خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ، غۇلجا ئۈرۈمچى قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدا 100 كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى، نويابىر ئېيىدىن باشلاپ، قەشقەر خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچەيتىلگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21-نويابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي، 21-نويابىر كۈنى قەشقەردە زىيارەتتە بولۇپ، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنى قاتتىق يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈي قەشقەردە قىلغان سۆزىدە، «يۇقۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ جىددىيلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى تونۇپ يېتىش، ۋابانى كونترول قىلىشتا جىددىي ۋە ئەڭ كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىش، كۈندىلىك بايقالغان يۇقۇمدارنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىش، يۇقۇمدارلارنى دەل ۋاقتىدا ئايرىۋېتىپ كۆچمە دوختۇرخانىلارغا يۆتكەش ئارقىلىق، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ21-نويابىر ئوخشاش بىر كۈندە خوتەندە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» خىزمىتىنى تەكشۈرگەن. ئەركىن تۇنياز خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قارىقاش ناھىيەسى ۋە رايوندىكى كۆچمە دوختۇرخانا، ئايرىپ كۆزىتىش نۇقتىلىرى، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا مەخسۇس خىزمەت زىيارىتىدە بولغان. ئەركىن تۇنىيازمۇ ما شىڭرۈيغا ئوخشاشلا «يۇقۇمى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرىنى «قاتتىق ۋە كەسكىن ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىگەن. ئۇ يۇقۇمى تىزگىنلەشتە «جىددىي، كەسكىن، تېز بولۇش» دېگەن ئىبارىلەرنى خوتەندىكى ھەر بىر خىزمەت نۇقتىسىدا ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۇنداقتا غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي ئۇيغۇر رايونىدا ئاچارچىلىق، ھەتتا ئۆلۈم پاجىئەلىرىنى كەلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان قامال تەدبىرلىرىدە نۆۋەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار تەكرارلىنىۋاتامدۇ؟
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرلىرى» نىڭ يولغا قويۇلۇشىدا ئاممىنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك، داۋالىنىش ئەھۋالىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، ھازىرچە بىز تېخى نەق مەيدان بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئىسپاتلىمىغان سىن فىلىملىرىدە، بۇ رايونلاردا قىش مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان قامال تەدبىرلىرىدە، ئىسكىلات شەكلىدىكى چوڭ زاللارغا، چېدىر شەكلىدىكى ئاتالمىش كۆچمە دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇ جايلاردا سوغۇق ۋە ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقى، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەر-يېزىلاردا ئۆيلىرىگە بەند قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەر ئاشكارىلانماقتا.
ئۇيغۇر دىيارىدا يۇقۇم قامالى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تارقالغان سىن فىلىملىرىدا يەنە رايوندا يولغا قويۇلغان قاتتىق قامال تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ئۆز يۇرتلىرىغا كېتەلمەي قاپسىلىپ قالغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاغرىنىشلىرى ئىپادىلەنگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ تارقالماقتا.
بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرىدە، قامالدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا پۇل تېپىش ئۈچۈن كەلگەن بىر خىتاي كۆچمەن ئىلگىرى يوللىغان ئۇچۇرىدا، خىتايلارنى‹پۇل تېپىش قولايلىق، مال باھاسى تۆۋەن بولغان شىنجاڭغا كېلىڭلار، باي بولۇڭلار› دەپ دەۋەت قىلغان. ئەمما ئۇ يۇقۇم قامالىدىن كېيىن يوللىغان ئۇچۇرىدا، رايوندا يولغا قويۇلغان قاتتىق قامال تەدبىرلىرىدىن زارلىنىپ تۇرۇپ شىكايەت قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى گەرچە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال تەدبىرلىرىنى پۈتكۈل خىتايدا يولغا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قامال تەدبىرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان. بولۇپمۇ شىمالىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى بەزى جايلاردا بۇ خىل قامال داۋام قىلىۋاتقىنىغا 100 كۈندىن ئاشقان. مۇشۇنداق بىر شارائىتتا دائىرىلەرنىڭ‹يۇقۇم داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ› دېگەن باھانىدا، بۇ خىل قاتتىق قامال تەدبىرلىرىنى قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق كۈچەيتىپ يولغا قويۇشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرى» ئەمەلىيەتتە پۇقرالارنى كونترول قىلىدىغان سىياسىي قامالغا ئايلانغانىكەن.
تېڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيەسى يولغا قويۇۋاتقان‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرى›ئاللىبۇرۇنلا ئۆزىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىنى يوقاتقان. بەلكى يۇقۇم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان».
تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە مەزكۇر قامال تەدبىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ قەدەر ئۇزۇن ۋە كەڭ-كۆلەمدە داۋام قىلىشىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىشىدا يەنە بىر مەقسەتمۇ قوشۇلغان. يەنى بۇنداق بىر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. ئىلگىرىكى‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى›، ‹ئېتنىك قىرغىنچىلىق› دېگەندەكلەرگە ھازىر‹يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى› قوشۇلدى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئائىلىگە قەدەر كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنماقتا».
تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە يۇقۇم قامالى ھەققىدە خىتايلار تەرىپىدىن تارقىلىۋاتقان سىن فىلىملىرىغىمۇ دىققەت قىلغانلىقىنى، ئەمما خىتايلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئۇيغۇرلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«نۇرغۇنلىغان خىتايلارمۇ ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى ئاشكارىلىماقتا. ئەمما بۇلارنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. لېكىن ھازىر قەبىھلەرچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان‹يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش› سىياسىتىدىن ھېچكىممۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى دېسەك بولىدۇ. بۇ سىياسەت ھازىر ھەر بىر كىشىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلاندۇردى».
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى، نيۇ-يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىمۇ تېببىي نۇقتىدىن ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا «كورونا ۋىرۇس يۇقۇمى» غا 3 يىلدىن ئاشقان، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىلار ئەملىنىپ، يۇقۇم دۇنيا خاراكتېرلىك كونتروللۇققا ئېرىشكەن بىر مەزگىل ئىكەن. ئەمما خىتايدا «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالىنىڭ يەنە داۋاملىشىشدىكى سەۋەب، خىتاينىڭ خەلقئاراغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قامال سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن خەلقنى كونترول قىلىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانىكەن.
مەمەت ئىمىن يەنە بۇ خىل يۇقۇمنى قامال قىلىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق يولغا قويۇلۇشىدىكى مەقسەت ھەققىدىمۇ توختالدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» دەپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، نۆۋەتتە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدىكى قامال ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق داۋام قىلماقتىكەن.