قامال سەۋەبىدىن غۇلجادا ئاھالىلەرنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز غۇلجاغا تېلېفون قىلىپ، مەخسۇس بۇ جەھەتتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسدىكى 62 ياشلىق دېھقان مەۋلان سىدىقنىڭ يېمەكلىك يېتىشمەسلىك ۋە داۋاملىق ئىچىۋاتقان دورىسىنىڭ ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەنلىكى سەۋبىدىن كېسىلى ئېغىرلىشىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى دەلىللەندى. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى ناھىيە بويىچە ئاز دېگەندە 12 كىشىنىڭ ئاچلىق ۋە كېسەلدىن ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ قېتىمقى قامالدا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر قېيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر بىلەن سالامەتلىكىدە مەسىلە بار ئاھالىلەر ھاياتىي تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. غۇلجاغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بەزى كەنت كادىرلىرى ئۆز تەۋەلىكىدە نامرات ئائىلىلەرنىڭ بارلىقىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قامال مەزگىلىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ياشانغانلاردىن بىرى، ئۆزلىرىنىڭ دورىسىنىڭ ۋاقتى-ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن جۆرىسى بىلەن ئىككىسىگە ئاران بەش نان بېرىلگەنلىكى، بۇنىڭغىمۇ ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى، ئۆز تەۋەلىكىدە ئاچلىقتىن ئۆلگەن كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ 62 ياشلىق مەۋلان سىدىقنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالدى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قامال باشلانغاندىن كېيىن مەۋلان سىدىقنىڭ سالامەتلىكىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلۈپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان ۋە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەۋلان سىدىق قامال باشلىنىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئوزۇق-تۈلۈكتىن قىينىلىشقا باشلىغان ۋە داۋاملىق ئىچىپ تۇرىدىغان دورسىمۇ تۈگەپ كەتكەن. مەزكۇر ئامانلىق مۇدىرى، مەۋلان سىدىقنىڭ ئۆلۈمىگە ئاچلىق ياكى دورا يېتىشمەسلىك سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە كەنت مەسئۇللىرىنىڭ ئېنىق مەلۇماتى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
مەزكۇر يېزىدىكى يەنە بىر كەنت كادىرى، مەۋلان سىدىقنىڭ دەپنە ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسىلى بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ئەمما بۇ خادىممۇ مەۋلان سىدىقنىڭ ئۆلۈمىگە كېسەل ياكى ئاچلىق سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
ئاخىرىدا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر سىياسىي-قانۇن كادىرى، مەۋلان سىدىقنىڭ قامال باشلىنىپ 10 كۈندىن كېيىن قازا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئاخىرىقى كۈنلەردە بېقىشسز قالغانلىقى، مەھەللە ئەتراپىدىكى «پىدائىي» دەپ ئاتالغان ۋەزىپىدارلارنىڭمۇ، ئۇنىڭ بىلەن چاتىقى بولمىغانلىقى، ھەتتا يېزىلىق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ مەۋلان سىدىقنىڭ ئۆلۈمىنى كېچىكىپ ئۇققانلىقىنى ئاشكارلىدى.
كەنت ئامانلىق مۇدىرى، مەۋلان سىدىقنىڭ بېقىشسىز قېلىشىغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىپەرۋالىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئەمما مەزكۇر سىياسىي-قانۇنى خادىمى، بۇ ئىشتا ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە مانا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىكلەر سەۋەبىدىن ناھىيە بويىچە 20-ئاۋغۇست كۈنىگە قەدەر، ئاز دېگەندە 12 نەپەر كىشىنىڭ ئاچلىق ياكى كېسەلدىن قازا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئۇ بۇ 12 كىشىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.