خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تۈركۈملەپ ئوقۇتقۇچىلىققا جەلپ قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا ئوقۇتقۇچىلىققا جەلپ قىلىش تەشۋىقاتى بارغانچە كۈچەيگەن. بۇ خىل تەشۋىقاتلاردا يەنە ئىلگىرى ئىككى يىللىق توختام بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ياشلىرىنى «بۇ زېمىندا مەڭگۈ يەرلىشىش» كە رىغبەتلەندۈرىدىغان تەشۋىقات خەۋەرلىرىمۇ كۆپەيگەن.

21-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە «شىنجاڭغا يەرلىشەيلى، بۇ يەردە كەڭرى دۇنيا بار» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە «شىنجاڭغا ئىككى يىللىق ياردەم» گە كەلگەن خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن خوتەندە داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى تاللىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ بۇ رايوندا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» قارارى مەدھىيەلەنگەن. ماقالىدا يەنە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىككى يىللىق توختام بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوقۇتقۇچىلىققا كەلگەن خىتاي ياشلىرىنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان جايلاردا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىشى» تەشەببۇس قىلىنغان.

بۇ يىل 7-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر رايونىدا «يىلتىز تارتىش» قا چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا «مەڭگۈلۈك يىلتىز تارتىش» قا چاقىرىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، يەنى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بارلىق شەھەر-يېزىلىرىدا يەسلىدىن تارتىپ ئاساسىي مائارىپ سىستېمىسىدىكى بارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى خىتايچىلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ئەمەلدىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ئىگىلىگەن. ھەتتا 2017-يىلى باشلانغان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپلەردىن تامامەن سېقىپ چىقىرىلغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇلار بۇنىڭ «خىتايدا ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش» تىن باشقا يەنە تېخىمۇ مۇھىمى «ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي مائارىپىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان» لىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دائىرىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن نۆۋەتتە خىتايدا ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق بېسىمىنى ھەل قىلىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار سىقىپ چىقىرىلغان مەكتەپلەردە خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېز ئارىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

2016-يىلى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ، گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەندىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئارقىلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇللار ئارىش ئەپەندى ئىلگىرى يەركەن ناھىيىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئىكەن.

ئابدۇللا ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل باھانىلەردە مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئەسلىدىكى تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىغا خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپلەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۆزى ئىشلىگەن يەركەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ بايان قىلدى.

خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى رايوندا ئاللىقاچان باشلاپ بولغان «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى تامامەن خىتايچىلاشتۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكەن. 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ دائىرىلەر «دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتۈنلەي خىتاي تىللىق مەكتەپلەرگە ئايلاندۇرغان. 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئاشكارا ئېلان چىقىرىش شەكلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن نەچچە ئون مىڭلىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۇقىرى مائاش ۋە يۇقىرى تەمىنات بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرگەن.

ئابدۇللار ئارىش ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپلەرگە يەرلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالىدىغان ئۇيغۇر مائارىپى تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزى نىشان قىلغان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېزلەشتۈرۈشكە مەيدان ھازىرلىغان.

رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى 2016-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى غۇلجا شەھەرلىق مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەندە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم غۇلجادىكى مەكتەپلەردە خىتاي تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇملىشىۋاتقاقانلىقىنى ۋە خىتاي تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىددىي تۈردە قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.