غۇلجا ناھىيەسدىكى بىر كەنت كادىرى: «بىزدىكى يۇقۇمدارلار ۋىرۇسنى گەنسۇلۇق ساياھەتچىلەردىن يۇقتۇرىۋالغان»

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ رەسمىي ئاخباراتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمدارلارىنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبلىك غۇلجا قاتارلىق جايلاردا كارانتىن تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر كەنت كادىرى، غۇلجا ناھىيەسىدە ۋىرۇس يۇقۇمدارىنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۈچئون تۇڭگان يېزىسىدا بايقالغانلىقى، ۋىرۇسنىڭ بۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە گەنسۇدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ يۇققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 7‏-ئاينىڭ 31‏-كىنىدىن باشلاپ، ئالامەتسىز تاجىسىمان ۋىرىس يۇقۇمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 7‏-ئاۋغۇست كۈنىگە قەدەر غۇلجا، چۆچەك، قەشقەر، بورتالا، ئاقسۇ، قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق 7 ۋىلايەتتىكى 12 ناھىيە-شەھەردە يۇقۇمدارلار سانى 274 نەپەرگە يەتكەن. خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، دائىرىلەر يۇقۇم تارقالغان جايلارنى «يۇقۇرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەتەرلىك رايونلار» غا ئايرىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كارانتىن تەدبىرىنى يولغا قويغان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ دەسلەپ بايقالغان ۋە ئەڭ كۆپ تارقالغان جايى ئىلى ئوبلاستى ئىكەن. غۇلجا شەھىرى بىلەن غۇلجا ناھىيەسى يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىرراق جايلار ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا بىز ئالدى بىلەن غۇلجا ناھىيەسدىكى ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفوىنىمىزنى قوبۇل قىلغان سامىيۈزى يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ بىر خادىمى، يېزا تەۋەلىكىدە كارانتىن تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، جۈملىدىن ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

8‏-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، غۇلجا ناھىيەسىدىن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 34 نەپەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ قەيەردىن ۋە كىملەردىن يۇققانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

غۇلجا ناھىيىە مازار يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە قامال ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، غۇلجا ناھىيەسىدىكى يۇقۇمدالارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە «ماي گوڭشې»، يەنى ئۈچئون تۇڭگان يېزىسىدا بايقالغانلىقىنى ۋە يۇقۇمنىڭ ئىچىكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن يۇققانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر يېزىدا نۆۋەتتە يۇقۇمداردىن بەش نەپىرى بار بولۇپ، بۇلار ئەنە ئاشۇ ئىچكىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن بىر ئاشخانىدا غىزالانغانلار ئىكەن.

ئۇ يەنە غۇلجا ناھىيەسىدىكىلەرگە ۋىرۇس يۇقتۇرغۇچى بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ گەنسۇدىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

ئۇنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام يېزا بورىچى كەنتىدىمۇ، ئىككى نەپەر يۇقۇمدار بار بولۇپ، بۇلارمۇ بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى دەل شۇ گەنسۇلۇق ساياھەتچىلەر تاماق يېگەن ئاشخانىدا تاماق يېگەنلەر ئىكەن.

بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزىمۇ ئەزا بولغان كەنت كادىرلىرى ئۈندىدار توپىدىن ئۇققانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرى، گەنسۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ قەيەردە، قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلارغا يەتكۈزلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولىشىچە، ئۈچئون يېزىسىدا يۇقۇملانغانلاردىن ئىككى نەپىرى ئۆيىنى رېمونت قىلىۋاتقانلار بولۇپ، ئۇلار بىر قىسىم قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن سېتىۋالغانلار ئىكەن. مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەنە شۇ ئىچكىرىدىن سېتىۋېلىنغان قۇرۇلۇش ماتېرىيللىرىنى يۇقۇمنىڭ بىر مەنبەسى دەپ قاراۋاتقانلىقى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ قاراشقا ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، ۋۇخەندىن يۇقۇم تارقالغاندىن بۇيان غۇلجا ناھىيەسىدە يۇقۇم كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى، گەنسۇدىن يۇققان يۇقۇمنىڭ بۇ ناھىيەدە تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» تارقاتقان خەۋىرىدە، يۇقۇمدارلارنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 219 نەپەر، غۇلجا ناھىيەسىدە 33 نەپەر، نىلقا ناھىيەسىدە 4 نەپەر، چۆچەكتە 2 نەپەر، قەشقەرنىڭ پوسكام ناھىيەسىدە 4 نەپەر ئاقسۇدا 5 نەپەر، ئۈرۈمچىدە 4 نەپەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇ سان-سېپىرلار، يېقىنقى 10 كۈندىن بۇيان غۇلجا ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئۇيغۇر رايوندا تارقىلىۋاتقان تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەنبەسىنىڭ گەنسۇلۇق ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكىدەك ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرمەكتە.