خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا داۋاملىق قارا قولىنى سوزۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2023.01.20
ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا ئېلان قىلدى! ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا ئېلان قىلدى!
Yettesu

ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارغا ۋە ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ئۇسۇلدا تەھدىت سالغانلىقى ئاشۇ تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى. ئەمدىلىكتە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدا ياشاۋاتقان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى ئۇ سىياسىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئوخشاشلا خىتاينىڭ بۇ خىل چەتئەللەرگىمۇ يېيىلغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش تورىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىى كۆرۈلمەكتە.

رادىيومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئىنكاسلار ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۇيغۇرلار ئاشكارىلىغان پاكىتلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىلىق ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتىكەن. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ مەخسۇس ئەۋەتكەن جاسۇسلىرىمۇ ۋە شۇنىڭدەك خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىم-تەھدىتلىرىگە باش ئېگىپ، ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلارمۇ ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى، مۇھاجىر ئۇيغۇرلار نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ كېلىۋاتقان بىر جاي. بۇ نۆۋەت زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى بىر ساتىراشخانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەت ۋە ئۇچۇرىنى خىتاي ساقچىسىغا يوللاۋاتقان بىر ئۇيغۇر نەق مەيداندا پاش بولغان.

پايلاقچى خېرىدار بىلەن يۈزلەشكەن ساتىراش

2016-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا ساتىراشخانا ئېچىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كېلىۋاتقان ساتىراش ياسىنجان رادىيومىزغا ئۆزىنىڭ ساتىراشخانىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى پاش قىلدى. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، زەيتۇنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر ساتىراشخانىسىنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى مۇشۇ مەھەللە-كويدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر بولۇپ، ياسىنجان ئۇستام 11-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە دۇكىنىغا كىرگەن 30 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر خېرىدارنى مۇلازىمەت نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، يەنە ئالدىراش ئىشىغا كىرىشىپ كەتكەن. بۇ يېڭى مېھماننىڭ بىر ئاز غۇدۇڭشىغاندىن كېيىن تېلېفوندا ساتىراشخانىدىكىلەرنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقى، ئارىلاپ يەنە سىرتقا چىقىپ سۈرەت تارتقانلىقىدەك گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى ياسىنجان ئۇستامنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. بۇ، ساتىراشخانىدىكى باشقا دائىملىق خېرىدارلاردىمۇ گۇمان قوزغىغان.

ياسىنجان ئۇستامنىڭ دۇكىنىدا مەخپىي سۈرەت تارتقان بۇ گۇمانلىق ئۇيغۇرنىڭ يېنىدىن ئىككى تېلېفون چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھۈسەنجان مۇتەللىپ ئىكەن. ئۇ، «ئۆزىنىڭ خوتەندىكى بىر ساقچىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ دۇكانغا كېلىپ تېلېفوندا ياسىنجاننىڭ دۇكىنىنى ئىچى-سىرتىدىن رەسىمگە تارتقانلىقىنى، تارتقان رەسىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئۇ دۇكاننىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ خوتەندىكى خىتاي ساقچىسىغا ئەۋەتكەنلىكى» نى ئىقرار قىلغان.

پايلاقچىنىڭ ئىقرارى

ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىشقا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئانىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىپ تەھدىت سېلىنغاچقا ئامالسىزلىقتىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئېيتىپ، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىپ ساتىراشخانىدىن ئايرىلغان.

خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كلاسسىك تاكتىكىسى-ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش

ئۇنىڭ تېلېفونىدا بىر خوتەن ساقچىسىنىڭ تۈركىيە نومۇرى ئارقىلىق قوشقان ئۈندىدار ئالاقىسى بولۇپ، بۇ ساقچىنىڭ تۇزاققا چۈشكەن بۇ پايلاقچىغا قانداق ۋەزىپىلەرنى بۇيرىغانلىقىمۇ پاش بولغان.

تۇيۇقسىز بىۋاسىتە مەزكۇر پايلاقچى بىلەن يۈزلەشكەن ياسىنجان ۋەقە يۈز بەرگەن پەيتنىڭ ئۆزىدە، نېمە قىلىشنى، تۇتۇلغان مەزكۇر پايلاقچىنى قانداق بىر تەرەپ قىلارىنى بىلمەي ئارىسالدى بولغان ۋە باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىھەتلىرى بىلەن ئۇنى قويۇپ بەرگەن. ئەمما ياسىنجان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ دۇكىنىغا «جاسۇس ئەۋەتكەنلىكى» ئۇنى «ھەر خىل ئەندىشىلەرگە سېلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

ياسىنجاننىڭ ئېيتىشىچە ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ، 3-قېتىم خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىشى ھېسابلىنىدىكەن. ئالدىنقى قېتىملىرىدا خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۆزى ۋە ئايالىغا تۇغقانلىرى ئارقىلىق تەھدىت سالغانىكەن.

