چاقىلىقتىكى ساقچى خادىمى: «چاقىلىقتا لاگېر يوق، لاگېردىكىلەر كورلادىكى تۈرمىگە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلدى»

0:00 / 0:00

يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كورلا تەۋەسىدە بىر تۈركۈم مەھبۇسلارنىڭ ياكى مەھبۇس سىياقىدىكى كىشىلەرنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ ناھىيەدە نۆۋەتتە لاگېر يوقلۇقى، لاگېردىكىلەرنىڭ كورلادىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىگە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورنى كورلا پويىز ئىستانسىسىغا ئائىت بولغان بىر سۈرەتنى تارقاتقان ئىدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق تارتىلغان بۇ سۈرەتتە چاچلىرى چۈشۈرىۋېتىلگەن، پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالەتتە زوڭزايتىپ ئولتۇرغۇزۇلغان ۋە ھەر بىرى ئىككىدىن ساقچى تەرىپىدىن يالانغان 500-600 چە مەھبۇسنىڭ يۆتكەپ مېڭىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەدىن نەگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئېنىق مەلۇم بولمىغان، پەقەت سۈرەتتىكى بەزى يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ قەشقەردىن يۆتكەلگەنلىكى پەرەز قىلىنغان ئىدى.

تۆنۈگۈن تىك-توك تورىدا تارقالغان بىر ئۇچۇردا يەنە بايىنغولىن ئوبلاستىغا ئائىت لوزۇنكىلار ئېسىلغان بىر مەيداندا ئوخشاش كىيىنگەن نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ ماسكا تاقىغان ھالەتتە تىزىلىپ تۇرغان كۆرۈنىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسلارغا چىقىۋاتقان ھالىتى خەۋەر قىلىندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەردىكى كىشىلەرنىڭ تۈرمە ياكى فابرىكالارغا يۆتكىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى نەچچە قېتىملاپ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە مەزمۇنى بىر-بىرىگە زىت باياناتلارنى ئېلان قىلغان ھەم لاگېرنىڭ تاقالغانلىقىغا ئائىت قانائەتلىنەرلىك دەلىللەرنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى. يېقىندا كورلا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى

بايىنغولىن ئوبلاستىدا ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بەزى ناھىيەلەردىكى بىر قىسىم لاگېر تۇتقۇنلىرىغا جازا كېسىلگەنلىكى، ئۇلارنى تۈرمە ۋە ۋە فابرىكالارغا يۆتكىگەدىن باشقا، قالغان قىسمىنى كورلادىكى يېڭىدىن پۈتكەن زور ھەجىمدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا توپلىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇنى «كەسپىي تەربىيە مۇئەسسەلىرىنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

يېقىندا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چاقىلىق ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى چاقىلىقتا نۆۋەتتە ھېچقانداق بىر لاگېر يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ كورلا بىلەن بۈگۈر ئارىسىدىكى ئۇلۇغكۆل تۈرمىسىگە، يەنە بىر قىسمىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ چاقىلىقتىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 2018‏-يىلى 11‏-ئاي، 2019‏-يىلى 4-ئاي ۋە 7‏-ئاي بولۇپ، جەمئىي ئۈچ قېتىمدا يۆتكەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە نېمە ئۈچۈن يۆتكەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ياكى فابرىكادا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ يەنە بۇ مەلۇماتلارنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.

چاقىلىقتا لاگېرنىڭ تاقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم لاگېرنىڭ ئېنىق قاچان تاقالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكىمۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى يەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى كورلادا ئېچىۋېتىش رايونىدا يانمۇ-يان سېلىنغان لاگېرلاردىن بىر قانچىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ تۈرمىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئەمما بۇ ئۇچۇر رەسمىي خادىملار تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىدى. ئالدىنقى يىلى كورلانىڭ ئېچىۋېتىش رايونىدا 4 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.