كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك قەشقەر ۋىلايىتى قامال قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.10.28
uyghur-qeshqer-2020-oktebir-virus-photo-2.jpg كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ 17 ياشلىق خىزمەتچىسى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، 4 مىليون 750 مىڭ ئاھالىنى تەكشۈرۈپ بولۇشتەك كەڭ كۆلەملىك كورونا ۋىرۇس سىنىقى باشلانغان. 2020-يىلى 25-ئۆكتەبىر، قەشقەر.
AFP

خىتاي تاراتقۇلىرى 24-ئۆكتەبىر خەۋەر بېرىپ، قەشقەرنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدە تاجسىمان ۋىرۇس، يەنى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بايقالغانلىقىنى ۋە يۇقۇم رايونىنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى ئېلان قىلدى.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلىقى، شۇنىڭدىن كېيىنكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ھەقىقىدە يېڭىلانغان خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.

خىتاينىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە قەشقەردىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يۇقۇملانغان قىز ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا يەنە 137 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدار بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. 26-ئۆكتەبىردىكى خىتاي خەۋىرىدە ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ 138 نەپەر ئىكەنلىكى، 3 مىليونغا يېقىن كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى، 27-ئۆكتەبىرگىچە قەشقەر رايونى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى تاماملىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىيومىز يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن 27-ئۆكتەبىر ئەتىگەنلىك خىزمەت ۋاقتىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى ۋە قەشقەردىكى بىرقانچە دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلدۇق.

ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قىلغان تېلېفونىمىز ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما جاۋابسىز قالدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-دوختۇرخانىغا قىلغان تېلېفونىمىز ئۇلاندى.

دەسلەپ تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، «ئەھۋال ئىنتايىن ياخشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما تېلېفون 20 سېكونتتىن كېيىنلا ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئەينى تېلېفون نومۇرىغا تەكرار تېلېفون قىلدۇق.

بۇ قېتىم تېلېفوننى ئەينى خادىم ئالدى. ئۇ ئاۋۋال يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا قانداق رەسمىيەتلەر ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەلگەنلەرنىڭ چوقۇم ماسكا تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خادىم يەنە تېلېفوننىڭ نېمە ئۈچۈن قويۇۋېتىلگەنلىكىنى سورىغاندىن كېيىن، ئەگەر تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قەشقەردە بولسىلا دوختۇرخانىغا كەلمەيمۇ، ھەرقايسى ئاھالىلەر كومېتىتىدىلا يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، دېدى.

ئۇنىڭدىن «قەشقەر شەھىرىدە يۈرگۈزۈلگەن قامال سەۋەبىدىن ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال قاتنىشى قولايمۇ دەپ سورىدۇق؟» ئۇ بۇ مەسىلىنىڭ دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشمايلا تېلېفون يەنە ئاپتوماتىك ئۈزۈلدى.

3-قېتىم تەكرار تېلېفون قىلدۇق.

بۇ قېتىممۇ تېلېفونىمىزنى ئەينى ئايال خادىم ئالدى. ئەمما بۇ قېتىم ئۇ تېلېفوننىڭ دوختۇرخانىنىڭ كادىرلار بۆلۈمىگە ئۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۇقۇم ۋە بىمارلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى داۋالاش بۆلۈمىدىكىلەردىن سوراشنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭدىن «قەشقەردە يۇقۇمدارلار 138 گە يېتىپتۇ، قەشقەردىكى يۇقۇملىنىش ۋەزىيىتى ئېغىرمۇ؟» دەپ سورىدۇق. بۇ خادىم تېرىككەن ھالدا جاۋاب بېرىپ:

«ھازىر بۇ ئەھۋاللارنى تېلېفوندا سوراش مۇۋاپىق ئەمەس، مەن سىزنىڭ بۇ تېلىفونىڭىزدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلىۋاتىمەن، سىز سوراشقا بولمايدىغان بەزى مەسىلىلەرنى سوراۋاتىسىز،» دېدى.

ئۇنىڭدىن «نېمە ئۈچۈن سوراشقا بولمايدۇ؟» دەپ تەكرار سورىغىنىمىزدا، ئۇ تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ۋە تېرىككەن ھالدا جاۋاب بېرىپ: «نېمە ئۈچۈنلۈكىنى سورىماڭ، مېنىڭ ھازىر سىزگە بۇ ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشكە ۋاقتىم يوق، ئەمدى تېلېفون قىلماڭ، تېلېفوننىڭ تەكرار-تەكرار ئۈزۈلۈپ كەتكىنىدىن بىلىۋاتىسىزغۇ،» دېدى ۋە تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلاش ئۈچۈن 2-دوختۇرخانىنىڭ كېسەللەر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەمما بۇ يەردىمۇ تېلېفون تەكرار ئۈزۈلۈش، تېلېفوننى ئالغان تېببىي خادىملارنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە قەشقەردىكى يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 27-ئۆكتەبىر كۈنى 5 نەپەر ئىكەنلىكى، ئالامەتسىز يۇقۇمدارنىڭ سانى 160 تىن ئاشقانلىقى، 27-ئۆكتەبىر كېچ سائەت 12 گە قەدەر پۈتكۈل قەشقەر رايونىدا تەخمىنەن 4 مىليون 600 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشتىن تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تېببىي پەنلەر دوكتورى مەمەت ئىمىن ئەپەندى 2020-يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نامىدا تارقالغان، كېيىن «كورونا ۋىرۇسى» دېگەن نام بېرىلىپ، پۈتكۈل دۇنياۋى يۇقۇم ئاپىتىگە ئايلانغان يۇقۇم ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.

مەمەت ئىمىن ئەپەندى 27-ئۆكتەبىر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 24-ئۆكتەبىردىن باشلاپ قەشقەر شەھىرىنىڭ «يۇقۇم رايونى» نامىدا قامال قىلىنىشى ۋە دائىرىلەرنىڭ يۇقۇم باھانىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قاماللىرىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتىنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت ئىمىن ئەپەندى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئىككى ئايغا يېقىن قامال قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەينى چاغدىكى قامال ۋەزىيىتىنىڭمۇ گۇمان قوزغىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتى ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ يىل 7-ئايدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇملىنىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قاتتىق قامال ۋە نۆۋەتتە قەشقەردە باشلانغان قامال ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش دۇنياۋى ئاپەتكە ئايلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەردە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسى ۋە ئۈنۈملۈك دورا تەتقىقاتى جىددىي داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تېببىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى يۇقۇم ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ ھەر خىل گۇمانىي سوئاللارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.