ياسىنجاننىڭ ئايالى خەدىچە بولسا تۈركىيە قانۇنىي ئورگانلىرىغا بۇ مەسىلىنى پاش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىش خەۋپى بولغان، خىتاينىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان جاسۇسلۇق تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش تەرەپدارى ئىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانلاپ چەتئەلگە سالغان تورى كېڭەيمەكتە

ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2021-يىلى ئۆكتەبىردە «ئائىلىڭىز بەدەل تۆلەيدۇ: خىتاينىڭ ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىشى ۋە ئۇلارغا قورقۇنچ سېلىشى» سەرلەۋھىلىك 65 بەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا، 19 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ 22 دۆلەتتىكى «1-دەرىجىلىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 5530 مىسال كۆرسىتىلگەن. «1-دەرىجىلىك دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش» شەخسلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتلەرنى، خىتاي دائىرىلىرى ياكى ئىنتېرپول قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئارقىلىق چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دوكلاتتا قورقۇتۇش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خەۋەر قىلىنمايدىغانلىقى ۋە بۇ خىل پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر دوكلاتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مۇنداق خۇلاسىلەنگەن: «چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاجىز بىر توپلۇق، ئۇلار پەقەت تور تېخنىكالىرىغا تايىنىپ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى سەۋەبىدىن ئۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ قورقىتىشىغا، تەھدىتىگە ۋە ھەر تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا».

ئىگىلىشىمىز جەريانىدا، ئونلىغان ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توختىماي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق تەھدىت قىلىشىغا، ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاۋاگەرچىلىككە قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەھدىتلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيارەت قىلىشىمىزنى رەت قىلدى.

بۇ تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلار ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماسلىق ئارزۇسىدا، يانفونىغا ئۈندىدار ۋە تىك-توكنى قاچىلىغانلار ئىكەن.

خىتاي ئىستىخپاراتىنىڭ رەزىل تاكتىكىلىرى

2013-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياشاۋاتقان، ئەسلى يۇرتى قاغىلىقلىق ئابدۇكېرىم تۈركىيە گىراژدانى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن بۇيان خىتاينىڭ شۇ خىل تەھدىت تېلېفونلىرىدىن قۇتۇلالماي كەلگەنلىكىنى، دەسلەپ ئانىسىنى گۆرۈگە ئېلىپ، ئانىسى ئارقىلىق بېسىم ئىشلەتكەن بولسا، 2020-يىلى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا پاراكەندىچىلىك سېلىشنى توختاتماي قېرىنداشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پەش قىلىپ تۇتۇپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئابدۇكېرىمگە قاغىلىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ساقچىسىنىڭ ئەۋەتكەن تەھدىتلىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتالمايۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ مەجبۇرىي ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە چوڭقۇر روھى ئازابتا ياشاۋاتقانلىقىنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىر ئاجىزلىق بىلىپ، مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغا پسىخىكىلىق بېسىم ئىشلىتىش، پسىخىكىلىق خورلاش ئېلىپ بېرىش ۋە تەھدىت ئىشلىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرماقتا. قاغىلىقتىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۈندىدار ئارقىلىق ئابدۇكېرىمگە ئۇنىڭ ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق تاكتىكىلىك تەھدىت ئۇچۇرلىرى يوللىغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇپ ۋە پاراكەندىچىلىكىنىڭ تۈركىيەدىلا ئەمەس ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوخشاش مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تۈركىيەدە تېخىمۇ ئېغىر ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر قانچە خىل سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى يەنە ئۆزلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ئۇسۇللار بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقانلىقى ۋە قورقىتىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتتى.

خىتاينىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قارا قولىنى ۋە تاكتىكىلىرىنى ئاشكارىلىغان يۈسۈپجان ئەمەت، 2018-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ تۈركىيەدە مەتبۇئاتلارغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئائىلىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى سەۋەبىدىن 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيە ۋە ئافغانىستاندا خىتايغا ئىشلەشكە، يەنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. يۈسۈپجان 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا ئىستانبۇلدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ مېيىپ قىلىپ قويۇلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئاۋجىلار رايونىدا ئارقىسىدىن ئىككى پاي ئوق تېگىپ يارىلاندۇرۇلغان. ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلغان ئىككى جىنايەتچى تۇتۇلغان بولسىمۇ، بۇ ئېغىر جىنايەتنى سادىر قىلغان جىنايەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي ئاداۋىتى تۈپەيلى سادىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى ئەسلى جىنايەتچىلەرنى يوشۇرماقچى بولغان. بۇ دېلو يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم، ئەمما بۇ ۋەقە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ زور ئەندىشىگە سالغانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئۇسۇللىرى خەلقئارالىق قانۇن-قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە تىنچ نامايىش قىلىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى ئامېرىكا ۋە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى پاراكەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە. يېقىندا FBI ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى فېيسبۇكقا ئېلان چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە باغلىق بولغان ئامېرىكادىكى يامان غەرەزلىك ئورگانلارنىڭ پاراكەندىچىلىك قىلىشى ياكى رەقەملىك ئىز قوغلىشىغا ئۇچرىغان خىتاي تىللىق كىشىلەرنىڭ دەرھال ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان تەھدىتلەر توغرۇلۇق ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ قارا قولىنى سوزۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە بىخەتەر ۋە خاتىرجەم ياشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۆمەر قانات ئەپەندى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان بۇنداق تەھدىت ۋە ئاشكارا جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى يالغۇز ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئەمەس بەلكى تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.