خىتاينىڭ «ئۈندىدار»، «تىك-توك» قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇم قامالى ئاستىدىكى ۋەزىيىتى ئىپادىلەنگەن ۋىدىيولار ۋە ئىنكاسلار بىر ئايدىن بۇيان توختاپ قالمىدى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تىن ئىبارەت بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يۇرت، مەھەللە كويلارنى ئاساس قىلىپ باشلانغان ئاممىنى ئۆيلىرىگە قاتتىق قامال قىلىش ۋە ئۇلارنى دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش تەدبىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت داۋام قىلماقتا.
گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەر ئىكەنلىكىنى، يۇقۇم كونترول تەدبىرى ئېلىنغان جايلاردا «3 ئەل خىزمەت ئەترىتى» دىكى كادىرلار بىلەن مەخسۇس سەپلەنگەن پىدائىيلار ئەترەتلىرى ئاممىنىڭ بارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇلارغا ياردەم قىلىپ بۇ ئالاھىدە جىددىي مەزگىلدىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەكسىچە، قاتتىق قامال ئاستىدىكى جاندىن تويغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىدار ۋە تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا، مەھەللە كادىرلىرىغا يالۋۇرۇپ ئاڭلىتالمىغان نالە-پەريادلىرىنى تارقىتىشى بىلەن، خىتاي دائىرىلىرى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئاشكارىلانماقتا.
خىتاينىڭ غۇلجىنى مەركەز قىلغان بۇ خىل يۇقۇم كونتروللۇقىدا، ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىك-توك قاتارلىقلاردا تارقاتقان ئىنكاسلىرى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن، فەيسىبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ھەمبەھىرلەنمەكتە ۋە زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا. بۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرىدە، ئاتالمىش پىدائىي، مەھەللە كادىرى دەپ ئاتىلىپ ئۆيىدە قامال قىلىنغان ئاممىغا ياردەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاممىنىڭ ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتقان نالە-رازىغا پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقى، قەستەن ئاچلىقتا تاشلاپ قويۇۋاتقانلىقى، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا بولسا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قامالدىكى ئاممىغا تارقىتىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئوزۇق-تۈلۈكنى يەتكۈزۈپ بەرمەيۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.
مۇنداق ۋىدىيو ياكى قالدۇرۇلغان شىكايەت سۆزلىرىنىڭ بەزىلىرىدە پىدائىي ياكى مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاچلىقتىن جان تالىشىۋاتقان ئاممىغا ياردەم قىلماقتا يوق، ھايانكەشلىك بىلەن قەستەن كۆكتاتلارنىڭ باھاسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، سۈپەتسىز، ھەتتا سېسىپ كەتكەن يېمەكلەرنى قىممەتكە سېتىپ قىيىنچىلىقتىكى ئاممىنى يەنىمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە مۇپتىلا قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق ئاشكارىلانغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاممىنىڭ تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى نالە-پەريادى چەتئەللەردىكى تاراتقۇلاردىمۇ يېيىلغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى قىيىن كۈنلەردە قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەم بىلدۈرۈلمەكتە. روشەنكى، پۈتكۈل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئەھۋاللاردىن بىخەۋەر قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بۇ ئەھۋاللارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرماقتا؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە شەھەر ۋە ناھىيەلەرنىڭ يۇقۇم قامالىغا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ جاۋاب ئالالمىدۇق.
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە گەرچە دائىرىلەرنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقان جايلارنى تەكشۈرگەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلاردىن قامال قىلىنغان پۇقرالار ئۇچراۋاتقان رېئال ئەھۋاللار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرگىلى بولمايدۇ. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پەقەت ئىلگىرىكىدەكلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ بىر قەدەر كونترول قىلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋام قىلماقتا خالاس.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى- «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ، 24-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ «خەلق رايى، خەلق ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بېكىتىلگەن نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» ناملىق تەپسىلىي خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەركىن تۇنياز تەكشۈرگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلاردا يەنىلا شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن.
ئەكسىچە ئۇ ئۈرۈمچىدىكى شىمىگو رايونى يۈشۇگوۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ شۈەنخېيۈەن ئولتۇراق رايونى قاتارلىق خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تۆۋەن ئولتۇراق رايونلارغا كېلىپ ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، دۇكانلارغا كىرىپ، تۇرمۇش ماددىي بۇيۇملىرى ھەمدە كۆكتات، ئاشلىق، ياغ بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن. ئۇ: «تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك»، دەپ تەكىتلىگەن.
گەرچە خەۋەردە ئەركىن تۇنىيازنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل كادىرلارغا «ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار، بالىلار ۋە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا بولغان كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار تارقاتقان تىك-توك ۋە ئۈندىدارلاردىكى ئەرزى-شىكايەت ۋە نارازىلىق ئەھۋاللىرىدا قامالدا قالغان ئۇيغۇرلار چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
بۇ ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەزكۇر يۇقۇم مەزگىلىدە ئۆيلىرىگە قامال قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىش، سىرتقا چىقىش ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىنىپلا قالماي ئاچ قويۇلۇۋاتقانلىقى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بىر پاجىئە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يۇقىرىقىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلغان قامال تەدبىرىنىڭ پەقەت ساقلىقنى ساقلاش تەدبىرى بولۇپلا قالماي ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تولۇق كونتروللۇققا ئېلىش، ھەتتا رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاخىرىغىچە داۋام قىلدۇرۇشتەك سىياسىي مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ھۆكۈمەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرگە مەسئۇل دىرېكتورى جۇلى مىلسەپ (Julie Millsap) خانىم، خىتاينىڭ رايوندا قوللىنىۋاتقان يۇقۇم باھانىسىدىكى ئاشقۇن تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ۋەيران قىلغاندىن باشقا، يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا ئەمەلىي بىر ئۈنۈم ھاسىل قىلالىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر رايونىدىن تارقىلىۋاتقان بۇ ئىنكاسلار ئەلۋەتتە دىققىتىمىزنى تارتماقتا، بۇلار خۇددى خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرلىرىگە ئوخشايدۇ ۋە ھەتتا بەزى تەرەپلەردىن ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ قاتتىق دەپ ئېيتالايمىز. بۇ يەردە خىتاينىڭ تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا يۇقۇم تەدبىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئىرقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ باھانىدە خىتايلارنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئالاھىدە ياخشى مۇھىتتا كارانتىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئاشكارا تەشۋىقاتلىرىدىمۇ كۆرسىتىلدى. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى راھەت، توق ۋە خۇشال ھالىتى ئۇ يەردىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ».
جۇلى خانىم يەنە مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ قاتتىق تەدبىرى پەقەت ئۇيغۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن يەنىمۇ قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ قىيىن كۈندە قويغاندىن باشقا يۇقۇمنى كونترول قىلىشتا رېئال بىر نەتىجە بېرەلمەيدۇ دەپ قارايمەن».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يېقىنقى مەزگىللەردە تارقىلىپ غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نالە-پەريادلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقىدەك ئۇيغۇر دىيارى بىلەن دۇنيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن، بارلىق ئۇچۇرلار قاتتىق قامال قىلىنىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئاشكارىلانغان بۇ خىل ئىنكاسلار بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك رېئاللىقىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى بولۇشى، ئەمەلىيەتتە ئەھۋالنى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر دەپ قىياس قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.