ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم: رەسىملىك تارىخ (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇ ھادىسىنىڭ قانداقلارچە ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانلىقى ھەققىدە زور بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ گاڭگىراش تۇيغۇسىدا بولغانلىقى مەلۇم. بەزىلەر بۇ ئىشلارنىڭ تاسادىپىي پەيدا بولۇپ قالغان ئىجتىمائىي «سەۋەنلىك» بولۇشىنى تەخمىن قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن تونۇشلۇق بولغان ئەنگلىيەلىك ئوبزورچى ئىزابېل كوكرېل رەسىملىك تەسۋىرلەر قوشۇمچە قىلىنغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى: رەسىملىك تارىخ» تېمىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ ھەقتە غەرب ئوقۇرمەنلىرىگە سىستېمىلىق چۈشەنچە بەردى.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ ماكاننىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى ئىجاد قىلغان «يېڭى چېگرا» دېگەن نامدا «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ جاينىڭ زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە نازارەتنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا خىتايدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاياغلىشىپ 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغاندا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ھەمدە 1955-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قەغەز يۈزىدىكى ئاپتونومىيە بېرىلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «بېيجىڭ ئەنە شۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئىزابېلنىڭ بۇ ماقالىسى غەرب دۇنياسىدىكى كىشىلەرنى ئاساسىي نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نۆۋەتتە زور كرىزىس بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ يىلتىزىنى ئاممىباب ئۇسلۇبتا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئىزابېل ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى ئىشلەش نىيىتىگە كېلىپ قالغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

«بۇ ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدا سورىسىڭىز ئۆتكەن بىر يېرىم يىل مابەينىدە مەن ئۇيغۇرلارغا دائىر كۆپلىگەن مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولدۇم. ھەر قېتىم بۇ توغرىسىدا خەۋەر ئىشلىگىنىمدە ياكى بۇ توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ھېكايە شەكلىدە يېزىپ چىققىنىمدا بۇلارنى كۆزدىن كەچۈرگۈچى كىتابخانلىرىمنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە ئۆزۈم ئىشلىگەن خەۋەرلەردە سۆزلەپ ئۆتەي دېسەم سەھىپىسى چەكلىك بولغان ماقالەمدە بىر-ئىككى ئابزاس بايانلار بىلەنلا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ جەرياندا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىدا شىنجاڭدا ھازىر بولۇۋاتقان سىياسىي كرىزىسلارنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقى كۆلەمگە تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكىمۇ قادىر بولالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس قەلەم تەۋرىتىپ تەپسىلىيرەك، شۇنداقلا كىشىلەر ئاسانراق چۈشىنەلەيدىغان ئاممىباب ئۇسلۇبتا بىر ئەسەر يېزىش خىيالىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تىۋىتتىرنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلار بىلەن تونۇشتۇم. شۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بۇ ئەسەرنىڭ بايانلىرىغا كېرەكلىك رەسىملەرنى سىزىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.»

ئىزابېل ئەنە شۇ تەرىقىدە لۇتپۇللا تەخەللۇسىدىكى بىر سەنئەتكار بىلەن تونۇشتى. لۇتپۇللا بولسا ئىزابېلنىڭ ماقالىسىدىكى ئاساسلىق ئىدىيەلەرنى رەڭلىك سىزما ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ماقالىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇغان بۇ ماقالىنى ناھايىتى ياخشى ھەزىم قىلالايدىغان بىر ھالەت شەكىللەندى. ئىزابېلنىڭ بايانلىرىدىكى بىر مۇھىم تەسۋىر 1949-يىلى قەشقەر ھېيتگاھتا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى لەپىلدەپ ئۇزۇن ئۆتمەي باشلانغان سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ 1966-يىلى باشلانغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدە يېڭى پەللىگە چىقىشى بولغان. بۇ ھەرىكەتتە ماۋ زېدوڭنىڭ «تۆت كونىغا قارشى تۇرۇش» چاقىرىقىغا بىنائەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسچىتلەر ۋەيران قىلىنغان، ئۇيغۇرچە كىتابلار «ئەكسىيەتچىل» شەيئىلەر قاتارىدا مۇسادىرە قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. تېخىمۇ مۇھىمى «قايتا تەربىيە ئېلىش» ھەرىكىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭچە ھازىر شىنجاڭدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان رېئاللىقنى كۆپ جەھەتلەردە ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دەۋرىدىكى ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. قارايدىغان بولساق ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئاشۇ مۇدھىش ‹ئىنقىلاب›تىن ئۈلگە ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن ئېيتايلى: ئۇيغۇرچە كىتابلار تەكچىلەردىن تازىلىنىپ يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ساتىدىغان دۇكانلار تاقىلىۋاتىدۇ. مەن ماقالىدە ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا شۇكى، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە ئاللىقاچان يېتەرلىك مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بولغان مىليونلىغان خىتايلار ‹قايتا تەربىيە ئېلىش› نامىدا يېزىلارغا بېرىپ، جىسمانىي ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلانغان. شۇ قاتاردا شەھەرلەردە ئولتۇرۇشلۇق نۇرغۇن ياشلارمۇ ‹قايتا تەربىيە ئېلىش› ئۈچۈن يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن ھەمدە ماۋ زېدوڭنىڭ تەبىرى بويىچە ‹دېھقانلاردىن ئۆگىنىش›كە بۇيرۇلغان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىدا ‹قايتا تەربىيە ئېلىش› دېگەن چىرايلىق نامدا جۇلالىنىپ كەلگەن بۇ ئاتالغۇ ئارىدىن ئەللىك يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شىنجاڭدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭى بىر ئاپەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. بۇنى ئويلىساق ئادەمنىڭ راستىنىلا ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›دىكى ئىشلار قايتىدىن يۈز بېرىۋاتامدۇ نېمە، دېگۈسى كېلىدۇ. مەن سۆزلەشكەن ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئاشۇ دەۋرنى ھېلىھەم ئەسلىيەلەيدىغانلار بۇ ئىشلارنىڭ بىر-بىرىگە نەقەدەر ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئەمما شىنجاڭدىكى بۇ ‹قايتا تەربىيە ئېلىش› مەيلى قايسىلا جەھەتتىن قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى ‹قايتا تەربىيە ئېلىش› تىن كۆپ ۋەھشىيانە بولغان زور كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.»

ئون يىللىق مالىمانچىلىقنىڭ ئالدى-كەينىدە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئورۇندالغان زور كۆلەملىك خىتاي كۆچۈرۈش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.