گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى «شىنجاڭدىكى زۇلۇم» نىڭ كونكرېت دېتاللىرىنى كۆرسەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.12.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئاز دېگەندە 8 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېۋىزوردا سۆزلەۋاتقان ئىلى ئوبلاست باشلىقى نۇرلان ئابدۇمالىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا. 2022-يىل 24-ماي.
AFP

گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى (ZDF) 20-دېكابىر كۈنى «خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار، شىنجاڭدىكى زۇلۇم» ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتتى. فىلىم قازاقىستاندا ياشاۋاتقان خالىدە ئاقىتقان ئىسىملىك ياشانغان بىر قازاق ئايالنىڭ خىتاي تۈرمىسى ۋە لاگېرلىرىدا غايىب بولغان 20 دىن ئارتۇق قېرىنداشلىرىنى ئىزدەش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تېرىشچانلىقى بىلەن باشلانغان.

فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، 2016-يىلى خالىدە ئاقىتقاننىڭ تېكەس ناھىيەسىدە ياشايدىغان ئورازخان ئىسىملىك چوڭ ئوغلى جۈمە نامىزىغا بارغانلىقى ئۈچۈن 25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئورازخاننىڭ ئايالى 5 ۋاق ناماز ئوقۇغانلىقى، ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇ 25 يىل كېسىۋېتىلگەن. ئوتتۇرانچى ئوغلى سېتىبالدى 25 يىللىق، كىچىك ئوغلى ئاخمەتجان 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. جەمەتىنىڭ 20 دىن ئارتۇق باشقا ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكى يوقكەن. خالىدە ئاقىتقان ھەپتىدە 4 قېتىم ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىش قىلىدىكەن.

فىلىمدا 11 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ 10 پىرسەنت بىلەن 20 پىرسەنت ئارىلىقىدىكى ئەزالىرىنىڭ 2018-يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ تۈرمىلىرى ياكى لاگېرلىرىغا قامىلىپ بولغانلىقى، بىر يېرىم مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە قازاقلارنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. قازاقىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەربول داۋلەتبېك ئۇيغۇر دىيارىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق غايىب بولغان قازاقلارنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىققان.

فىلىمدا برىتانىيەلىك بىناكار ئالىسون كىللىڭنىڭ 2020-يىلىغا قەدەر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن پايدىلىنىپ 348 لاگېرنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىققانلىقى، بۇ لاگېرلارغا ئاز دېگەندە 1 مىليون 14 مىڭ ئىنساننىڭ قامالغانلىقىنى بىنا ھەم ئۆيلەرنىڭ كۆلۈمىگە بىنائەن ھېسابلاپ چىققانلىقى، بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن بىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا بېرىپ، مەخپىي كامېرا بىلەن 18 لاگېرنىڭ ئورنىنى تاپقانلىقى ۋە ئۇنى فىلىمغا، سۈرەتكە ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ.

فىلىمدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى كامېرالار ۋە چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا ئاساسلانغان يۈكسەك نازارەتكە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر سابىق ئۇيغۇر ساقچى كامېرالارغا قىزىل، سېرىق، كۆك رەڭلىك كۆزىتىش دېتالى ئورنىتىلغانلىقىنى، ئەگەر بىر كىشىنىڭ چىرايى توغرىسىدا كامېرا قىزىل بەلگىنى كۆرسەتسە، ساقچىخانىدا جىددىي ئەھۋال سىگنالى ياڭراپ، ئۇ كىشىنىڭ شۇ ھامان تۇتۇلۇپ تۈرمىگە ياكى لاگېرغا سولىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئاۋاز سۈزۈش ئۈسكۈنىسىگە 18 مىڭ دانە ئاچقۇچلۇق سۆز ئورنىتىلغانلىقى، بۇ سۆزلەردىن خالىغان بىرىنى تىلغا ئالغان كىشىنىڭ شۇ ھامان نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقى، «ناماز»، «قۇر´ئان»، «كۆرۈشۈپ بىرگە تاماق يەمدۇق؟» دېگەندەك سۆزلەرنىڭمۇ ئاچقۇچلۇق سۆز ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.

44 مىنۇتلۇق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدا نۇرغۇنلىغان جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىگە، جازا لاگېرلىرىدىكى قېيىن-قىستاقلارغا، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى دەلىللەرگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كونكرېت يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

فىلىمدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن 2017-يىلىدىن باشلاپلا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيەسىنى ۋە بالا چۈشۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى، بىر سابىق ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ بۇ خىلدىكى ئوپېراتسىيەلەرگە كۆپ قېتىم قاتناشقانلىقى، ھەتتا 9 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنى چۈشۈرگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئازابلانغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئىپادە قىلىنىدۇ. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقمۇ بۇ خىلدىكى ئوپېراتسىيەنىڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، فىلىمدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىكى ئاياللارنىڭ سوراق جەريانىدا ساقچىلارنىڭ جىنسىي زوراۋانلىقىغا، ئاشكارا كوللېكتىپ باسقۇنچىلىققا، ھەتتا توك كالتەكلىرى بىلەن جىنسىي ئەزالارغا زەربىلەر بېرىشتەك ۋەھشىيلىكلەرگە دۇچ كېلىىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۈگۈن 20-دېكابىر بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ئازابلارنىڭ تەسىرىدىن ھازىرغا قەدەر قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

فلىمدا ئامېرىكادىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ بايانلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. ئۇ ئاتا-ئانىسى لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە بەند بولغان سانسىزلىغان ئۇيغۇر نارىسىدىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، يېتىمخانىلاردا نالە-پەرياد ئىچىدە ھايات كۆچۈرىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق پاجىئەنى سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ.

كۆڭۈللەرنى ئېزىدىغان يەنە بىر ۋەقە گوللاندىيەدە ياشايدىغان گۈلگىنە مەھمۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن پاجىئەدۇر. فىلىمدا بايان قىلىنىشىچە، گۈلگىنە مەھمۇتقا خىتاي تەرەپ تېلېفون قىلىپ «داداڭ ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا. ئەگەر ئوغلۇڭ پاكزاتنى ئەۋەتسەڭ، داداڭ قۇتۇلۇپ قالىدۇ. مۇبادا ئەۋەتمىسەڭ، داداڭنى ئىككىنچىلەپ كۆرەلمەيسەن. ئۇ تۈرمىدە ئۆلىدۇ» دەپ تەھدىت سالىدۇ. گۈلگىنە مەھمۇد «خىتايلار ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ كىچىك بالىغا چېقىلماس» دەپ ئويلاپ، دادىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن 16 ياشلىق ئوغلى پاكزاتنى يۇرتىغا ئەۋەتىدۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتمەيلا پاكزاتنىڭ 13 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. گۈلگىنە مەخمۇت دادىسىنى قۇتۇلدۇرالمايلا قالماستىن، سەبىي ئوغلىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.

فىلىمدا ئامېرىكا ھەم بىر قىسىم غەرب ئەللىرى پارلامېنتلىرىنىڭ قارارلىرىغا ئوخشاش، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ خىتاي زۇلۇمى ئۈستىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقارغانلىقى، بۇ ھۆكۈمنى چىقىرىشنىڭ ئالدىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر شاھىدلارغا «گۇۋاھلىقتىن ۋاز كەچ، ئەگەر سوتتا گۇۋاھلىق بەرسەڭ، داداڭ، ئاناڭ ئۆلىدۇ» دەپ تەھدىت سالغانلىقى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ سوتچىسى جىففېري نايىس ۋە ھامىد سابى ئەپەندىلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.