خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بارغانچە ئېغىرلاشقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن كارانتىن تەدبىرلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىكەن. خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 21-گە قەدەر رەسمىي دىياگنوز قويۇلغان ۋىرۇس يۇقۇمدارىنىڭ 44 نەپەر، ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ 3216 نەپەر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن تارتىپ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغىچە، «يۇقۇم مەزگىلىدە ئاھالىلەرنى يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپاتلەتلىك قىلىنغانلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.
ئەمما خىتايدىكى تىك-توك، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىققوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
بۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رايوندا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يولغا قويۇلغان تۈرلۈك قامال تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرى ئېتىلىپ قالغان. كۈندىلىك تۇرمۇش پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىن فىلىملىرىدە ئۆيلىرىگە قامالغان ياكى كارانتىن ئورۇنلىرىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئاچارچىلىق ۋە تەقىپلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
سىن فىلىملىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەك-ئىچمەك، كۆكتات قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى ئىلگىرىكىدىن ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا ئاھالىلەر كومېتىتىدىكى ئاتالمىش «پىدائىيلار» يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمىگىنى ئۈچۈن، قامال قىلىنغان ئائىلىلەردە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەتتا ئاچارچىلىق ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن.
دېھقانلارنىڭ ئېتىزىلارغا چىقىشى چەكلەنگەنلىكى، قوتاندىكى مال-چارۋىلار بېقىمسىز قالغىنى سەۋەبلىك، زىرائەتلەر قۇرۇپ، كالا-قويلار ئۆلۈشكە باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلار، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار كىشىلەرنى ھالسىراتقان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ سىرتقا چىققانلارنى تۇتقۇن قىلىش، كارانتىن ئورۇنلىرىغا مەجبۇرىي ئاپىرىش قاتارلىق قاتتىق سىياسىي تەدبىرلەر ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ قاتتىق بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان يوقۇرىقى ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن، بەلكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە زور ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كېلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ 22-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە، يۇقۇم مەزگىلىدە ھەرقايسى ھۈكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئاھالىلەرنى يىمەك-ئىچمەك ۋە كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى كۆمۈر قېزىش، تۇرمۇش ئەسلەھەتلىرىنى توشۇش، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلاردا نورمال خىزمەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن.
بۇ خىل خەۋەرلەردە يەنە ئاھالە كومېتىتلىرىدا «پىدائى» بولۇپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ۋە ھەربىيلىكتىن قايتقان ئەسكەرلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ھەر كۈنى دېگۈدەك «پىدائىي» بولۇپ ئىشلەۋاتقان نەچچە يۈز مىڭ ھۆكۈمەت كادىرىغا قارىتا خەلقنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقى مەدھىيەلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرلىرى خىتاي دۆلەت ئىچىدە پۇقرالارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان بولسا، خىتاينىڭ سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا.
ئۇنداقتا، بۇ خىل نارازىلىق ۋە ئەيىبلەشلەر داۋام قىلىۋاتقان ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە نېمە ئۈچۈن «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇ خىل قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؟
تىببىي پەنلەر دوكتورى، ۋاشىنگىتون مەركىزىي دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان كارانتىن تەدبىرلىرى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە يۈرگۈزۈلىۋاتقان كونترول تەدبىرلىرى ئىكەن.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» بۇيرۇقى بىلەن ئىككى يىلدىن بۇيان خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى ھېچقانچە نەتىجە بەرمىگەن. قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان بۇ خىل قامال تەدبىرلىرى خىتاينىڭ يۇقۇمنى كونترول قىلىشتىكى مەلۇبىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.
جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى يەنە تىببىي ساھەدە ئىلمىي نۇقتىدىن يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختالدى. )ئاۋاز(
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئومۇمىي يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئايلانغان ھەرقانداق بىر ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى ۋاكسىنا تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يۇقۇم ۋەزىيىتى بارا-بارا ئاجىزلىشىدىكەن. ئامېرىكاغا ئوخشاش غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ۋاكسىنا ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرلىكتە نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەتمۇ ئەسلىگە كەلگەن.
ئۇنىڭ بىلدرۈشىچە، خىتايدەك مۇستەبىت بىر دۆلەتتە ھەرقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئالدى بىلەن كومپارتىيەنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىكەن. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، ۋىرۇس يۇقۇمى باشلانغاندىن بۇيان خىتايدا قاتتىق قامال يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر ۋىرۇس يۇقۇمڭنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ قالالمىغان.
جۈرئەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرلىرى ئىلگىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن، شاڭخەيگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدە ئېغىر قالايمىقانچىلىق، ھەتتا ئاچارچىلىق ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئەھۋاللار خىتاينىڭ بۇ جەھەىتتىكى مەغلۇبىيىتى ئالىقاچان ئىسپاتلىغان. ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشىغا قولايلىق يارىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسا، يۇقۇمنى تەكشۈرۈش، كارانتىن ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش، ۋاكسىنا ئەملەش، دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىق تۈرلۈك زەنجىرسىمان ئىش ئورۇنلىرى يارىتىپ، خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي پايدا يارىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.