خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تارقاتقان خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ھېلىھەم ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. بولۇپمۇ، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ (گوۋۇيۈەن) ئۇيغۇر ئېلىگە «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بىرلەشمە گۇرۇپپىسى» نامىدا مەخسۇس ئۆمەك ئەۋەتىشى بۇنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.
بۈگۈن يەنى، 15- ئاۋغۇست كۈنى دائىرىلەر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىغاندا 8-ئاينىڭ 14 -كۈنى سائەت 24:00 كېچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 343 نەپەر كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان يۇقۇمدارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2334 ئادەمگە يەتكەن.
خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتى تەرىپىدىن مەخسۇس يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ھەيئەت 12- ئاۋغۇست كۈنى كەلگەن بولۇپ، بۇ ھەيئەتنىڭ باشلىقى بولغان خىتاي سىەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېي خەيچاۋ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
لېي خەيچاۋ سۆزىدە :«خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇپ،.... يۇقۇمنىڭ كۈچىيىشىدىن ساقلىنىشى، بارلىق جايلار جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى، يۇقۇمسىز رايونلاردا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئۇنى تېزدىن ئازايتىشقا تىرىشىشى، توختاپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك يولغا چىقىش پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك» دېگەندەك يوليورۇقلارنى بەرگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قامالنىڭ رايوندىكى خەلقنىڭ ھاياتىغا زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا دائىر ۋىدىيو كۆرۈنۈشلىرى ئاللىقاچان كۆپلەپ تارقىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، يۇقىرىدىكى ھەيئەتنىڭ زىيارىتى رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاتالمىش ‹نۆل ۋىرۇس› قامال تەدبىرلىرىنىڭ ئالدىراپ ئاياقلاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
«خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» ( CHRD) ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تەتقىقات ۋە پائالىيەت ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋىليام نى بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتايدا ئىلگىرى شاڭخەي قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىمۇ يولغا قويۇلغان ۋە ھېچقانداق مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلۇشىنىڭ كىشىنى يەنىمۇ بەك ئەندىشىلەندۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« بۇ نۆل ۋىرۇس سىياسىتى يۇقۇمنى تىزگىنلەشتە ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر سىياسەت بولمىسىمۇ ئەمما ئۇ بىۋاسىتە ھالدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن يوليورۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، قاتتىق قوللۇق تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە ساداقىتىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالغان. ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلسەك بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى رەھبەرلىكنىڭمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئۇ يەردىكى ئەمەلىيەت قاتتىق قامال ئاستىدا. ئۇيغۇرلار چەتئەللەر بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ، شۇڭا بىز قاتتىق قوللۇق قامال سىياسەتلىرىنىڭ خەلققە نېمە جاپالارنى سېلىۋاتقانلىقىنى تولۇق بىلەلمەيمىز. شاڭخەيدىكى قامال جەريانىدا بولسا بىز ھېچ بولمىغاندا يۈز بېرىۋاتقانلارنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۈندىدار ۋە ۋېيبولارغا چىقارغان يوللانمىلىرىدىن كۆرۈپ تۇرغان ئىدۇق. ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئۇنداق قىلىش ئىمكانى يوق. ئۇلار ئەگەر شىكايەت قىلسا چوقۇم سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلۈپ تۇتقۇن قىلىنىشى مۇمكىن.»
دەرۋەقە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ليۇ چىڭخۇا يېقىندا يۇقۇم ھەققىدىكى بىر دوكلات يىغىنىدا سۆز قىلغاندا: « كەڭ ئامما داۋاملىق سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئۆيدىن چىقماسلىق، يۆتكەلمەسلىك، توپلاشماسلىق، ئۆزىنى قوغداش، ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداش، گۈزەل ئىلىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك... ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق، ئىغۋا توقۇماسلىق كېرەك.» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.
خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ليۇ چىڭخۇا غۇلجىدىكى يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلەپ «يېقىنقى كۈنلەردە غۇلجا شەھىرىدە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەۋپ ـ خەتىرى زورىيىۋاتىدۇ، يۇقۇم ئومۇمىي ۋەزىيىتى يەنىلا تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ۋەزىيەت كەسكىن، مۇرەككەپ» دەپ كۆرسەتكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت بويىچە 100 كۈنلۈك قارا كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغانىدى. رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ يىل سېنتەبىردە ئېچىلىدىغان كومپارتىيەنىڭ قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا باشلانغان مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە بىر تۈركۈم قارا گۇرۇھلارغا، جىنايەت شايكىلىرىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندە ئىلگىرىكى يىللاردا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى»، «بۆلگۈنچى»، «دىنىي ئەسەبىي» ۋە «تېررورچى» لارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنى، يەنى «توردىن چۈشۈپ قالغان» لارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. نۆۋەتتە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىرۇسنى كونترول قىلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ قاتتىقلىشىپ كېـتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ۋىليام نى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئۇيغۇر ئېلىدا يۇقۇم تەدبىرلىرىنىڭمۇ خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«گەرچە بۇ يۈز كۈنلۈك قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسلىدە بىر تۈركۈم يەر ئاستى، مافىيە (قارا گۇرۇھلار) تۈرىدىكى گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىش دېگەنلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدەك رايونلاردا بۇنداق ھەرىكەتلەر كۆپىنچە ھاللاردا دىنىي پائالىيەتلەرگە، دىنىي گۇرۇپپىلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىدىغان شەخسلەرگە زەربە بېرىدىغان ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كەلدى. بىز تەتقىقاتلىرىمىزدا خىتايدا يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا يۇقۇم مەزگىلىدىكى قامال تەدبىرلىرىنىڭ رايوندىكى خەلقلەرنى سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىش خەۋپى ئىنتايىن زور.»
مەلۇم بولۇشىچە، مەركەزدىن كەلگەن مەخسۇس ئۆمەكنىڭ يوليورۇقلىرىدىن كېيىن يەنى 13- ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئىلى ئوبلاستىغا، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بولسا بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستىغا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ جايلاردىكى تەكشۈرۈش ۋە يوليورۇقتا بولغان ئىكەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان « شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ما شىڭرۇي ئىلى ئوبلاستىدىكى مەزگىلىدە قىلغان سۆزىدە «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ.... تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز جايىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تېخىمۇ كەسكىن پوزىتسىيە، تېخىمۇ تېز ھەرىكەت، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ سۆز قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستىدا يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش جۈملىلەرنى تەكرارلاپ، يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ۋىليام نىغا ئوخشاش كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان يۇقۇمنى قامال قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئاممىسىغا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي نوپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقان – چارۋىچى، قول ھۈنەرۋەن، ئۇششاق تىجارەتچى ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا پەيدا قىلىۋاتقان تەسىرىنىڭ خەلقئارادا بەكرەك تەسىر قوزغىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.