«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى PBS نىڭ «ئالدىنقى سەپ» پروگراممىسىدا ئەنگلىيەلىك داڭلىق رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى روبىن بارنۋېلنىڭ «خىتايدىكى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى قويۇلغان.
ئالدىنقى سەپ» پروگراممىسىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە: «خىتاينىڭ مەخپىي رايونى ھەققىدىكى مەخپىي دوكلات» دېگەن قوشۇمچە ماۋزۇمۇ ئەسكەرتىلگەن.
بىز مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن PBS نىڭ «ئالدىنقى سەپ» پروگراممىسى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. پروگراممىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى دىرېكتورى ئەننى خاستىد بىزنى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىدى.
ھۆججەتلىك فىلىمدا خىتاينىڭ قاتتىق رىجىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ تراگېدىيەلىك ھاياتى ئېچىپ بېرىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەمدە تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىۋاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ھەر كۈنى ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ تەكشۈرىدىغانلىقى، يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئاستىدا ھېچكىمنىڭ بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقى ئىنتايىن جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«زىمىستان» تورى بۇ فىلىم ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە: «بۇ ناتسىستلار گېرمانىيەسى ئەمەس، بۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر رايونى. ئۇيغۇر دىيارىنى ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن سېلىشتۇرۇش يېتەرلىك بولمايدۇ،» دېگەن.
بىز بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنىڭ رېزھىسسورى روبىن بارنۋېل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
روبىن بارنۋېل فىلىمنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز بۇ فىلىمنى 2018-يىلى ئىشلەشكە باشلىغان. ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەقىل تېلېۋىزىيە قانىلىدا ‹رەقەملىك گۇلاگ سىستېمىسىدىكى رېجىم› دېگەن نامدا قويۇلدى. ئۇنىڭدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ئاساسلىق تېما قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىم قويۇلىدىغان فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ ‹لاگېردىكىلەرنى قويۇۋەتتۇق› دېگەن باياناتىدىن كېيىنكى لاگېرلاردا قالغان كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە، زاۋۇتلارغا يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى نازارەت سىستېمىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى.»
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە تەرجىمانى رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ فىلىمنىڭ روياپقا چىقىشى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسى بىلەن قاتتىق باستۇرۇلۇش ئەھۋالىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشنى قارار قىلغان.»
ھۆججەتلىك فىلىم ئاساسلىقى ئىككى نۇقتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە لاگېر سىرتىدىكى «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە».
فىلىمدا فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ، لى فامىلىلىك بىر ئەزاسى سودىگەر سىياقىدا ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارنى ئايلانغان. ئايلىنىش جەريانىدا خىتاي ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوقمۇ؟» دەپ سورىغىنىدا، بىر خىتاي ساقچى: «ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.
فىلىمدا «ئۇلار چاشقانغا ئوخشاش تەجرىبە ماتېرىيالى، يېڭى ئۇسۇللار ئۈچۈن ‹يوشۇرۇن مەنبە› قىلىنىدىكەن. يەنە ئېغىر دەرىجىدە ئىرقىي كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىكەن،» دېيىلگەن.
فىلىم رېژىسسورى روبىن يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك نازارەت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ سىستېمىنى يەنە باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە كېڭەيتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىم پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىز بۇ خىل نازارەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئىسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى كۆرۈشنى ئەسلا خالىمايمىز.»
بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى 2019-يىلى 25-مارتتا «تارىخ» قانىلىدا «خىتاينىڭ قاراڭغۇ تەرىپى» دېگەن نامدا ئىتالىيان تىلىدا قويۇلغان.
«زىمىستان» تورى يەنە بۇ فىلىم ھەققىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئەيىبلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مۇشۇنداق كۈچلۈك نازارەت سىستېمىسى ئاستىدىكى دۆلەتنىڭ قاباھەتلىك بىر چۈش ئىكەنلىكىنى دۇنيا ئەمدى بىلىشى كېرەك.»
0:00 / 0:00