مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاينىڭ زور تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ»

0:00 / 0:00

كۆپ ساندىكى كىشىلەر سۇ توسمىسى ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش، ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش، سۇنى تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىدىغان قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا جىددىي داۋام قىلىۋاتقان «سۇ تېجەش» ۋە «سۇ باشقۇرۇش» تۈرلىرىنىڭ مەقسىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرمەكچى بولغان زور كۆلەمدىكى خىتاي نوپۇسىنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش، دەپ قارىماقتا. ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات - ماماتى ھەمدە سىياسىي تەقدىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېچىلغان سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى، بۇ يىل داۋاملىق قورۇلىدىغان 71 سۇچىلىق تۈرىنىڭ 53 تۈرىدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ جەمئىي 417 ئىكەنلىكى ، ھازىر 135 تۈردە ئىش باشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 9 -سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق «سۇ تېجەش» ۋە «سۇ باشقۇرۇش» تۈرلىرى دەپ ئاتالغان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسىدا، يەنى ئۇيغۇرلار ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا سۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتىكەن. دائىرىلەر 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر بۇ ئاساسلىق سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا جەمئىي 15 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. خىتاي دائىرىلىرى يوقۇرىقى سۇ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2021-يىلى خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر يىلى بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پىلان بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوڭ يى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ مۇخبىرغا: «بۇ يىل رايوندا 335 سۇ تېجەش تۈرى داۋاملاشتى ياكى يېڭىدىن قۇرۇلدى، 77 زاپاس تۈر ئۆزگەرتىلدى ۋە باشلاندى. 24 مىليارد 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، مۆلچەردىكى نىشاندىن ئېشىپ كەتتى. قۇرۇلۇشنى تېزلىتىشتە دۆلەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈلگەن 15 چوڭ سۇ تېجەش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، ئاراتاش قاتارلىق 7 تۈر ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى» دېگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان يەركەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلغان «ئاراتاش سۇ توسمىسى» 2019 -يىلى نويابىردا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. مەزكۇر سۇ توسما قۇرۇلۇشى 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ، خىتاي جەمئىي 10 مىليارد 986 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. خىتاي «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى 100 تۈرلۈك مۇھىم ۋە چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن بۇ قۇرۇلۇشنى ئۇيغۇرلارنى كەڭ - كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان بىر مەزگىلدە باشلىغانىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا «شىنجاڭدىكى سەنشيا» دەپ نام بەرگەنىدى.

ئاراتاش سۇ توسمىسى، 2020-يىلى 6-ئاي.
ئاراتاش سۇ توسمىسى، 2020-يىلى 6-ئاي. (ts.cn)

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنى باشلاپ ئىشقا كىرىشتۇرگىچە بولغان ئارىلىقتا، رادىيومىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەركەن دەرياسى ۋادىسىدىكى نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى مەجبۇرىي يۆتكىگەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدى.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەكشۈرگەن ۋە تەتقىق قىلغان ئامېرىكادىكى مۇتەخەسىسلەردىن مىئامى ئونىۋېرستېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان پروفېسسورى سىتانلى تۇپىس (Stanly Toops) ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ۋە كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان ئاراتاش سۇ توسمىسىنى سەنشيا توسمىسىغا ئوخشىتىىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى، ھەتتا كۈلكىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: « سيەنشا توسمىسى خىتايدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىغا قۇرۇلغان غايەت زور توسمىسىدۇر. ئۇ كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىشنى مەقسەت قىلغان، چۈنكى خىتايدىكى چاڭجياڭ ۋە باشقا دەريالارنىڭ ھەممىسى يامغۇر سۈيىنى ئاساسلىق مەنبە قىلىدۇ. يامغۇر كۆپ ياغىدىغان خىتايدا بۇ توسمىلار مۇھىم ئېكولوگىيەلىك تەدبىر. ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريالار تۈپ مېخانىزىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەرقلىق. يەنى تارىم دەرياسى، يەركەن دەرياسى قاتارلىق ئىچكىي قۇرۇقلۇق دەريالىرى تاغلاردىكى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشىدىن پەيدا بولغان سۇلاردىن شەكىللەنگەن پەسىللىك دەريالاردۇر. تارىم ئويمانلىقىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي ئاساسى، بولۇپمۇ دېھقانچىلىق، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى، ھەتتا تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىنى ھاسىل قىلغان يەكەن دەرياسى ۋە باشقا ھەر قايسى تارماق دەريالارنىڭ ئاز مىقداردىكى چەكلىك سۈيىگە تايىنىدۇ».

ستانلى تۇپس ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك دەريا-ئېقىنلىرىنىڭ باش مەنبەلىرىدە ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى «مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەت» دەپ تەنقىد قىلدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قانداق تەرەققىياتى، ھەم ھازىرقى زامان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئېھتىياجىغا زىيان سالماسلىقى كېرەك. ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەتقىق قىلغان ماڭا ئوخشاش چەت ئەللىك ئالىملار، تارىم ئويمانلىقىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزكۇر رايوننىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئالىبۇرۇن بوستانلىقتىكى سۇ ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى. ھاياتلىق مەنبەسى بولغان سۇ ھەققىدە توختالغاندا، تارىم دەرياسى ھاۋزىسىنىڭ ئەمەليەتتە ئېكولوگىيەسى ئەڭ ئاجىز رايون ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ رايون ھاۋاسى قۇرغاق، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ، تىپىك ئىچكىي قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا تەۋەدۇر. ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكلىك سۇ مەنبەلىرىگە خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا قۇرغاندەك، ئۇ قەدەر زور توسما قۇرۇش ئىلمىي ئەمەس، بەلكى تەبىئەتكە قارشى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يۈرگۈزىلىۋاتقان بىر سىياسي تەدبىر.»

ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەنبەلىرى، تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە بىخەتەرلىكى ھەققىدە 15 يىلدىن ئارتۇق تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان، ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۆزىنى «ئابلەت» دەپ تونۇشتۇرغان ئېكولوگىيە پەنلىرى دوكتورى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، تارىم دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى نەزەرگە ئالغاندا، كەلگۈسىدە بۇ سۇ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق ھاياتلىق مەنبەلىرىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا، تەڭپۇڭلۇقىغا ۋە مېخانىزىمىغا زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق سۇ تېجەش تۈرلىرىدىن — قۇرۇم تېغى باغرىدىكى خوتەننىڭ نىيە سۇچىلىق تۈگۈنى، يورۇڭقاش سۈيىنى كونترول قىلىش تۈرى، چوڭتاش جىلغىسى سۇ قۇرۇلۇش تۈرى، خوشۇت سۇ ئامبىرى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ تەۋەسىدىكى قورغان دەرياسى سۇ ئامبىرى قاتارلىق زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىلىرىنىڭ ھەممىسى، تاغ قاپتىلىنى توسۇش ئارقىلىق سۇنى مەنبەلىرىنى بوغۇپ ياسالغان چوڭ توسمىلاردۇر.

كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، خىتاينىڭ مۇھىتقا ئەمەس، بەلكى پايدا-مەنپەئەتكە ئاساسلانغان، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىنمىغان، شۇنداقلا سۇ مەنبەلىرىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلمىغان ھەر قانداق قۇرۇلۇشنىڭ كەلگۈسىدە مۆلچەتلىگۈسىز ئېغىر ئېكولوگىيەلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرماقتا.