋە ۋەزىيەتتىن ئاز-تولا خەۋەر تاپىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بۇ خادىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ۋەزىيەت بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىشى تولىمۇ قېيىن بولۇۋاتقان ياشانغانلار ۋە مەسىلىسى بار كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئارام ئېلىش پۇرسىتى بولۇپ قالغان.

تۈركىيەدىكى پائالىيەتچىلەردىن جەۋلان شىرمەمەت ۋىرۇس ۋەزىيىتىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ قېلىشىنىڭ قورقۇنچلۇق بىر تراگېدىيە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەگەر مۇشۇ ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتمىسا، نۆۋەتتىكى كارانتىن، يەنى قامال قىلىشلارنىڭ ئۇيغۇرلار يىللاردىن بېرى باشتىن كەچۈرۈپ كېلىۋاتقان قامال قىلىشلارغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ پەرقلىق بىر ۋەزىيەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.