ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودىسىدىكى «راكېتاچە ئۆرلەش» نىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

0:00 / 0:00

تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ياشلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانسېرى تەسلەشمەكتە. خىتاي ئىقتىسادى ۋە تاشقى سودىسى تۆۋەنلەۋاتقان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى كەسكىن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئىزچىل ئۆرلەپ مېڭىشى، چەت ئەللەردىكى ئانالىزچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2023-يىلى 21-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى 69.62 پىرسەنتكە يەتكەن.

ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن ئىدى. بۇ چەكلىمە خىتاي ئىقتىسادىغىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە زەربە بەرگەن.

خىتاي ھەققىدىكى تەتقىقاتتا غەرب دۇنياسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي ئانالىزچى، گەيت سىتون ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتنى ئېلىپ بارالماسلىقى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى يېقىن كەلگۈسىدە بارغانسېرى ئاستىلاپ ماڭىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىقتىسادى نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئەمما ئەڭ مۇھىمى كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارالماسلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. ھەممە ئادەم مۇنداق دەيدۇ: پارتىيە چوقۇم ئىستېمالغا يول ئېچىپ بېرىشى كېرەك، ئەمما ئىستېمالغا يول ئېچىش ئۈچۈن چوقۇم دۆلەت بانكىسىغا ئوخشاش دۆلەت ئورگانلىرىغا بولغان قاتتىق كونترول قىلىشنى ئۆزگەرتىش كېرەك. كومپارتىيە ئادەتتە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي قوللىشىغا تايانغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئورگانلار خىتايغا پايدىلىق ئۆزگەرتىشلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. شۇڭا ماھىيەتتە بىز خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستا ياكى تېز سۈرئەتتە چۆكۈشىگە شاھىت بولىمىز.»

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ تېما ھەققىدە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى؛ خىتايدىكى مائارىپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا بولغان سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە ياشلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنى بۇ كىرىزىسنىڭ ئىشارىتى، دەپ كۆرسەتتى.

«شىنجاڭ گېزىتى» دىكى مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورتى 80 پىرسەنت، باتارېيە ۋە ئېلېكتىر موتورلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ئېكسپورت قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 91.9 پىرسەنت ئاشقان.

ھالبۇكى، ئەنگلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزى 2022-يىلى دېكابىردا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەپسەندىچىلىككە چوڭقۇر چېتىلغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى. مەزكۇر دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، دۇنيا ئاپتوموبىل سانائىتى بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىيال، زاپچاس ۋە باشقا ئاپتوموبىل سايمانلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە تايانماقتا ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېسلا، ئاممىباب ماشىنىسازلىق شىركىتى، مېرسىدېس، فورد قاتارلىق 8 چوڭ خەلقئارالىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىيال ياكى ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغان. زاپچاسلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكادا سېتىشىغا بولمايدىكەن. تېسلانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇنىڭ لىتىي ئىيونلۇق باتارېيەسىنىڭ بىۋاسىتە مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىدىغانلىقى بىلىنمەكتە.

گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن دۇنيا بازىرىغا كىرگۈزۈپ سېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقنى تەكىتلىدى. «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئەرزان خام ئەشيا بازىسى سۈپىتىدە ئىشلىتەمدۇ؟ ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتەمدۇ؟ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن چەت ئەلگە چىقىرىپ ساتامدۇ؟ » دېگەندەك سوئاللىرىمىزغا قارىتا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«شۇنداق، ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 1948-يىلدىكى› ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى ‹دىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ. بۇ نومۇسسىزلىق. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قانۇنىنى ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىدىغان بولسا، بىز خىتايدىن قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە ئىمپورت قىلمايتتۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى قۇللار ئەمگىكى بىلەن ئىشلىنىدۇ. بۇ 1930-يىلدىكى خەلقئارا سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق، پىرېزىدېنت بايدىن ئىمزالىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا خىلاپلىق قىلغانلىق. خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ، خەلقئارا سودا بازىرىغا كىرگۈزدى. بۇنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. بىزنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردا مەقسەتلىك ھالدا قانۇن ئىجرا قىلمايدىغان بىر تۈركۈم رەھبەرلىرىمىز بار. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ نومۇسسىزلىق. دۇنيا خەلقى بۇ رەھبەرلەردىن ھېساب سورىشى كېرەك.»

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم دۆلەتلىرى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بەزى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ بۇ ماللارنى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكەپ سېتىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەرگىمۇ يۆتكەپ سېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوندا نېفىت تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش ۋە ئېچىش، قۇرۇلۇش پىلاستىك ماتېرىيالى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈر، ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسىپلەر توپى، ئاشلىق، مېۋە-چىۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشنى باشلىۋەتكەن. بۇ «8 چوڭ كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش توپى» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بولسا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان پاختا ۋە پاختا بۇيۇملىرى، توقۇمىچىلىق، شۇنداقلا يەنە ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن كۈنتاختا ياساشتا قوللىنىلىدىغان مېتاللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ خىلدىكى ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى ۋە خام ئەشيا مەنبەسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەننەرخى بەكلا ئەرزانغا توختاپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تاشقى سودا ئالاقىسىدىكى غايەت زور پايدىسىغا شارائىت يارىتىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان تۈرلۈك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورنى، مۇھىتى ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچ تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، شۇنىڭدەك «بەش چوڭ چارۋىچىلىق بازىسى» نىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىققان، كەلگۈسىدە چارۋا مال مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىش پىلانىنىڭ بارلىقى بىلىنمەكتە.