ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم قامالىنىڭ بىكار قىلىنماسلىقى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئاھالىلەرگە قاراتقان دەرىجىدىن تاشقىرى تەدبىرلىرىنى ۋە قامالنى ئەمەلدىن قالدۇرمىدى. بۇ ئەھۋال چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدىمۇ نارازىلىق قوزغىغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ رايوندا قايتا پەيدا بولۇشى بىلەن ئۈرۈمچىنى «ئۇرۇش ھالىتى» بويىچە قامال ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تالاغا چىقىشىنى چەكلىگەنىدى. قامال جەريانىدا ئاھالىلەرگە ھەرخىل نامەلۇم دورىلارنىڭ بېرىلگەنلىكى، كارانتىنغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردا ئاز دېگەندە 14 كۈن تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ۋە سىرتقا چىققان ئۇيغۇرلارنى قولىغا كويزا سېلىش، سازايى قىلىشتەك ئۇسۇللار بىلەن جازالىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بىراق، خىتاي دائىرىلىرى ئۇدا بىر ھەپتە يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپمۇ، قامالنى بوشاتمىغاندىن كېيىن خىتايدىكى ۋېيبو قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇنلىغان شىكايەت يوللانمىلىرى پەيدا بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ يوللانمىلارنىمۇ ئۆچۈرۈپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، ۋېيبو تورىدا خىتايچە «شىنجاڭ» دېگەن سۆزگە مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلارنى ئىزدەش ماتورىدىن چىقمايدىغان قىلىۋەتكەن. لېكىن تور قوللانغۇچىلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك مىكروبلوگ مۇنبەرلىرىدە شىكايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بولسا خىتايدىكى تورلاردا شىكايەت قىلىۋاتقانلارنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا تور بەتلەردە شىكايەت ئىنكاسلىرىنى ئېلان قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، تورغا يوللانغان يوللانمىلاردا ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇم تۈگىگەن تۇرۇقلۇق، قامالنىڭ ھېلىھەم ئاياقلاشمىغانلىقى، ئىشىكلەر پېچەتلەنگەندىن كېيىن خەلق تۇرمۇشىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇندىن باشقا دېھقان، كۆكتات-مېۋە ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى زايە بولۇپ ئېغىر زىيان تارتقانلىقىدەك ۋەقەلەر توغرىسىدا نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بولغان. يېقىندا ۋېيبوغا يوللانغان شۇنداق يوللانمىلارنىڭ بىرىدە «بۈگۈن 22-چېسلا بولۇپ كەتتى، نېمىشقا قامالنى ھازىرغىچە ئاياقلاشتۇرمايدۇ. بىزنىڭ ۋېيبوغا يوللىغان شىكايەتلىرىمىزگە نېمىشقا جاۋاب بېرىلمەيدۇ. نېمىشقا بۇ يوللانمىلار ۋېيبودىكى قىزىق تېمىلار ئارىسىدا كۆرۈنمەيدۇ، ئۇنى ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدۇ؟. نېمىشقا بۇ يوللانمىلار ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ. مېنىڭ ئەمدى قامالغا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، يەنە سىلەرگە ماسلىشىپ شىنجاڭنىڭ قانچىلىك گۈزەللىكىنى ئاڭلاتقۇچىلىكىم قالمىدى» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇمنى تېزگىنلەشتىكى ئىنسانىي بولمىغان ۋاسىتىلەر ۋە قامالنىڭ ئاياقلاشماسلىقىدەك ئەھۋاللار چەتئەللەردىكى ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. 25-ئاۋغۇست كۈنى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى، ئەنگلىيە مۇھاپىزەتچى گېزىتى قاتارلىقلاردىمۇ مۇشۇ ھەقتە خەۋەر ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە «4 مىليون ئادەمگە بېرىپ تاقاشقان بۇ قېتىملىق قامالنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى» بىلدۈردى. خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كويزا بىلەن تۆمۈرلەرگە كىشەنلىنىشى، يۇقۇمغا پايدىسى بار يوقلۇقى ئېنىق بولمىسىمۇ، خىتاي ئەنئەنىۋى تېبابەت دورىلىرىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىنىشى نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار يەنە بىر ۋېيبو قوللانغۇچىسىنىڭ بۇ ھەقتە: «بۇ تۈرمىمۇ ياكى قەپەسمۇ؟ بۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ياكى باستۇرۇشمۇ؟» دېيىش ئارقىلىق رايوندىكى قامالدىن شىكايەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى خەۋىرىدە: «يېقىنقى كۈنلەردە قامالغا بولغان غەزەپنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئاھالىلەرمۇ ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىشقا قوشۇلدى، دائىرىلەر تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، شىنجاڭ ھەققىدىكى تور يازمىلىرىنى تەكشۈرۈپ چەكلىمە قويدى» دەپ يازغان.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ ئۆز خەۋىرىدە خىتايدىكى «Douban» ناملىق مۇنازىرە تور بېتىدىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى مۇنازىلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، مەلۇم بىر يوللانمىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇم ۋە قامالغا ئائىت شىكايەت خاراكتېرلىك ماتېرىياللارنى تورغا يوللاپ، دۈشمەن كۈچلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. بىراق مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشلارمۇ ئاھالىلەرنى شىكايەتتىن توختىتىپ قالالمىغان. مەلۇم بىر تور قوللانغۇچىسى ۋېيبودا «ئىشلار مەلۇم نۇقتىغا يەتكەندە، ئاۋامنىڭ ئاۋازىنى باسقىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ بىر جايدا توسۇلۇپ قالسا، ئۇ يەنە باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ. ئۇ يەردىمۇ توسۇلۇپ قالسا يەنە يېڭى يوللار تېپىلىدۇ. كوللېكتىپنىڭ خاتىرىسىنى ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ يازغان بولۇپ، كېيىن بۇ يازمىمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، خىتاي دائىرىلىرى يەنىلا ئۆز تەدبىرلىرىنى قوغدىغان. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ئۈرۈمچىدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىنىڭ باشلىقى ليۇ خەيجياڭنى زىيارەت قىلغىنىدا ئۇ «ئاھالىلەر ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىدىن رازى. ئۇلار ئىنتايىن خۇشال» دېگەن. ئۇ قامالنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا بولسا «بۇ بىزنىڭ ئومۇمىي پىلانىمىز ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلىنىدۇ، ھازىر بىز قامالنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

يېقىندا خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ يۇقۇم قايتا كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر پەقەت شەھەرنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى قىسقا مۇددەت قامال قىلىش ئارقىلىقلا يۇقۇمنى تىزگىنلىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا ئائىت ئېلان قىلىۋاتقان رەقەم راست بولسا ئۇ ھالدا خىتاي قامالنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچيۇ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللانغان بەزى تەدبىرلىرى «زۆرۈر بولمىغان، مەجبۇرىي، ئىنسانىيلىقتىن چىققان شۇنداقلا ئىلمىي دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاساس قىلمىغان» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە «خىتاي دائىرىلىرىگە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى، كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتنى تېخىمۇ كۈلكىلىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى خالىغانچە قۇربان قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.