ئۇيغۇر رايونىدىكى خىزمەت گۇرۇپپلىرىنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىلەرنى چوشقا گۆشى يىيىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. مەكىت ناھىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر خادىم ئۆزلىرىنىڭ ئاھالىلەرنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى» نامىدا خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېيىشكە تەشكىللەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، بۇ خىل پائالىيەتنىڭ پەيزىۋاتتىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان يەنە بىر خادىم بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئاھالىلەرنىڭ تاماققا سېلىنغان گۆشنىڭ چوشقا گۆشى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۆتكەن يىلى مارالبېىشىدىكى بىر ئۇيغۇر كادىر كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېغىزىغا چوشقا گۆشىنى سېلىۋاتقان ھالەتتە باشقىلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە دەۋەت قىلغان. ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تورلاردىن ئۆچۈرىۋېتىلگەن. يەنە شۇ مەزگىلىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تېمىسىدىكى بىر پارچە ماقالىدە «جوڭخۇا مەدەنىيىتى» دىن ھوزۇرلىنىشنىڭ ئېغىزدىن باشلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامەتلىرى» ھەققىدىكى ھۆججەت ۋە ئۇقتۇرۇشلىرىدا گەرچە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشى ئاشكارا تەشەببۇس قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشتا ھالال-ھارامنى ئايرىماسلىقنى ئوچۇق تەشەببۇس قىلىش ۋە ياكى ھالال-ھارامنى ئايرىشتا مەۋجۇت ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ چەك بېكىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئاھالىلەرنى يېپىق شەكىلدە چوشقا گۆشى يېيىشكە ئۈندىگەن. . بىز بۇ تۈر چاقىرىقلارنىڭ ئىجرائات ئەھۋالى ئۈستىدە ئالاقىدار خادىملاردىن مەلۇمات سورىدۇق.
ئەسلىدە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان، نۆۋەتتە مەكىت ناھىيەىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن بىر خادىم ئۆزلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» پائالىيىتى سۈپتىدە ئاھالىلەرنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى» نامىدىكى خىتايچە تاماقلارنى يېيىشكە تەشكىللەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ بۇ تاماقلاردا چوشقا گۆشى يوقلۇقى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بارلىقىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە سۆھبەتلەردە «چوشقا گۆشى ھارام» دېگەن گەپنى قىلىشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى» نامىدىكى خىتايلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېيىش پائالىيىتىنىڭ پەيزىۋاتتىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان يەنە بىر خادىم بۇ تاماقنى ئېتىشكە مەخسۇس شىئەندىن مۇ جۈن ئىسىملىك بىر خىتاي ئاشپەزنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بۇ خادىممۇ ئاھالىلەرنىڭ چوشقا گۆشى بار-يوقلۇقى ھەققىدە سوئال سورىيالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئوچۇق ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى» نىڭ مەقسىتى قورساق تويغۇزۇش ئەمەس، بەلكى «مەدەنىيەت سىڭدۈرۈش» ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ جەھەتتە ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيغۇر رايونىدىن يېقىندا چىققان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ھەرقايسىي ئورۇنلاردا پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا دائىرىلەر بەزى جايلاردا چوشقا گۆشى يېيىشنى يېپىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزى جايلاردا ئاشكارا ۋە تەھدىت ئارىلاش تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر تەشەببۇسقا ئائىت بىرەر يازما ھۆججەت ياكى ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلغان زۇمرەت داۋۇت، بۇنداق بىر ھۆججەتنىڭ قەشقەر ۋە خوتەنلەردە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان ئاھالىلىرىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى بىر كەنت سېكرىتارى ئەگەر ئالدىغا ئەكىلىنسە، ئۆزىنىڭ چوشقا گۆشى يېيىشنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.